ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-12-08 20:54:13 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

图片4.gif


ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش


ئاپتورى: ئالىم ئەھەت، ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى


كىرىش سۆز


ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ئەمەلگە ئاشقاندىن بۇيان، كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭ تېخنىكىلىرى جەمئىيىتىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. جۈملىدىن كومپيۇتېر ياردىمىدە ئۇيغۇرچە بەت تىزىش يۇمشاق دېتاللىرى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاخبارات-نەشرىيات ئورۇنلىرىمۇ پەيدىنپەي كومپيۇتېر ياردىمىدە بەت تىزىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئەمما، كومپيۇتېر ئارقىلىق لۇغەت بېتىنى ياسىغاندا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى سېلىشتۇرما لۇغەت بېتىنى ياسىغاندا، ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن تىزىش يەنىلا قول تۇتىدىغان ئىشقا ئايلاندى.
2003-يىلى بازارغا سېلىنغان «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 3.9» يۇمشاق دېتالىدا، EXCEL مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى مەسىلىسىدە ھەر خىل كۆز قاراش ساقلانماقتا. ھەتتا، ئوخشاش بىر نەشرىيات نەشىر قىلغان «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» قاتارلىقلاردا ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ تىزىلىش تەرتىپى ھەر خىل بولماقتا. مەسىلەن: سۈرئەت، سۈرەت دېگەن بۇ ئىككى سۆزنىڭ تەرتىپى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999-يىلى نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە سۈرەت، سۈرئەت بويىچە تىزىلغان بولسا، 2009-يىلى نەشىر قىلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»دە سۈرئەت، سۈرەت بويىچە تىزىلغان. بۇ خىل بىردەك بولماسلىق ئۆز نۆۋىتىدە نۇرغۇن ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرچە كىتابى لۇغەت تۈزۈش ياكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى تۈزۈشتە بولسۇن، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش قائىدىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت ھېسابلىنىدۇ.
بىز ئۆزىمىزنىڭ توپلىغان تەجرىبىلىرى ۋە كەسىپداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن خۇلاسىمىزگە ئاساسەن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپىنى تۆۋەندىكى قائىدىگە يىغىنچاقلايمىز.

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى تىزىش)تەرتىپلەش) قائىدىسى


1. ئۇيغۇر يېزىقىدا ھەرپلەرنىڭ لاتىن ھەرپلىرىدەك چوڭ-كىچىك يېزىلىش شەكلى بولمايدۇ.
2. رەقەملەر ئۆز تەرتىپى بويىچە بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ، ئەمما، باشقا ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ كەينىدە كېلىدۇ. باشقا ھەرپلەرنىڭ تەرتىپى ئەسلىدىكى ئۆزىنىڭ تەرتىپى بويىچە بولىدۇ.
مەسىلەن (ئوڭدىن-سولغا):
① باشقا ھەرپ-بەلگىلەر:
< بوشلۇق> ! “ # …
② رەقەملەر:

① باشقا ھەرپ-بەلگىلەر:
< بوشلۇق> ! “ # …
② رەقەملەر:
0 1 2 3 4 5 6 7 8 9
③ ئۇيغۇرچە ھەرپلەر:
ا ە ب پ ت… ې ى ي
3. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
(ئوڭدىن-سولغا):
ا ە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ھ و ۇ ۆ ۈ ۋ ې ى ي
4. سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى (ا، ە، و، ۇ، ۆ، ۈ، ې، ى) سۆز بېشىدا كەلگەندە ئالدىغا ھەمزە ئۇلىنىپ يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: ئالىم، ئەمگەك، ئوسمان، ئۇستاز، ئۆردەك، ئۈرۈمچى، ئېزىز، ئىنسان،…دېگەندەك. سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى سۆز ئارىسىدا بوغۇم بېشى بولغاندىمۇ ئالدىغا ھەمزە ئۇلىنىپ يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: تەلئەت خەلقئارا سۈرئەت،…
5. ھەمزە ئۆز ئورنىغا قاراپ تىزىلىدۇ، سۆز بېشىدا كەلسە نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، سۆز ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدا كەلگەندىمۇ نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، ئوخشاش سوزۇق تاۋۇشقا نىسبەتەن ھەمزىلىك سوزۇق تاۋۇشنىڭ تەرتىپى ھەمزىسىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئالدىدا بولىدۇ.
مەسىلەن: تەلئەت تەلەت سۈرئەت سۈرەت
شۇڭا، تۆۋەندىكى سۆزلەر يۇقىرىقى قائىدە بويىچە مۇنداق تىزىلىدۇ:
1998
2011
ئالىم
ئەمگەك
ئەمگەكچى
باتۇر
تەلئەت
تەلئەتجان
تەلەت
تەلەتى
جاۋابكار
سۈرئەت
سۈرئەتلىك
سۈرەت
سۈرەتلىك
غاز
ھارۋا
ئوسمان
ئۇيغۇر
ئۇيغۇرچە
ئۆردەك
ئۈرۈمچى
ۋەتەن
ئېيىق
ئىنسان
ياسىن

ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى


ئۇيغۇر يېزىقى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىق بولغاچقا، Unicode ئۆلچىمىدە ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ كود ئورنى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە بىۋاسىتە تىزىش مۇمكىن بولمايدۇ، شۇڭا، ئايرىم پىروگرامما ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.
ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە، لاتىن يېزىقلىرىنىڭ تەرتىپىگە ماسلاشتۇرۇپ، كود ئالماشتۇرىمىز. ئاددىي مىسال ئالساق، ئۇيغۇرچە «ا» نى لاتىنچە «A»، ئۇيغۇرچە «ە» نى لاتىنچە «B» گە،... مۇشۇ تەرتىپ بويىچە كود ئالماشتۇرىمىز.
ئاخىرىدا، مۇشۇ تەرتىپنى لاتىن يېزىقى بويىچە تىزىپ چىقساق، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپىگە ئىگە بولالايمىز. ئەمما، بۇ يەردە ھەمزەنى سۆز بېشىدا ئالماشتۇرمايمىز، سۆز ئوتتۇرىسىدا يۇقىرىقى قائىدە بويىچە رەتلىسەك بولىدۇ.

«ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ» يۇمشاق دېتالىدا ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش


1. مىكروسوفت Excel  يۇمشاق دېتالىنى قوزغىتىمىز، ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزماقچى بولغان سۆزلەرنى B1  كاتەكتىن باشلاپ پەسكە چاپلايمىز.
2. A1 كاتەكچىگە تۆۋەندىكى فورمۇلانى كىرگۈزىمىز.
=UNICODE2SORT(B1)
3. ئاندىن بۇ فورمۇلانىA2  كاتەكچىدىن باشلاپ تۆۋەنگە چاپلايمىز. بۇ ۋاقىتتا،A  ئىستوندا، ھەر خىل ئىنگلىزچە ھەرپ-بەلگىلەر كۆرۈنىدۇ. بۇنى نەزەرگە ئالمايمىز.
4. A1 كاتەكچىنى تاللاپ، ئاۋۋال Ctrl+Shift  نى، ئاندىن End  كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بارلىق مەزمۇنلار تاللىنىدۇ.
5. مىكروسوفت Excel  يۇمشاق دېتالىنىڭ باش تىزىملىكىدىن 数据 (مەلۇمات) تاللاپ، ئاندىن 排序 (تىزىش) نى تاللىساق بولىدۇ.

图片5.gif

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بېتى مەزكۇر ژۇرنالنى باشقۇرغۇچى شىنجاڭ كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۆتكەپ ئىشلەتتۇق. بۇ تېمىنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ شىنجاڭ كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا تور بېكەت، مۇنازىرە مۇنبەرلىرى، بىلوگلاردا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلسە تور بېتىمىز ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بېتى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالمايدۇ.


«ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر