ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئانا تىلىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە «كەمچىلىكى»

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2014-02-26 01:05:01 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

ئانا تىلىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە «كەمچىلىكى»


تاھىر تالىپ 


 دۇنيادا ئىنسانلار يارالغاندىن كېيىن خېلى ئۇزاققىچە ئىشارەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ياشىغان؛ ياشاش جەريانىدىكى ئالاقىلىشىش ئېھتىياجىدىن ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلىۋاتقان مېڭىسى ئارقىلىق ھەر خىل ئاۋازلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەڭ مۇھىم قورال بولغان تىلنى ياراتقان؛ تىل بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەندىن كېيىن، سۆزلەرنى زامان - ماكان ھالقىتىپ يەتكۈزۈش ۋە ساقلاش ئېھتىياجى تۈپەيلى ھەر خىل ئىپتىدائىي يېزىقلارنى ياراتقان، بۇ يېزىقلار تەرەققىي قىلىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەن. ئۇيغۇرلارمۇ قەدىمقى دەۋرلەردىلا تىل ۋە يېزىقنى يارىتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەردىن بولۇپ قالغان. گەرچە ئۇيغۇرلار ياراتقان يېزىقلار تارىختا بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەرگەن، باشقىلارغا بېرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، شۇ تىل بىزنىڭ ئانا تىلىمىز، بىزنىڭ مەنىۋى ماكانىمىز ۋە بىزنىڭ روھىيەت ئامبىرىمىز. ئۇيغۇر تىلى ئاممىباب، ئەۋرىشىم، يېپىشقاق، ئىپادىلەشچان، مەنىدار، ئاھاڭدار تىلدۇر. بۇ گېپىمنى دەلىللەپ باقاي: 

     1. تىلىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئۇلۇغ سۆز - ئاتالغۇ بىزنىڭ بىرىنچى ھەرپ، بىرىنچى تاۋۇشىمىز «ئا» بىلەن باشلىنىدۇ، بۇ ھال دۇنيادىكى باشقا تىللاردا ئاز ئۇچرايدۇ . مەسىلەن: ئاللاھ، ئادەم، ئالەم، ئاتا - ئانا، ئاپتاپ، ئادالەت، ئاش، ئاڭ، ئاقىل، ئاپتونومىيە، ئامما، ئائىلە ....  2. ئېلىپبە تەرتىپىمىز ھەرپ - تاۋۇشلارنىڭ ئۆزى باش بولۇپ ياسىغان سۆز- ئاتالغۇلىرىنىڭ ئاز- كۆپلىكى ۋە مۇھىملىق دەرىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن.  3. 32 ھەرپ، تاۋۇشىمىز ئارقىلىق، دۇنيادىكى ھەر قانداق يەر - جاي ناملىرى، ئادەم ئىسىملىرى ۋە ئىلىم - پەن ئاتالغۇلىرىنى توغرا ۋە ئەينەن ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.  4. تىلىمىزدا بەزى مىللەتلەرنىڭكىدەك «جىنسىي ئايرىما» يوق، «ئەر - ئايال باراۋەر».  5. تىل - يېزىقىمىزدا يېزىلغان ھەرپنى تاشلىۋېتىپ، يېزىلمىغان ھەرپنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىدىغان، سۆزنىڭ ئايىغىدىكى ھەرپنى باشقىراق ئېلىپ ئوقۇيدىغان، ھەتتا بىر ھەرپنى بەزى جايدا بىر خىل، بەزى جايدا باشقا بىر خىل تەلەپپۇز قىلىدىغان ھەمدە ئايرىم تۇرغاندا بىر خىل، سۆز - جۈملە تۈزۈشكە قاتناشقاندا يەنە بىر خىل ئوقۇيدىغان ئاۋارىچىلىكلەر يوق، نېمە بولسا شۇ، قانداق بولسا شۇنداق يېزىلىدۇ ۋە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.  6. تىلىمىزدا پەلسەپە، كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئەدەب - ئەخلاقنى ئىپادىلەيدىغان، ھەتتا تارىخىي مەدەنىيەتكە شاھىت بولالايدىغان ھەم يۈكسەك بەدىئىيلىككە ئىگە ماقال - تەمسىللەر كۆپ.  7. تىلىمىزدا ئادەم، ھايۋانات ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي، ئۇلارغا خاس بولغان ھەرىكەت نامى - پېئىللارنى ئاتىساقلا، ئىككىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن: مۆرىدى، ئازنىدى، ھۇۋلىدى، ھاڭرىدى، قاۋىدى، مەرىدى...دېگەندەك. تۇرمۇشتا بۇ قائىدىگە ئاساسەن، «مۆرىمە»، «قاۋىما»،« غىڭشىما»، «ھاڭرىما» دېيىش ئارقىلىق، ئادەمنىڭ قىلىقىنى ھايۋان قىلىقىغا ئوخشىتىۋاتقانلىقىنى ئىشارەت قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، تىلىمىزدا چوڭ - كىچىك، ئەركەك - چىشى ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس نامى بار. مەسىلەن: قوزا، پاقلان، ساغلىق، قوچقار، ئىرىك، موزاي، توپاق، بۇقا، ئۇي، غونىجىن، ئىنەك دېگەندەك.  8. يېزىقىمىزدا «چوڭ ھەرپ»، «كىچىك ھەرپ» دېگەن ئايرىمىلار يوق.  يېقىنقى يىللادىن بۇيان بەزىلەر ھەدېسىلا تىل- يېزىقىمىزدىن قۇسۇر تېپىشقا ئۇرۇنۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ سەۋەب - مەقسەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيادا قۇسۇرسىز شەيئى يوق، بىرخىل ئالاھىدە مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدە، ئۇيغۇر تىل - يېزىقىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. »تېۋىپ«نىمۇ مۇكەممەل دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا «دىياگنوز»نىڭ توغرا - خاتالىقىنى ئايرىشنى ئالدىن ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق بولسا «تېۋىپ»لىرىمىزنىڭ تىل - يېزىقىمىزدىن تاپقان «كېسەل»لىرى ۋە بىز تاپقان «شىپا»لارنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:      بىرىنچى، «ئۇيغۇر يېزىقى ئوڭدىن سولغا قاراپ يېزىلىدىغان بولغاچقا، كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش، سان - رەقەملەر ۋە چەت ئەل يېزىقىدىكى سۆز - ئاتالغۇلار بىلەن ئارىلاش قوللىنىش بىئەپ بولىدىكەن» دېگەن قاراش. لېكىن يېزىقىمىز كومپيۇتېرغا ئوبدانلا ماسلاشتى، ياخشى يۈرۈشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭكىدەك ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنى قوللىنىۋاتقان دۆلەتلەردىمۇ بۇنداق يېزىق ھېچنىمىگە پۇتلاشماي ئېقىۋاتىدۇ. 
      ئىككىنچى، «بەزى سۆزلەر بەكلا ئەۋرىشىم بولغاچقا، تەلەپپۇز قىلىش تەسكە چۈشىدىكەن» دېگەن قاراش. بۇ تىلىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە خاسلىقى. بەزى تىللاردىكى نازۇكلىققا سېلىشتۇرغاندا، ھېچ گەپ ئەمەس. پەقەت ئۆزىمىزنى ۋە تىلىمىزنى ئازراق يۇمشاتساقلا، سەل - پەل تاقەتچان بولساقلا، بۇ «تەسلىك»نىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
 ئۈچىنچى، «ئاچا - ئاچا» دېگەندەك شەكىلداش سۆزلەرنى پەرقلەندۈرمەك تەس ئىكەن، دېگەن قاراش. بۇ تايىنلىقلا ئىش، چۈنكى (1) بۇنداق سۆزلەر تىلىمىزدا تولىمۇ ئاز. (2) تون بەلگىلىرى يېتىشمەيدىغان سۆزلەرگە قارىغاندا، تاۋۇش پەرقى روشەن، سەل دىققەت قىلساقلا ئايرىۋالالايمىز.
 تۆتىنچى، «ھەرپلەرنىڭ ئايرىم، سۆز بېشىدا، ئوتتۇرىدا ۋە ئايىغىدا كېلىدىغان دەپ تۆت خىل شەكلى بار ئىكەن» دېگەن قاراش. تۆت خىل شەكىلنىڭ ھەممىنى يىغقاندىمۇ، جەمئىي 125تىن ئاشمايدۇ. بەزى يېزىقلاردىكى يىلاندەك ئۇلاپ يېزىلىۋېرىدىغان ھەرپلەرگە، ساننىڭ چېكى يوق خەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ ھېچنېمە ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىزنىڭ يېزىقىمىزنىڭ روشەن بىر ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى.
  بەشىنچى، «ھ، ق، غ، ژ، ئۆ، ئۈ... دېگەن ھەرپ - تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلماق تەس ئىكەن» دېگەن دەۋا. بۇلار تىلىمىزدا ئەزەلدىن بولمىسا بولمايدىغان ھەرپ - تاۋۇشلاردۇر.
(مەزكۇر ماقالە 2014-يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلار ئوقۇسىكەن، دېگەن مەقسەت بىلەن تورغا كۆچۈرۈپ قويدۇم. ئەسلىي ئاپتورى تاھىر تالىپ ئاكىمىزدىن ئىجازەت سورىمىدىم. ماقالىنى كۆپرەك ئادەم ئوقۇسا، تاھىر تالىپ ئاكىمىزنىمۇ خۇش بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.)


«ئانا تىلىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە «كەمچىلىكى»»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر