ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-10-25 18:17:35 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش



تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى


ئايشەمگۈل ئابدۇرېشىت


    ئىلىم – پەننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەدەنىيەت بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە مۇيەسسەر بولماقتا. بۇنداق ئۆزگىرىش ‹‹مەدەنىيەت ھالقىغان تىل ئالاقە›› نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈرمەكتە.

    مەدەنىيەت ۋە تىل ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئايرىم سىستېما بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرى بىلەن زىچ بىرلىشىش ئارقىلىق بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدىغان بىر پۈتۈنلۈك بولۇپ شەكىللىنىدۇ. بىراق مىللىي مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشى بىر مىللەتنىڭ كۆزىتىش، دۇنيانى تونۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىلمايدۇ. كۈنسېرى راۋاجلىنىۋاتقان مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى مىللىي مەدەنىيەت پەرقى، تەپەككۇر، ئاڭ، پىسخىكا قاتارلىق ئەقلىي ساھەلەردىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، تىل سىستېمىسىنىڭ ئۆزىدە تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلىنىدۇ. مىللەتلەرنىڭ يېزىقى، گىرامماتىكا، فونېتىكا، لېكسىكا ۋە تىل سىستېمىسىدىن مىللىي مەدەنىيەت تارىخىنىڭ جۇغلانمىسىنى ئاسانلا تاپالايمىز.

    بەزى تىلشۇناسلار تىلنى مەدەنىيەتنىڭ ئۇل تېشى، تىل بولمىسا مەدەنىيەتمۇ بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا، تىل يەنە مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، مەدەنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. تىل بىر مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىگەچكە، ئۇ شۇ مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا شۇ مىللەتنىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش شەكلى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. تىل بىلەن مەدەنىيەت ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزئارا رول ئوينايدۇ؛ تىلنى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم مەدەنىيەتنى بىلىش كېرەك، مەدەنىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم تىلنى بىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەتتە ۋە تىل جەھەتتە پەرق بولغاچقا، ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ۋە چۈشىنىشتە دائىم تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بىرى، مەدەنىيەت ئوخشاش بولمىغاچقا، تىل ئۆلچەملىك ۋە توغرا تەلەپپۇز قىلىنغان تەقدىردىمۇ، خاتا چۈشىنىپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ؛ يەنە بىرى، ئوخشىمىغان مىللەت كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئوخشاش بىر سۆز ياكى ئوخشاش بىر خىل ئىپادىلەش شەكلىنىڭ ئاڭلاتقان مەنىسى ئوخشاش بولمايدۇ، يەنە ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ.

    مەدەنىيەت بىلەن تىل بىر – بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تىل مەدەنىيەتنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يەتكۈزۈپ، زاماننى زامانغا ئۇلايدۇ. مەدەنىيەت تىل ئارقىلىق ساقلىنىدۇ. تىلنىڭ ياردىمىدە تارقىلىپ، كېيىنكىلەرنىڭ ئەجدادلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا مەدەنىيەت تىلدىن ئايرىلالمايدۇ. ئوخشاشلا تىلمۇ مەدەنىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ. تىل بىلەن مەدەنىيەت بىر – بىرىنى شەرت قىلىدۇ، بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۆزئارا بىر – بىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەدەنىيەت ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئۆزىنى نامايان قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل، شۇنداقلا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدىغان، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ۋاسىتە. تىل مەدەنىيەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى بولۇش بىلەن بىللە، مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسى تەركىبلىرىنى خاتىرىلەپ ۋە ئۆزىدە مۇجەسسەملەپ، دەۋرنى دەۋرگە ئۇلايدىغان قورال. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:

    بىرىنچى، تىل مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى، شۇڭا تىل مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگىمۇ ئىگە بولىدۇ. تىل بىلەن مەدەنىيەت ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. يەنە بىر جەھەتتىن، تىل مەدەنىيەتكە ئوخشاش بىئوتىك ئىرسىيەت بولۇپ داۋاملاشقان بولماستىن، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىمىدۇر. تىل بىلەن مەدەنىيەت بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايلىقى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن جەمئىيەتتە ئورتاق قوللىنىلىدۇ. ھەرقانداق مىللىي مەدەنىيەت تىلنىڭ قوللىنىلىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، تىلنىڭ قوللىنىلىشى پەقەت مىللىي مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا ئېتىبارغا ئېلىنسا، ئاندىن كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. تىلشۇناس گودونوف ‹‹بىر جەمئىيەتنىڭ تىلى شۇ جەمئىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر تەرىپى. تىل بىلەن مەدەنىيەت ئايرىملىق ۋە ئومۇملۇق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت›› دەپ ئېيتقان.

    ئىككىنچى، تىل بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىلى ئارقىلىق كىشىلەر شۇ مىللەتنىڭ ئۆرپ – ئادىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، تەپەككۇرى قاتارلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. مەسىلەن: ئۇرۇق – تۇغقانچىلىقنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇلارنى ئىپادىلەشتە، ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىدا پەرق مەۋجۇت. ئۇيغۇر تىلىدا ئاتا – ئانا ئىككى تەرەپنىڭ ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللىرى ‹‹تاغا، ھامما›› دىن ئىبارەت ئىككى سۆز ئارقىلىقلا ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن خەنزۇ تىلىدا ئۇنداق ئەمەس. خەنزۇ تىلىدىكى ئاتا – ئانا ئىككى تەرەپنىڭ ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللىرىنىڭ ئاتىلىشى ئۇلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تەلىماتى ۋە ئۇرۇقداشلىق سىستېمىسى مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

    ئۈچىنچى، تىل بىلەن مەدەنىيەت بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە بىر – بىرىنى شەرت قىلىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تىل بىلەن تەپەككۇرنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە تىلنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىشتىكى قوراللىق رولى ئارقىلىق چۈشىنىش كېرەك. تىل تەپەككۇر قورالى، مەدەنىيەتمۇ تەپەككۇردىن ئايرىلالمايدۇ. تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى قوش يۆنىلىشلىك بولۇپ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى مىللىي تىل (مىللەتلەر تىلى)دا ئىپادىلىنىدۇ. تىلمۇ ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ئۇسۇلى، دۇنيا قارىشى ۋە مەدەنىيەت يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى تىل ئالاقە قورالى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇ تەپەككۇر قورالىدۇر.

    بۈگۈنكى دەۋر پەن – تېخنىكا دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرى، رىقابەت دەۋرى، مەدەنىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دەۋر. ئېلىمىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى يەرلىك مەدەنىيەت بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىنى، مىللىي مەدەنىيەت بىلەن باشقا مەدەنىيەتلەرنى ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن ئىلغار پەن – تېخنىكىنىڭ ئۇچرىشىشى ھەمدە پەن – تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىدا زور بۇرۇلۇش بولدى. ئىسلاھات ئېڭى ئۆستى، يېڭىلىققا ئىنتىلىشچانلىقى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچەيدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تەلىپى ئۆتمۈشكە چوقۇنۇش ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىگە يۈزلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىز مەدەنىيىتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشتە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز ئىچىدىكى دەۋرگە ماس كېلىدىغان، تەرەققىياتىمىز ۋە يۈكسىلىشىمىزگە پايدىلىق بولغان جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلالىساقلا، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى كۆپ خىل، مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرالايمىز.



«تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر