ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئىففىمىزىمسىز ماقال – تەمسىللەر توغرىسىدا

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-08-24 18:31:02 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش



ئىففىمىزىمسىز ماقال – تەمسىللەر توغرىسىدا 


ئابدۇخېلىل مىرخېلىل


(توققۇزتار ناھىيە دۆڭمەھەللە يېزا مويۇنگۈزەر مەكتەپ )


ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا تارىخنىڭ ۋە ئىجدىمائىي ئەمەلىيەتنىڭ توختاۋسىز ئېقىنلىرىدا ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئەقىل – پاراسىتى ، ئەمگەكچان ، باتۇر ، ئىگىلمەس – سۈنماس كۈرەشچانلىق روھىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇپ ، جاھان مەدەنىيەت غەزىنىسىنى ئالتۇن كەبىي جۇلالىق ئەقىل دۇردانىلىرى بىلەن بىزەپ كېلىۋاتقان مەزمۇنى مول ، شەكلى ھەر خىل ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر تۈرى بولغان ماقال – تەمسىللەر خەلق ئىچىگە كەڭ تارقىلىش، چوڭقۇر ئەقىل كۆرسۈتۈش خارەكتىرى ۋە ئۇزۇن تارىققا ئىگە بولۇش ئالاھىدىلىدىكى بىلەن ئالاھىدە سەمەرىلىكتۇر .
ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىتىيىتىدە سالماق ئورۇنغا ئىگە ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى ئەمگەكچان ، باتۇر ، ۋە ئەقىل پاراسەتلىك ئەجداتلىرىمىز دانىشمەنلىكىنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە تارىخىي ھاياتىمىزنى يورۇتۇپ ،گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك ، مۇھەببەت بىلەن – نەپرەت ، توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي قاراشلىرىمىزنى خاتاسىز ۋە دەل جايىدا خۇلاسىلاپ كەلمەكتە .مەلۇمكى بىر مىللەتنىڭ ماقال – تامسىللىرى شۇ مىللەتنىڭ ئۇزاق دەۋىرلىك تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ئەمەلىيىتىدە شەكىللەنگەن بولۇپ ، ئۇ ئىجدىمائىي ئەمەلىيەت سەرگۈزەشتىلىرىنى بېشىدىن ئەڭ كۆپ ئۆتكۈزگەن ، تارىخنىڭ تالاي تۈگۈمەس سىناقلىرىغا دۇچ كېلىپ ، ئۇنىڭدىن توغرا ۋە ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىش ئېڭى كۈچلۈك بولغان خەلق ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ھېساپلىنىدۇ . ماقال – تەمسىللەر نۇتۇق ۋە يېزىقلىرىمىزدا قېلىپلاشقان ، مۇقىملاشقان ، ھېكمەتلىك ، ئىبرەتلىك سۆزلەر قاتارىدا تىل ۋە يېزىقىمىزغا ئالاھىدە  ئېنىقلىق ، ئىخچاملىق ، توغرىلىق بېغىشلاپ نۇتۇق ۋە يېزىق جۈلاسىنى  ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ .
  روشەنكى ماقال – تەمسىللەردە ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرى ، تاتلىق تىلەك – خاھىشلىرى ، ئىجىدىمائىي تۇرمۇشقا بولغان تۈرلۈك قاراش – نۇقتىنەزەرلىرى ، ئىلىم – پەن ، ھۈنەر – كەسىپنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى مۇرەسسەسىز ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى قەدىرلەش ئېڭى ، ئەمگەكنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىشتىكى تەخىرسىز كۈچ ئىكەنلىكى ، ئۇنى سۆيۈش روھى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ . غايەت چوڭقۇر ، ئوبرازلىق سۆزلەر ئارقىلىق كىشىلەرگە ئىبرەتلىك ساۋاق ، قىممەتلىك مەسلىھەتلەر بېرىلىدۇ . شۇنداقلا كىشىلەر نومۇس ، ۋىجدان ، ئىنسانى خىسلەت ۋە ئادىمىلىك پەزىلەت بىلەن ياشاشقا ئۈندىلىپ ، ئەمگەكچان ، ئەقىل – پاراسەتلىك ، چىدام – غەيرەتلىك ، ئىنساپ – دىيانەتلىك ، ئەخلاقى – پەزىلەتلىك ، راستچىل كىشىلەردىن بولۇش ، بىلىم – ھۆنەرنى چىن دىلىدىن سۆيۈپ ئۆگىنىدىغان ھەقىقى كىشىلەردىن بولۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
ماقال – تەمسىللەردە ئومۇمەن مەزمۇن جەھەتتىن پەلسەپىۋى ئەقلىيىلىك قاراش – ھۆكۈملەر بىلىم كۆزقاراشلىرى ، ئاۋام خەلقىمىزنىڭ ئەخلاقى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ، دەۋىرگە ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشكە ئوخشاش تەرەپلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ . نۆۋىتىدە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە ھەقلىقمىزكى ، ماقال – تەمسىلەرنىڭ تىلى گۈزەل ، ئويناق ۋە ئوبرازلىق بولۇپ ، ئېسىل ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە ئوي – پىكىرنى دەل ۋە توغرا ئىپادىلەپ ، كىشىلەرگە ھايات ھەقىقەتلىرىنى تونۇتۇش بىلەن بىرگە ، يەنە ئىستىتىك تۇيغۇمۇ ئاتا قىلىدۇ .
بىز ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىنى تەپسىلى تەكشۈرىدىغان بولساق ، بىر قىسىم ماقال – تەمسىللەرنىڭ ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدا ئاشكارە دىيىلىش ياكى يېزىلىش پەرھىز قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تۈزۈلگەنلىكىنى بايقايمىز .
مەن بۇ ماقالەمدە نوقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى ئىچىدە نۇتىقىمىز ۋە يېزىقىمىزدا ئاشكارە دىيىلىش ۋە يېزىلىش پەرھىز قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تۈزۈلگەن ماقال – تەمسىللەر توغرىسىدىكى يۈزەكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم .
تارىختىن بۇيان تۆت پەسلى ئېنىق ئايرىلىدىغان مەركىزى ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ياشاش مۇھىتى قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزى ياشاپ كەلگەن مۇھىتقا ئىجابىي نوقتىدىن ماسلىشىپ ، ئۆزىدە ناھايىتى تۈز ، ساددا ، ئوچۇق – يۇرۇق ، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق ، ھەم مېھىرلىك ھەم قەھىرلىك ، سەمىمى ، راستچىل ، كۆڭلىدىكىنى ئېغىز ۋە ئەمەلدە ئىپادىلەشكە ماھىر ، ئەمىلى ئىشلاردا تۇرگۈن ، چۈس ، بولۇپمۇ تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىدا مادارا قىلىپ ئولتۇرمايدىغان تەبىي خارەكتىرگە ئىگە ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتتۇر . ئەلۋەتتە بىر مىللەت باغرىدىن باغجانلىغان مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرىغا شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش تەلقىنلىرى ، ھايات ھەقىقەتلىرى ھەققىدىقى ئاكتىپ قاراشلىرى ، ئىجدىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈرلۈك – تۈمەن كەچمىش – كەچۈرمىش ئامىللىرىنىڭ سىڭىشى مۇقەرەردۇر . جۈملىدىن ماقال – تەمسىللەرمۇ بۇ نوقتىدىن مۇستەسنا بولغان ئەمەس . خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەدەپ – ئەخلاق ، قائىيدە – يۇسۇن ، تەلىم – تەربىيە ، ئەمگەكنى سۆيۈش ، ھۈنەر – كەسىپ ئىگىلەشكە ، ھەققانىيەتنى ياقلاش ، رەزىللىككە قارشى تۇرۇش ، ئاياللار ئەخلاقىغا ئىتىۋار بىلەن قاراش ، راستچىل ، سەمىمى بولۇش جەھەتلەرگە ئالاھىدە ئىتىۋار بىلەن قاراپ كەلگەچكە ، خەلقىمىزنىڭ يۇقىرىقى خەرەكتىر ئالاھىدىلىكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقان ماقال –تەمسىللەردىمۇ روشەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان دىيەلەيمىز، ماقال –تەمسىللەردە ئاۋام خەلىقنىڭ سۈپەت– ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغاچقا ، نۇرغۇنلىغان ماقال –تەمسىللەرنىڭ تەلىم –تەربىيە خارەكتىرى سالماقلىق ئورۇندا تۇرغان .
تەلىم - تەرنىيە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق توغرىلىققا يېتەكلەيدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك پائاليەت جەريانى بولۇپ ، بۇ تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ مۇئايەن قوبۇل قىلىش ساپاسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . دىمەك ئەجداتلىرىمىز دەل مۇشۇ نوقتىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماي ، ئاۋام خەلقنىڭ ئەخلاقى ساپاسى ۋە تۈرلۈك ئىشلاردىكى ناچار ئىللەتلىرىنى تۈزۈتۈشىگە ياردەم بېرىش مەخسىتىدە ، ئاشكارە دىيىلىش ۋە يېزىلىش پەرھىز قىلىنغان سۆزلەر ئارىلاشقان ، ئىففىمىزىمسىز (سىلاقلاشتۇرۇلمىغان ) بىر قىسىم ماقال – تەمسىللەرنىمۇ رورياپقا چىقىرىپ ، ماقال – تەمسىللەرنىڭ ئەقىل كۆرسۈتۈش ۋە تەلىم – تەربىيە بېرىش رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەخسىتىگە يەتكەن بولىشى مۈمكىن .
بۇ خىلدىكى ماقال –تەمسىللەر ئاڭلىماققا قوپال ، تومتاق بولغىنى بىلەن يەنىلا تۇرمۇشىمىزدىكى ناچار ئىللەت ، بەد قىلىقلارنى تەنقىد قىلىش ۋە ئۇنى تۈزۈتۈشكە يېتەكلەش جەھەتلەردە نۇرغۇن ئاكتىۋال قىممەتلەرگە ئىگە .
مەسىلەن ؛ ‹‹ ئىنساپ قالمىدى چوڭدا ، ئىشتان قالمىدى قوڭدا ›› ،‹‹ ئېشەك ئۆلۈۋاتسا قوڭى غىجەك تارتىپتۇ ›› ، ‹‹ ھېيتتا قويمىغان خىنەڭنى ، ھېيتتىن كېيىن قوڭاڭغا قوي ›› ، ‹‹ ۋەسلىڭ يەتسە گۈل قىس ، بولمىسا قوڭاڭنى قىس ›› ، ‹‹ يىتىم قىز قوڭاڭنى قىس ›› ، ‹‹ ئاتقا مىنگەشمە ، مىنگەشكەندىن كېيىن كۆتۈم ئاغرىدى دېمە ›› ، ‹‹ بوزەكنى تاپسام ، قوڭىغا يىپنى ساپسام ›› ، ‹‹ تولا يىگەن بۆرىنىڭ قوڭى كامار ›› ، ‹‹ چوڭ باشنى ئاچسا كىچىك قوڭنى ئاچىدۇ ›› ، ‹‹ ساراڭنىڭ ئوڭى يوق ، پاشىنىڭ قوڭى يوق ›› ، ‹‹ ساۋاپنىڭ قوڭى تۆشۈك ›› ، ‹‹ بېتى ئەدەپ كۆرمىگەن ، كۆتى تەرەت كۆرمىگەن ›› ، ‹‹ باجا باجىنى كۆرسە قوڭى قىچىشار ›› ، ‹‹ باي ، قوڭى بەش پاتمان لاي ›› ، ‹‹ ئىچى كۆيمىگەننىڭ كۆتى قىچىشماس ›› ، ‹‹ ھىجىقىز توۋا قىلماس ، توۋا قىلسا قوڭى قويماس ›› ، ‹‹ ئۆزۈڭ قىلمىساڭ غېمىڭنى،قاغا چوقار ئىمىڭنى ›› ، ‹‹ قوناقلىققا ئوغرى كىرسە ئاتقۇچىنىڭ بىرنېمىسىنى كەس ›› ، ‹‹ كۆتۈڭدىن چىقىپ كۆزۈڭگە ئۇراي ›› ، ‹‹ئاتىسى باشلىمىغاننىڭ پودىقى چوڭ،ئانىسى باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى چوڭ ›› ، ‹‹ مىڭ مادا توققان بىلەن ، بىر ھاڭگىنىڭ كۆتى ئاغرىماس ›› ، ‹‹ چۈچىنىڭ شۇملىقىدىن ئانىسىنىڭ ئەمچىكى يوق ›› ،‹‹ باي بولاي دېسەڭ بورداقچى بول ، ئەمەل تۇتاي دېسەڭ پوداقچى بول ›› ، ‹‹ بوقىنى ھۆكۈرەتكەن ئىككى تاشىقى ›› ، ‹‹ كۆت بەر كۆتۈرۈپ بەر ، ئىسسىقى چىقمىسا يۆتۈلۈپ بەر ›› ، دېگەنگە ئوخشاش ماقال – تەمسىللەر ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئاشكارە دىيش ۋە يېزىش پەرھىز قىلىنغان تاناسىل ئەزا ۋە باشقا ئەزالىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ئارىلاشقان ئاساستا تۈزۈلگەن بولسىمۇ ، يەنىلا ئۆزىنىڭ يارقىن جۇلاسى بىلەن خەلق ماقال – تەمسىللىرىگە خاس پۇرىقىنى نامايەن قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹ بىر شاتىراق موزاي پادىنى بۇلغار ›› ،‹‹ ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن ›› ، ‹‹ پوققا چالما ئاتساڭ ، يۈزۈڭگە چاچرايدۇ ›› ، ‹‹ پوقنى ئوسۇرۇقتا ياپقىلى بولماس ›› ، ‹‹ پو ئاتقىنى يات يەر ياخشى،شاتراق ئۇرغىنى داق يەر ياخشى ›› ، ‹‹ سېخى ساخاۋەت قىلسا،بېخىل قان چىچىپتۇ ›› ، ‹‹ قارغا بىلەن دوست بولساڭ،يىيىشىڭ پوق ›› ، ‹‹ نوچى ئوق يەيدۇ،بالىسى پوق يەيدۇ ›› ، ‹‹ بولىدىغان بالا پوقىدىن ، بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن ›› ، ‹‹بەگ يالاقچىغا ئامراق ، ئىت شاتراقچىغا  ئامراق ›› ، ‹‹ بېخىلنىڭ پوقىنى يىگەن قاغىنىڭ قورسىقى ئاغرىيدۇ ›› ، ‹‹ پۈتمىگەن قەرىزگە پوق ئال ›› ، ‹‹ ئىككى قاغا پوق تالاشسا ، ئوۋچىغا پايدا ›› ، ‹‹ داڭلىغان قىز تويىدا چىچىپتۇ ›› ، ‹‹ دوستۇڭنىڭ پوقى پۇرىماس ›› ، ‹‹ بار چاغدا توق يەپتۇ ، يوق چاغدا پوق يەپتۇ ›› ، ‹‹ بالاڭنى قويۇپ بەرسەڭ بېشىڭغا چىچار ،چىۋىننى قويۇپ بەرسەڭ ئېشىڭغا چىچار ›› ، ‹‹ بالاڭنى ئەركە ئۆگەتسەڭ كۆرپىگە سىيەر ›› ، ‹‹ ئارقامدىن دېگەنلەر ، تېزىكىمنى يىگەنلەر ›› ، ‹‹ ئېشەكنى ئوتقا ھەيدىسە پوققا يۈگۈرەر ›› ، ‹‹ ۋاقتى ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ ›› ، ‹‹ ئورۇق ئۇينىڭ پوقى يوغان ›› ، ‹‹ گەپنى تەگىسە گەپ چىقار ، كالىنى قوغلىسا پوق چىقار ›› ، ‹‹ گەپنىڭ يامىنى كۇس – كۇس ، ئوسۇرۇقنىڭ يامىنى پۇس – پۇس ›› ، ‹‹ كەپسىز ، كەپتەر پوقى يەمسىز ›› ، ‹‹ شاخىنىچى كالا خاماننى بۇلغايدۇ ، بۇزۇق ئادەم جاھاننى بۇلغايدۇ  ›› ، ‹‹ ئارپا نېنى ئوسۇرغاققا بانا بوپتۇ ›› ، ‹‹ ئاتالماس ئوقىدىن كۆرىدۇ ، چىچالماس پوقىدىن كۆرىدۇ ›› قاتارلىق ماقال –تەمسىلەر ئەدەم ۋە باشقا جانلىقلاردىكى نورمال فىزولوگىيىلىك ھادىسىلەرنى ئىپادىلەيدىغان ، ئەمما ئاشكارە دىيىش ۋە يېزىش پەرھىز قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تۈزۈلۈپ ، تۇرمۇشىمىزدىكى خىلمۇ – خىل چىركىنلىكلەرنى يارقىن ئىپادە قىلىپ بەرگەن . شۇنداقلا ‹‹ ئوغرى قېرىسا موللا بولار ، جالاپ قېرىسا بۈۋى بولار  ›› ،‹‹ تام قېرىسا توپا بولار ، ھىجىقىز قېرىسا سوپا بولار ›› ، ‹‹ ئارىچىغا ئالتە تاياق ، شوۋىچىغا يەتتە تاياق  ›› ، ‹‹ دوستتۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپ ، ئالتە ئايلىق بويۇمدا قالدى ›› ، ‹‹ ئاشناڭغا ئىشىنىپ ، ئەرسىز قالما ›› ، ‹‹ دۈشمەننىڭ سۆزى يامان ، جالاپنىڭ  كۆزى يامان ›› ، ‹‹ سامان ئوتۇن بولماس ، جالاپ خوتۇن بولماس ›› ، ‹‹ تۆگىدە تىز يوق ، جالاپتا يۈز يوق ›› ، ‹‹ ھارۋا ماڭغان يول تار بولمايدۇ ، جالاپقا گەپ ھار بولمايدۇ ›› ، ‹‹ ئەرسىز خوتۇن - يۈگەنسىز بايتال ›› دېگەنگە ئوخشاش ماقال –تەمسىلەردىمۇ جىنسىيەت ، ئاياللار ئەخلاقى ، بەزىبىر ئادەملەردىكى تۇترۇقسىزلىق ئالامەتلىرى نۇتۇقتا ئېيتىش ۋە يېزىقتا ئىپادىلەش پەرھىز قىلىنغان سۆزلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەخلاقىغا زىت بولغان ناچار ئىللەت ، خاتا خاھىشلارنى پاش قىلىپ ، ئەخلاقى ساغلاملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يۈكسەك ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن .
   دىمەك يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىففىمىزىمسىز (نۇتۇقتا ئېيتىش ۋە يېزىقتا ئىپادىلەش پەرھىز قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تۈزۈلگەن ) ماقال – تەمسىللەر پەلسەپىۋىلىكىنىڭ ، مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلىقى ، مەزمۇن جەھەتتىن چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئەھمىيەتلىك بولۇپلا قالماي ، بەلكى ، تۇرمۇشىمىزدىكى بەزى ئىجدىمائىي ھادىسلەرنى ، جۈملىدىن خەلقىمىزنىڭ ئىجدىمائىي ھاياتىدىكى تۈرلۈك مىللى ئۆرپ – ئادەت دېتاللىرىنى ، ئەخلاقىي ساپاغا بولغان ئىلمىي قاراشلىرىنى ، ھەتتە بىر پۈتۈن  روھى ھالىتىنىمۇ چۈشۈنىشىمىزدە ناھايىتى ئەھمىيەتلىكتۇر .
   ئومۇمەن بۇ ماقال – تەمسىللەرگە خەلقىمىزنىڭ ئۆزى ياشاپ كەلگەن مۇھىتقا ئىجابىي نوقتىدىن ماسلىشىپ ، ئۆزىدە ناھايىتى تۈز ، ساددا ، ئوچۇق – يۇرۇق ، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق ، ھەم مىھىرلىك ھەم قەھىرلىك ، سەمىمى ، راستچىل ، كۆڭلىدىكىنى ئېغىز ۋە ئەمەلدە ئىپادىلەشكە ماھىر ، ئەمىلى ئىشلاردا تۇرگۈن ، چۈس ، بولۇپمۇ تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىدا مادارا قىلىپ ئولتۇرمايدىغان تەبىي خارەكتىرى سىڭگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا كىشىلەر ئەقىل – پاراسەتلىك ، ئىنساپ – دىيانەتلىك ، خەيرى – ساخاۋەتلىك ، مېھرى – شەپقەتلىك ، شەرىم – ھايالىق ، كىبىر – تەمەننادىن خالى ، سەبرى – تاقەتلىك بولۇشقا دالالەت قىلىنىپ، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان ، ئەل ئۈمۈدىنى ئاقلايدىغان ، بىر مەۋقايىدا تۇرىدىغان ، ھەرقانداق ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا ۋە ئەمىلى پۈتتۈرۈشكە ماھىر، پەرزەنت تەربىيىسىگە سەل قارىمايدىغان، ئەمىلى ئەھۋالىغا قارىتا ئىش كۆرۈشكە ئىتىبار بېرىدىغان ، كىشى ھەققىگە كۆز قىزارتمايدىغان ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ، ئۆزىگە تۈگىمەس دىشۋارچىلىق تېپىۋىلىشتىن ساقلىنىدىغان ، ئاساسسىز باھانالار بىلەن ئەسلى مەخسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك خاتا خاھىشلارغا بېرىلمەيدىغان گۈزەل ئەخلاقى ساپا يېتىلدۈرۈشكە چاقىرىلغان .


«ئىففىمىزىمسىز ماقال – تەمسىللەر توغرىسىدا»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر