ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئېلېكترونلۇق لۇغەت ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-12-08 20:58:05 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


图片3.gif


ئېلېكترونلۇق لۇغەت ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى


ئاپتورى: ياسىنجان نىزامىدىن، فۇكاڭ شەرقىي جۇڭغار ماي يىغىش زاۋۇتى قوغداش بۆلۈمىدىن


زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت، كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئاساس قىلىنغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئاساسىي ئۇچۇر ساقلاش بىرلىكى قىلغان، تىل ئۆگىنىش تىپىدىكى كۆپ خىل ۋاسىتىلىك يۇمشاق دېتال قورالى بولۇپ، ئادەتتە كومپيۇتېر لۇغەت ياكى تور لۇغىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لۇغەتنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە ئۆلچەملەشتۈرۈلۈپ ئورتاق بەلگە قويۇلغان سۆز (SGML) ۋە كېڭەيتىپ بەلگە قويۇشقا بولىدىغان سۆز (XML) قاتارلىق ئادەتتىن تاشقىرى ھۆججەت تىلى شەكلىدە كودلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يۇمشاق دېتال قورالى شەكلىدە ئىشلىتىلىدۇ ياكى تور ۋاسىتىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. مەيلى ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتكە تەئەللۇق بولغان ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت (كومپيۇتېر لۇغەت) بولسۇن ياكى تور لۇغىتى بولسۇن ۋە ياكى ئوپتىك دىسكىلىق ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت بولسۇن، ھەممىسى لازېر نۇر دەستىسىدىن پايدىلىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق رەقەم كود سىگنالىغا  ئايلاندۇرۇلغان لۇغەت مەزمۇنىنى يۇمشاق دېتالغا ئايلاندۇرۇش ياكى ئوپتىكىلىق دىسكىغا قاچىلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر كومپيۇتېر ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە ئارقىلىق ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇپ پايدىلىنىدۇ. بىزگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق لۇغەت نەشرىياتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس بولغان ۋەكىل خاراكتېرلىك مەخسۇس تور بېكەتلىرىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تور لۇغەت بېكەتلىرىدە، ئادەتتىن تاشقىرى زەنجىرسىمان ئۇلىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق باشقا تور لۇغەت بېكەتلىرى بىلەن بولغان ئۇلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتە تورغا چىقىش ئارقىلىق، ئېھتىياجلىق بولغان سۆز ۋە ئاتالغۇلارنى تېزلىكتە ئىزدەپ تېپىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
كومپيۇتېر تېخنىكىسى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن تور ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ سەرخىللىشىشىغا ئەگىشىپ، تور لۇغەتچىلىك ئىشلىرى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ زورايدى. تەرەققىي قىلىۋاتقان تور لۇغەتچىلىكى تېخنىكا ئۈستۈنلۈكى كۈچلۈك، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ھەرىكەتلىك ھالىتى كۆپ ئۆلچەملىك بولۇش ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت قىلىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
1. تېخنىكا ئۈستۈنلۈكى كۈچلۈك
(1) تىل ماتېرىيالى ئامبىرىنىڭ بايلىقى مول ھەم ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك. تور لۇغىتى بىلەن ھازىرقى زامان تىل ماتېرىيالى ئامبىرىنىڭ زىچ بىرلەشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە، تور لۇغىتى كۈچلۈك ئوبيېكتىپ پايدىلىنىش بايلىقىغا ئىگە قىلىندى. ھازىرقى زامان تىل ماتېرىيالى ئامبىرى توپلىغان تىل ماتېرىياللىرىنىڭ مىقدارى زور، تىل دائىرىسى كەڭ، ئۇچۇر مەلۇماتلىرى تولۇق، سۆزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاساسىي لۇغەت تەركىبى ۋە ئاساسىي لۇغەت تەركىبىنى تەمىنلەيدىغان سۆز مەنىسى، جۈملە تۈزۈلۈشى بىلەن تىل مەنىسى تەركىبىنىڭ خۇسۇسىيەت ئۇچۇرى قاتارلىق جەھەتلەردە، قولدا ئىشلەنگەن تىل ماتېرىيالى ئامبىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدىغانلىرىدىن باشقا يەنە، كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تارماق سۆزنى ۋە گىرامماتىكىلىق بەلگە سېلىشنى ئاپتوماتىك ئېلىپ بېرىشتەك كۈچلۈك ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ياردىمى قوشۇلۇپ، تىل ماتېرىيالى ئامبىرىنىڭ بايلىقىنى ھەم تېز ھەم توغرا ئانالىز قىلىش، ھەم تولۇق ھەم ئىلمىي پايدىلىنىش ئەمەلگە ئېشىپ، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت تۈزۈش ئۈچۈن، ھەقىقىي ئەمەلىي بولغان تىل ماتېرىيالى مەنبەسى ۋە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ ئىشلىتىشتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نەزەرىيەۋى يېتەكچىلىك مەيدانغا كەلدى.
(2) ھەجىمى زور، زاپاس ساقلاش بوشلۇقى ئىنتايىن كەڭ. بۇ، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىقىدۇر. ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت فىزىكىلىق يۈكلىنىش جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن، بەلكى دەرىجىدىن تاشقىرى ھۆججەت تىلى شەكلىدە كودلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق تارقىتىلىپ، پايدىلانغۇچىلارنى ئىنتايىن قولايلىق بولغان غايەت زور لۇغەت ۋە قامۇس مەزمۇنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(3) يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش، تۈزىتىش ۋە تولۇقلاش ئىنتايىن قولايلىق. بىلىم ۋە ئۇچۇر ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ۋاقىت ۋە كۈچ جەھەتتە ئەنئەنىۋىي لۇغەتنى يېڭىلاپ تۈزۈش ئىنتايىن جاپالىق، مانا بۇ لۇغەت تۈزۈش جەھەتتە كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان زىددىيەتلەرنىڭ بىرسى. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرھال كۆلەمدىكى لۇغەت ئادەتتە 8 يىل ئەتراپىدا ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىتتا بىر قېتىم يېڭىلىنىدۇ. ھازىر گەرچە ئىلغار تېخنىكىنىڭ قوللىشى ئارقىلىق لۇغەتنىڭ يېڭىلىنىش ۋاقتى قىسقارغان بولسىمۇ، لېكىن، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەش ئىنتايىن قىيىن. ۋەھالەنكى ، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتچىلىك ئىشلىرى بۇ خىل نۇقساننى زور دەرىجىدە بۇزۇپ تاشلىدى. ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتچىلىك ئىشلىرىدا پەقەت كومپيۇتېرغا تايىنىپلا، سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىدىكى مۇناسىپ زاپاس ئۇچۇرلارنى تۈزىتىپ ياكى تولۇقلاپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق، لۇغەتنى يېڭىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، بۇ ئۇسۇل قولايلىق ھەم تېز. ئەمەلىيەتتە، نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان تور لۇغەتلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى تىل، يېڭى سۆز، يېڭى ئاتالغۇ ۋە يېڭى ئۇچۇرلارنى داۋاملىق قوبۇل قىلىپ ۋە ئىنكاس قايتۇرۇپ، لۇغەت مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭىلاپ، تۈزىتىپ تۇرىدۇ.
(4) ئىشلىتىش قولايلىق، چىقىمى ئاز، تەننەرقى ئەرزان. ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنى ئىشلەتكۈچىلەر سېتىۋېلىش ۋە قۇراشتۇرۇش ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرىمايدۇ، بەلكى، تورغا چىقىش ئارقىلىقلا مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى لۇغەت تور بېكەتلىرى لۇغەتتىن پايدىلانغۇچىلاردىن بەلگىلىك مىقداردا ھەق ئالىدۇ. لېكىن، باھاسى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەنئەنىۋىي باسما لۇغەت ۋە ئوپتىكىلىق دىسكا لۇغەتكە قارىغاندا، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنىڭ باھاسى كۆپ ئەرزان. ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قامۇس ۋە لۇغەتلىرىنىڭ باسما نۇسخىسىنىڭ باھاسى مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، ئوپتىكىلىق دىسكا نۇسخىسىمۇ 300 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن ئەمەس. جۇڭگودىمۇ ئەھۋال ئوخشاش. لېكىن، تور لۇغىتى (ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت) كۆپچىلىكى ھەقسىز بولۇپ، پەقەت تورغا چىقىش ھەققىنى تۆلىسىلا بولىدۇ.
  (5) ئىزدەپ تېپىش ئەپلىك ھەم تېز. لۇغەتنىڭ ئىزدەپ تېپىش ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولۇشى، لۇغەت سۈپىتىنىڭ يۇقىرى -تۆۋەنلىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. باسما نۇسخىدىكى لۇغەت قاتماللىققا ئىگە بولۇپ، نوقۇل ھالدا پاسسىپلىق بىلەن قول سېلىپ ئىزدەپ تېپىش شەكلى قوللىنىلىدۇ؛
ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاپتوماتىك ئىزدەپ تېپىش شەكلى قوللىنىلىپ، مۈجمەل كىرگۈزۈش، شەرتلىك كىرگۈزۈش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماسلىشىش ئارقىلىق، ئىزدەپ تېپىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىنتايىن يەڭگىللىك بىلەن ئاپتوماتىك كۆپ يۆنىلىشلىك ئىزدەپ تېپىش ۋە سېلىشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بەلكى يەنە، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتتىن ئۆزىگە دائىم لازىم بولىدىغان ۋە ئاز ئۇچرايدىغان ياكى ئىزدەپ تېپىش قىيىن بولغان ئۇچۇر ۋە ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ، پايدىلىنىش ئۈچۈن ساقلاپ قويۇشقا ياكى كۆچۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
2. كەڭ دائىرىلىك جەھەتتە سېلىشتۇرغۇسىز ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈرى كۆپ، تىلغا باي، سۆز يىغىش كۆلىمى زور. تور لۇغىتى (يۇمشاق دېتال لۇغىتى) ئارقىلىق، بەلگىلىك ئىزدەپ تېپىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، چەكسىز كەتكەن زەنجىرسىمان ئېلېكتىرونلۇق تور لۇغىتى ئارىسىدىن بىرلىككە كەلگەن، ئۆلچەملەشكەن ھەرقانداق كەسىپكە دائىر سۆز ۋە ئاتالغۇنى بىر قېتىمدىلا ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتكە چېتىشلىق بولغان ھەر خىل تىل بايلىقىمۇ ئىنتايىن مول. ئىزدەپ تاپماقچى بولغان سۆز ھەرقانچە مۇرەككەپ، چۈشىنىكسىز بولسىمۇ، ھەر خىل تىلدىكى مەنىسىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ كەڭ ۋە تار دائىرىدىكى مەنىسىنى يېشىپ چۈشەنگىلى، شۇ ئارقىلىق تىلغا بولغان چۈشەنچىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت سۆزنى يىغىپ توپلاش جەھەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. كىچىككىنە بىر دانە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت نەچچە مىليون دانە سۆزنى سىغدۇرالايدۇ. بۇنداق ئالاھىدىلىكنى ھەرقانداق لۇغەت بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
3. ھەرىكەتلىك ھالىتى ئۆلچەملەشكەن
(1) مەزمۇنى ۋە تۈرى ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ ۋە كۆپىيىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنىڭ ھەرىكەتلىك ھالىتى، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتقا قاراپ يېڭىلىنىپ تۇرۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت يېقىندا يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن يېڭى سۆز، يېڭى ئاتالغۇ ھەمدە ئەمەلىي تىل ماتېرىيالى ئىچىدىن تاۋلىنىپ چىققان ئەڭ يېڭى، كەڭ تۈردە قوبۇل قىلىنغان تىل بىلىملىرىنى دەل ۋاقتىدا يىغىپ توپلىغاندىن باشقا يەنە، زاماننىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان «ئۆلۈك سۆز» گە مۇناسىۋەتلىك، ۋاقتى ئۆتكەن تىل ئۇچۇرلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەمسىز ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى دەل ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۈبھىسىزكى، تىل بىلىملىرىنىڭ ۋاقتىدا قوبۇل قىلىنىشى، بۈگۈنكى كۈندە ئىشلىتىلىۋاتقان تىل ئەھۋالىنى ھەقىقىي تۈردە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا، ئىنتايىن كۈچلۈك ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە.
(2) ئىندىۋىدۇئاللىققا ۋە شەكلى ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە. ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنىڭ كۆرۈنمە يۈز قۇرۇلمىسى ۋە ئىزدەپ تېپىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. تور بەت تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنىڭ لايىھەسى ۋە ئىقتىدارىغا نىسبەتەن، خۇددى تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ۋە تور ئېلانلىرىغا ئوخشاش كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.
تور لۇغىتى (ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت) نىڭ كۆپ خىل تىلنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، بەت يۈزى ۋە ھۆججەت تېكىستىنى كۆپ خىل تىل ئارىسىدا ئاپتوماتىك ھالدا ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، پايدىلانغۇچىلارنىڭ يېڭى سۆز، يېڭى ئۇچۇر ۋە يېڭى ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىشىغا قولايلىق يارىتىلىپ، كۆپ تىللىق ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىق ئۈنۈمىگە بەلگىلىك دەرىجىدە ياردىمى بولىدۇ.
دېمەك، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت تېخنىكا جەھەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ھەرىكەتلىك ھالىتى كۆپ خىل، كەڭ دائىرىلىك ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇشتەك ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن، باشقا ۋاسىتىلىك لۇغەتلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئەۋزەللىككە ئىگە بولغاچقا، 21-ئەسىردىكى تىپىك ئۆگىنىش قورالىغا ئايلاندى.
  4. ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى
  ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت تىل ئۆگىنىش ، لۇغەت تەتقىقاتى ۋە كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىش جەھەتتە، مول تىل بايلىقى ۋە تىل قولايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ جەھەتتە جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتچىلىك ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ خەنزۇ تىلى تور لۇغىتى (ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت) خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيەگە يېتىپ، غايەت زور كۆلەمدىكى زەنجىرسىمان تورلاشقان ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت مەيدانغا كېلىپ، تىل ئۆگىنىش ، تىل تەتقىقاتى ۋە لۇغەتچىلىك ئىشلىرىدا زامان بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى.
  ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت (كومپيۇتېر لۇغەت) ئادەتتە لۇغەت ئىقتىدارى، ئېلېكتىرونلۇق خاتىرىلەش ئىقتىدارى، ھېسابلاش ئىقتىدارى، پايدىلىنىش ماتېرىيالى ئىقتىدارى ۋە سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت بەش خىل ئاساسىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدە، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتچىلىك سودىگەرلىرى ئەنئەنىۋىي باسما لۇغەتتىن پايدىلىنىپ، تاق سۆزلەر بىلەن شۇ تاق سۆزلەرنى ئۆلچەملىك ئوقۇش ئاۋازىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، تاق سۆزلەرنى ئەستە ساقلاش، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بىر گەۋدىلەشكەن، خاتىرە قالدۇرۇش، ھېسابلاش ئېلىپ بېرىش، كالېندار ، تېلېفون دەپتىرى، ۋاقىت ھېسابلاش ۋە تۈرلۈك بىرلىكلەرنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئىقتىدارلىرى قوشۇلغان ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنى تۈزۈپ چىققان. كېيىنكى مەزگىلدە، تەدرىجىي ھالدا لۇغەتچىلىك نەشرىيات ئورۇنلىرى بەرگەن لۇغەت نەشر قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت رەسمىي مەيدانغا كېلىپ بازارغا سېلىنغان.
ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتچىلىك ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش داۋامىدا، سىمسىز يەتكۈزۈش تېخنىكىسى ۋە تۈرلۈك يېزىق كىرگۈزۈش تېخنىكىسىنى ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتكە تەتبىقلاپ قوللىنىش ئارقىلىق، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنىڭ ئۆزئارا يەتكۈزۈش، يېزىق كىرگۈزۈش ئىقتىدارى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇلۇپ، مەلۇم بىر تاق سۆزگە  مۇناسىۋەتلىك بولغان مەزمۇنلار مەنىداش سۆز، قارىمۇ-قارشى مەنىلىك سۆز، تومۇرداش سۆز ۋە سۆز گۇرۇپپىسى، جۈملە مىسالى، سۆز تۈركۈمىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان سۆزلەر قاتارلىق مەزمۇنلارغىچە كېڭەيتىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنىڭ مەشغۇلاتى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ CPU غا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدار ئۈنۈمى كۈچلۈك ھەم مۇقىم، توك سەرپىياتى تۆۋەن، ساقلاش ۋە ئىزدەش ئۈنۈمى يۇقىرى . ئېكرانىغا ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنىڭ سىغىمى ۋە ھەجىمىگە ئاساسەن سۇيۇق كىرىستاللىق كۆرسىتىش ئېكرانى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى توك يولى LCD ۋە سۇيۇق كىرىستاللىق ئەينەكتىن تەشكىل تاپقان، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئېكران يۈزى ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنىڭ تەننەرخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كۇنۇپكا تاختىسى ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنىڭ يېزىق كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئادەم بىلەن كومپيۇتېر لۇغەتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئاساسلىق ئۈسكۈنە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر بازاردا يەنە قول بىلەن بىۋاسىتە خەت يېزىپ كىرگۈزۈش سىستېمىسى سەپلەنگەن ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەر مەيدانغا كېلىپ، ئىشلىتىش تېخىمۇ ئاسانلاشتى.
نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ لۇغەتچىلىك بازىرىدا ئىقتىدارى ھەر خىل، پاسونى يېڭى، جۇغى كىچىك، نەپىس ئىشلەنگەن، ھەر خىل كەسىپ ۋە ھەر خىل تىل-يېزىققا ئائىت، كەسىپلەشكەن، ئىلمىيلىقى يۇقىرى ، ئىشلىتىش ئەپلىك، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكىلى بولىدىغان، يېزىق شەكلى بىلەن ئاۋاز بىر گەۋدىلەشكەن، بىرلا ۋاقىتتا تاپماقچى بولغان سۆز بىلەن ئۇنىڭ ئوقۇلۇشى، ھەتتا گىرامماتىكىلىق باغلىنىشىغا ئىگە بولغىلى بولىدىغان تۈرلۈك تىل ئۆگىنىش تىپىدىكى ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت ئۈسكۈنىلىرى بازارغا سېلىنىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىق يېڭىلىنىۋاتىدۇ.
جۇڭگونىڭ لۇغەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇر تىلى لۇغەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتتى. كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئۇيغۇر تىل لۇغىتى تەتقىقاتچى ئالىملىرىنىڭ زور تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ھازىر ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر خىل ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەر مەيدانغا كەلدى، ئۇيغۇرسوفت لۇغەت يۇمشاق دېتالى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن بۇ جەھەتتىكى بوشلۇق تولدۇرۇلدى، بۇ لۇغەت خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر ئىنگلىز تىلى ئارىلىقىدىكى سۆز تەرجىمە مەنىسىنى ئاپتوماتىك ئىزدەش ئەپچىللىكى بىلەن خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئادەتتە كومپيۇتېر ئىشلەتمەيدىغانلار ئۈچۈن ۋە ئىشلىتىشتىكى قولايلىق، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولۇشتەك ئىستىمال بازىرىنى ئېچىپ ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتكە ماسلاشقان قاتتىق دېتال بىرلەشتۈرۈلگەن مەخسۇس ئېرپان كومپيۇتېر لۇغىتى بارلىققا كەلدى، كېيىن مۇئەللىم كومپيۇتېر لۇغىتىمۇ بازارغا سېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىزدىمۇ تىل ئۆگىنىش ، تىلنى تەتقىق قىلىش ۋە باشقا تىللاردىن پايدىلىنىش جەھەتتە چوڭ بىر قەدەم تاشلاندى. ھەتتا مەخسۇس تىل ئۆگىنىش مەكتەپلىرىدە ئوقۇماي تۇرۇپمۇ، كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ، تور لۇغىتى، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت يۇمشاق دېتالى ۋە تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت ئۈسكۈنىلىرىگە تايىنىپ، باشقا تىللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنىپ، باشقىلارنى ھەيران قالدۇرۇۋاتقان، ئۆزىنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش ، تۇرمۇش ۋە كۈندىلىك ئالاقە ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن بىمالال چىقىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.

ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ۋە ئۆگىنىش تىپىدىكى ئائىلە، ئۆگىنىش تىپىدىكى كارخانا، ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات يۈزلىنىشى، ئىنسانلار ئارىسىدىكى رىقابەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تىل ئۆگىنىشكە بولغان تەلەپ ئېھتىياج بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. تەرەققىيات بىلەن ئۆگىنىش بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، تەرەققىي قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئۆگىنىشنى بىر كۈنمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، مەيلى نېمە ئۆگىنەيلى تىلدىن ئىبارەت بۇ ئالاقىلىشىش قورالىغا تايانماي مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا، تىل تەرەققىيات ۋاسىتىسىدۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئىنتايىن مول تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بېتى مەزكۇر ژۇرنالنى باشقۇرغۇچى شىنجاڭ كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۆتكەپ ئىشلەتتۇق. بۇ تېمىنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ شىنجاڭ كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا تور بېكەت، مۇنازىرە مۇنبەرلىرى، بىلوگلاردا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلسە تور بېتىمىز ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بېتى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالمايدۇ.


«ئېلېكترونلۇق لۇغەت ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر