ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئانا تىلىمىزنىڭ بەدىئىيلەشكەن قامۇسى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2014-02-26 01:09:47 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


ئانا تىلىمىزنىڭ بەدىئىيلەشكەن قامۇسى


(ئانا تىل بايرىمىغا ئاتاپ)

ئارسلان ئابدۇللا تاھۇر ئەپەندىنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن

مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا

2010-يىل 12-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تۆھپىكار مائارىپچى، تىلشۇناس ئارسلان ئابدۇللا تاھۇر ئەپەندىنىڭ باش تۈزۈگۈچىلىكنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى، يارى ئەبەيدۇللا ۋە ئابدۇرېھىم رەھمانلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى ۋە كۆپ كۈچ چىقىرىشى بىلەن تۈزۈلگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدى.
كىتاب جەمىئىي ئۈچ توم، 2255 بەتلىك ئاساسىي بىلىملەر مەجمۇئەسى ۋە 47 بەتلىك ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئارخىپىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مەيلى ھەجىم جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن قاتلىمى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تارىخىي ئىزچىللىق جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى يەتكۈزگەن ئۇچۇرنىڭ كەڭلىكى جەھەتتىن بولسۇن ئىلگىركى ئۇيغۇر تىلىغا دائىر كىتاب تۈزۈش ئەنئەنىسىدىن زور جەھەتتىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ دۇنيا تىللىرىنىڭ ئومومىي ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بېرىش شۇنداقلا تىلىمىزنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات مەسىلىلىرىنى ھەمدە تەرەققىيات تارىخىنى ئېچىپ بېرىش جەھەتتىن بىر بىباھا قامۇستۇر.
مەن مەزكۇر بىلىم غەزىنىسىنى سېتىۋېلىپ، ئۈچ كۈن ئولتۇرۇپ ئۇنىڭدىكى جاۋاھىراتلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىم ھەمدە تىل تارىخىمىزنىڭ مۇرەككەپ ھەم يەڭگىلتەكلىككە تولغان تەرەققىيات تارىخى بىلەن ئۈنسىز مۇڭداشتىم، ئۇزۇندىن بۇيان ھەل قىلالماي كەلگەن چىگىش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىغا ئىگە بولۇپ، كاللامدىكى چىگىش مەسىلىلەرنى نۇرلاندۇردۇم. ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش بۇ ئېرەمباغنى سەير قىلىپ، ئىنسانىيەت ھېكىمەت ئالىمىنىڭ جانان چىنىىسىگە خۇشپۇراق شىرنىلەرنى يىغدىم.
مەن مەزكۇر قامۇسنى ۋاراقلاش جەريانىدا ئۆزەمنىڭ ئىلگىركى بىلىمىم ۋە ھېسسىي چۈشەنچەم ئاساسىدا مەزكۇر قامۇس توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك يەكۈنگە ئىگە بولدۇم:
بىرىنچى، قامۇسلۇق جەھەتتە:
1› مەزكۇر ئەسەر مىللىتىمىز ۋە دۆلەت ئىچى-سىرىتىدىكى باشقا مىللەتلەردىن بولغان ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلغۇچى 70 نەپەر (24 نەپىرى ئۇيغۇر، 11 نەپىرى خەنزۇ، 35 نەپىرى چەتئەللىك ئالىملار) ئالىملارنىڭ قىسقىچە ھاياتىي ۋە ئىجادىيەت ئارخىپى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بىز بىر تەرەپتىن تىلىمىزنىڭ نەزەرگە ئېلىنىش ۋە تەتقىق قىلىنىش دەرىجىسى توغرۇلۇق ھېسسىي چۈشەنچىگە ئىگە بولساق يەنە بىر تەرەپتىن مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ قىسقىچە مۇندەرىجىسىگە ئىگە بولالايمىز. دۆلەت ئىچى-سىرىتىدىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايمىز.
2› مەزكۇر ئەسەردە تىلنىڭ خارەكتېرى ۋە رولى، دۇنيادىكى مۇھىم چوڭ تىللار ۋە تىللارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇل-پىرىنسىپى، تىللارنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇل-پىرىنسىپلار بويىچە ئوخشىمىغان تۈرلەرگە ئايرىلىشى ھەم ھەرقايسى مۇھىم چوڭ تۈرلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىش جەھەتتىكى ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى قىسقا ھەم چۈشۈنۈشلۈك ئوتتۇرغا قويۇلغان.
3› تىلىمىزنىڭ قىسقىچە تارىخى، جۈملىدىن خەلقارادا بىرقەدەر ئوموملاشقان ئالتاي تىلى نەزىريىسى توغرىسىدىكى مۇھىم چۈشەنچىلەر ھەم ئوخشىمىغان قاراشلار، ئالتاي تىلى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مۇھىم تىل تارماقلىرى، ئۇلاردىكى فونېتىكىلىق پەرقلەر؛ تۈركى تىللار ئائىلىسى ۋە تۈركى تىللارنى تۈرگە ئايرىشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرى، تۈرگە ئايرىشتىكى ئوخشاشمىغان قاراشلار ھەم ئاساسلار، دۇنيادىكى تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ھەم ئۇلارنىڭ تارقىلىشى ۋە رايونلار بويىچە نوپۇسى (نوپۇسى سەل يۈزەكى بولسىمۇ)؛ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەم دەۋرلەرگە بۆلۈنىشى، ھەرقايسى دەۋرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخى ھەم قىسقىچە فونېتىكىلىق ۋە مورفولوگىيلىك ئالاھىدىلىكى؛ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەيدانغا كېلىش جەھەتتىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى ۋە 14-ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىنىڭ ئومومىي تارىخىي ۋەزىيىتى ، ئۈچ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە ھەرقايسى باسقۇچنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرى، نامايەندە خاراكتېرلىك ئەدەبي ھەم تارىخىي ئەسەرلەر؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەم بېكىتىش جەريانى، بۇ جەھەتتىكى مۇھىم شەخسلەر ھەم سابىق سوۋېت ئىتىپاقى ۋە شىنجاڭ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تالاش-تارتىشلار، ئاساسىي يىغىنلار، مەيدانغا كەلگەن ئاساسىي نەتىجىلەر شۇنداقلا بۇ تىل ئاساسىغا قۇرۇلغان نامايەندە خارەكتېرلىك ئەسەرلەر، نەشىرياتچىلىق، مائارىپچىلىق، مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى، مۇھىم مورفولوگىيلىك ئالاھىدىلىكلىرى؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئاساسىي دىئالېكىتلىرى، دىئالېكىتلارغا بۆلۈشتىكى ئۆلچەم-نەزىريىلەر قايىل قىلارلىق ھالدا سېستىمىلىق ھەم ئاساسلىق ئوتتۇرغا قويۇلغان.
4› تىلىمىزنىڭ باشقا تىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇراش ئەھۋالى ئەرەب، پارىس، خەنزۇ، رۇس تىللىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تارىخىي، ئىجتىمائىي ھەم جۇغراپىيلىك نۇقتىدىن پاكىتلار بىلەن ناھايتى ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلغان. سىتاستىكىلاش ۋە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق جانلىقلىقىنى ۋە قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان.
5› يېزىق ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى تارقىلىشى ھەمدە بارلىققا كېلىش-شاخلىنىش ئەھۋالى، تارەققىيات تارىخى سىخېما، رەسىم، تارىخىي ئۇچۇرلار ۋە ئەمەلىي مىساللار بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.
6› ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى ۋە ئۇيغۇرلار قوللانغان ئاساسىي يېزىقلار، ئۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە قىسقىچە تارىخى، ئاساسىي ئالاھىدىلىكى، مەيدانغا كەلگەن مۇھىم ئەدەبىي نەمۇنىلەر رەسىم، مىسال، تارىخىي ئۇچۇرلار ۋە تارىخىي يازما تېپىلمىلار، تېپىلمىلارنىڭ بايقىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى، بۇ جەھەتتىكى ئوخشاش بولمىغان قاراشلار ئارقىلىق كەڭ دائىردە يارقىن ئوتتۇرغا قويۇلغان. ھەرقايسى يېزىقلاردا مەيدانغا كەلگەن مۇھىم يازما يادىكارلىقلار ھەم ئۇلارنىڭ تېپىلىشى، تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى، مۇھىم تەتقىقاتچىلار ھەم تەتقىقات نەتىجىلىرى تارىخىي نۇقتىدىن ئېچىپ بېرىلىپ، بىزنى مول بىلىم ھەم ئۇچۇر-مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئەگرى-توقاي، غەلىتە ھەم مەسۇليەتسىزلىككە تولغان قىسقا مۇساپىسى تىراگىدىيلىك ۋە مەسۇليەتچانلىق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئېچىپ بېرىلگەن.
7› ئىملا قائىدىسى ۋە رولى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئۇ ئاساسلىنىدىغان ئاساسىي پىرىنسىپلار، ئىملا قائىدىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى ۋە ئىملادا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار، تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئىشلىتىلىشى ئەمىلىي مىساللار بىلەن كۆرسىتىلگەن.
8› ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۈچ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى-فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گىرامماتىكىلىق بىلىملەر يېڭى ئۇقۇملار، يېڭى مەسىلىلەر ۋە يېڭى تەتقىقاتلار ئاساسىدا ھەم كەڭ ھەم چوڭقۇر ئوتتۇرغا قويۇلغان.
فونېتىكا قىسىمىدا- تىل تاۋۇشلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى ۋە ئۆلچەملىك تەلەپپۇز، تەللەپپۇزنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەھەتتىكى ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن ساقلىنىش توغرۇلۇق مۇھىم پىكىرلەر، تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈشتىكى مۇھىم پىرىنسىپلار يېڭىدىن مۇھىم مەزمۇنلار سەھپىسىگە كىرگۈزۈلگەن.
لېكسىكا قىسىمىدا- لېكسىكولوگىيىنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، سۆز مەنىسىنىڭ تۈزۈلۈشى، ئىدىئۇم ۋە بارلىققا كېلىشى، رولى؛ لۇغەتشۇناسلىق ۋە لۇغەت تۈزۈش، لۇغەتنىڭ تۈرى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا بارلىققا كەلگەن لۇغەتلەر مۇندەرىجىسى؛ ئېتمولوگىيە ۋە لېكسىكا، كىشى ئىسىملىرى ۋە لېكسىكا، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى، ئىسىم قويۇش ۋە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى، كىشى ئىسىملىرىدىكى نۆۋەتتىكى يۈزلىنىش، لەقەم، تەخەللۇس ۋە فامىلى قاتارلىق مەسىلىلەر يېڭىدىن مۇھىم مەزمۇنلار سەھپىسىگە كىرگۈزۈلگەن.
گىرامماتىكا قىسىمىدا- ئىسىملارنىڭ تەۋەلىك كاتېگوريىسى بىلەن شەخس كاتېگوريىسىنىڭ ئايرىلىشى، شەخس كاتېگوريىسىدىكى بولۇشلۇق-بولۇشسىزلىق ئەھۋالى، كېلىش كاتېگوريىسىدىكى 11 خىل كېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشىدىكى كونكېرتلىق، سانلارنىڭ ئالاھىدە قوللۇنىلىشى، سان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملارنىڭ ئىپادىلىنىشى، ئالماشلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، تەقلىد سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى، پېئېلغا سىڭدۈرۈلگەن مۇھىم بايقاش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى، تىلىمىزدىكى ئاساسلىق يۈكلىمىلەر، جاۋاب ئىملىقلىرى، سۆز بىرىكمىسى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى، تۈزۈلىش-ھاسىل بولىشى؛ جۈملىنىڭ ئالاھىدىلىكى، جۈملىنىڭ ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكلىرى، مۇستەقىل بۆلەكلىرى، جۈملە تەھلىل قىلىشنىڭ ئۈچ خىل گىرامماتىكىلىق ئۇسۇلى، جۈملىنىڭ سوئال ۋە بۇيرۇق جۈملە تۈرلىرى، جۈملە تىپى ۋە ئاددىي جۈملىنىڭ تىپلىرى؛ قوشما جۈملە ۋە تەڭداش قوشما جۈملە ۋە بېقىندىلىق قوشما جۈملە قاتارلىق مەزمۇنلار يېڭىلانغان ياكى تولوقلىنىپ مۇھىم مەزمۇنلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئىككىنچى، تەتقىقات مېتودى جەھەتتە:
1› مەزكۇر ئەسەر مەلۇم بىر مەسىلە ئۈستىدە پىكىر بايان قىلغاندا، ئىلگىرىكى كىتاب تۈزۈگۈچىلەرنىڭ ئۆز غايە-مۇددىئاسىنى ياكى تەتقىقات نەتىجىسىنى بىردىن-بىر خۇلاسە قىلىشتەك ئەنئەنىۋىي تەتقىقات مېتودىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالدى بىلەن شۇ ساھەدىكى باشقىلارنىڭ ئىلمىي ۋە ئەمىلىي بولغان، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئەقلىي خۇلاسىلىرىنى، ئەمىلىي تىل دېتاللىرىنى تەرتىپلىك ھەم سېستىمىلىق بايان قىلىپ، ئاندىن ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلىي تىل ماتېرياللىرى ئۈستىگە قويۇلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئەقلىي خۇلاسىلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان.
2› تىل تەتقىقاتىمىز، بولۇپمۇ يېزىق، تەلەپپۇز ۋە ئىملا مەسىلىسىدىكى ھەر كىم ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش، تىلنى يۇرتقا، دىئالېكىتقا، شىۋىگە، سۆزلەش ئادىتىگە بويسۇندۇرۇش، قارىغۇلارچە شوئارۋازلىق قىلىش، تىل قانۇنىيىتىدىن چەتنەپ كېتىش، باشقىلارنىڭ، چەتئەلنىڭ تىل-يېزىق ئەندىزىسىنى زورلاپ تېڭىش، تەكرار ئۆزگەرتىشتەك يەڭگىلتەكلىك ئۈستىدىن ئۆز قاراش ۋە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تىل-يېزىق مەسىلىسىگە قارىتا پوزىتسىيە ۋە يۆلىنىش كۆرسىتىپ بەرگەن ياكى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يولدا ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئىلمىي مېتود ئۈستىدە باش قاتۇرىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.
ئۈچىنچى، ئۇچۇرچانلىق جەھەتتە:
1› نوپۇزلۇق ئۇيغۇر تىل-يېزىق تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى، تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مالۇمات بەرگەن.
2› دۇنيادىكى تىللارنىڭ ئومومىي ئەھۋالى، تۈرگە ئايرىلىش ئۇسۇلى ھەم تۈرلىرى، ئىشلىتىلىش ئەھۋالى؛ تۈركى تىللار ئائىلىسىدىكى تىللارنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى ھەم بىرقەدەر نوپۇزلۇق تۈرگە ئايرىغۇچىلار، مۇناسىۋەتلىك خەرىتە-جەدىۋەللەر؛ تۈركى مىللەتلىرىنىڭ رايونلار بويىچە تارقىلىشى ۋە نوپۇسى؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكىت ۋە شېۋىلەرگە بۆلۈنىشى ھەم ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىك خەرىتىسى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يات تىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراش ئەھۋالى؛ دۇنيادىكى يېزىقلارنىڭ ئومومىي ئەھۋالى، تەرەققىيات تارىخى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بايان، رەسىم، سىخېمىلار؛ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، مۇھىم ئابىدە-يازما يادىكارلىقلار، ئابىدىلەرنى بايقۇغۇچىلار، يېشىپ ئوقۇغۇچىلار، ئەمىلىي ئىسپاتلىق ھۆججەتلەر، مۇھىم ئابىدە-يازما يادىكارلىقلاردىن ئېلىنغان پارچىلار، بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار، يېزىق تارىخى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان رەسىم ۋە سىخېمىلار؛ لۇغەت تۈزۈشتىكى ئاساسىي باسقۇچلار، لۇغەتلەرنىڭ تۈرى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان لۇغەتلەر تىزىملىكى قاتارلىقلاردىن ئەتىراپلىق ئۇچۇر بېرىپ، بىزنى كەڭ ھەم مول بولغان ئۇچۇر ئامبىرى بىلەن تەمىنلىگەن.
3› ھەر بىر باب ئاخىرىغا شۇ باب ئىچىدىكى سىتاتا (نەقىل ۋە پايدىلانمىلار) مەنبەسى ئىزاھاتى بېرىش ئارقىلىق، بىزنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا دائىر پايدىلانما ماتېرياللار ئۇچۇرىغا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە زۆرۈر تېپىلغاندا مۇھىم بولغان تولوقلىما مەزمۇنلار ۋە شۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار ئېلان قىلىنغان تور بەت ئادىرىسى بىلەن تەمىنلىگەن.
4› كىتابنىڭ ئاخىرىغا مەزكۇر كىتابنى تۈزۈشتە پايدىلانغان بىرىنچى قول ماتېرياللار تىزىملىكىنى بېرىش ئارقىلىق بىزنى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلى ۋە تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىغا دائىر نوپۇزلۇق ئەسەرلەر تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىسە يەنە بىر تەرەپتىن مىللىتىمىز، جۇڭگو ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىق قىلىنىش كۆلىمى توغرىسىدا ھېسسىي تونۇشقا ئىگە قىلغان.
5› كىتابنىڭ ئاخىرىغا يەنە تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم مۇھىم خاس بەلگىلەر كىرگۈزۈلۈپ، مىللىتىمىزنىڭ تىل تەتقىقات يۆلۈنىشىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى يۆلۈنىشىنى ئورتاقلىققا ھەم خەلقئارا يۆلۈنىش ۋە مېتود بىلەن بىردەكلىككە يېقىنلاشتۇرغان.
تۆتىنچىدىن، تارىخي جەھەتتە:
1› ئەسەردە دۇنيا ۋە مىللىتىمىزنىڭ تىل-يېزىق تەرەققىيات جەريانى نۇقۇل تىل-يېزىق نۇقتىسىدىنلا كۆرسىتىپ بېرىلمەستىن، تارىخىي نۇقتىدىن ئەتىراپلىق، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، كەڭ دائىرلىك، مۇرەككەپلىك، ئىزچىللىق ئىچىدە يورۇتۇلغان. ئەسەردىكى تىل-يېزىق تارىخى نۇقۇل تىل-يېزىق تارىخى بولماستىن ئۆز نۆۋىتىدە مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆزگىرىش تارىخى بولغان.
2› ئەسەر مۇكەممەل يېزىلغان بىر تىل-يېزىق تەتقىقات ئەسىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىدىكى گۈزەل، بەدىئىيلەشكەن تىل ئېلېمېنىتلىرى ۋە ئۇنىڭدىن بالقىپ چىققان ئىچكى ئىچكى ھېسسىيات، ئىچكى تۇيغۇ بىلەن ئادەمنىڭ بەددىئىي ھەم تارىخىي سېزىمىنى قوزغاتقۇچى بەددىئىي تارىخ، ياخشى يېزىلغان ئېسىل ئەدەبىي ئەسەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان. بىز ئەسەرنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق ئۇنىڭدىكى كۆپ قىسىم مىساللارنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»، «ئانا يۇرت» ... كەبى نادىر تارىخىي رومانلارنىڭ سەرخىل سەھپىلىرىدىين كەلگەنلىكىنى، كىتابتىكى بارلىق مىساللارنى بىر يەرگە يىغىپ، ئەسەرلەر تەۋەلىكى بويىچە گۇرۇپپىلىساق ئۆزى تەۋە ئەسەرلەرنىڭ جەۋھەر قىسىمىنى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى، بارلىق مىساللار بىر گەۋدىلەشكەندە مىللىتىمىزنىڭ بەددىيلەشكەن تارىخىنى، ئۇنىڭ شان-شەرەپ ۋە قان-ياش بىلەن تولغان مەلۇم بىر بۆلىكىنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

مەزكۇر قامۇس ئۆزىنىڭ ھەجىم جەھەتتىكى چوڭلىقى ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى كەڭلىكى بىلەن تېخىمۇ كۆپ تەرەپلىك ھاسىلاتلارغا ئىگە بولسىمۇ، سەۋىيە ۋە خىزمەت ئورنۇمنىڭ چەكلىمىلىكى سەۋەبىدىن مەن مەزكۇر قامۇستىن ھازىرچە مۇشۇنچىلىك ھاسىلاتقا ئىگە بولدۇم. پىكىرداشلارنىڭ ئۆزلىرى ئىگە بولغان تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر ھاسىلاتلىرى بىلەن كۆپچىلىكنى ئورتاق بەھىرلەندۈرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.


مەنبە:ئەجداد تارىخ مۇنبىرى


«ئانا تىلىمىزنىڭ بەدىئىيلەشكەن قامۇسى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر