سۈپەت توغرىسىداقىسقىچە بايان
سۈپەت توغرىسىداقىسقىچە بايان
شەيئىلەرنىڭ تۈرلۈك بەلگە – خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزتۈركۈمى سۈپەت
دەپ ئاتىلىدۇ . (سۈپەتلەر 8 تۈرلۈك گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە )
دەرىجە كاتىگورىيىسى :
شەيئىلەرنىڭ بەلگە خۇسۇسىيەتلىرىنى ، ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ
بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان
گرامماتىكىلىق كاتىگورىيە سۈپەتلەرنىڭ دەرىجە كاتىگورىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ
.
ئۇيغۇر تىلىدا سۈپەتلەرنىڭ 5 خىل دەرىجىسى بار .
1) ئاددى دەرىجە _ شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئەسلى ھالىتى بويىچە ئادەتتىكىچە ئىپادىلەيدىغان سۈپەت دەرىجىسى .
2) سېلىشتۇرما دەرىجە _ ئاددى دەرىجىدىكى سۈپەتلەرگە ”راق ، رەك “ مورفىمىسىنى ئۇلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
3)ئاشۇرما دەرىجە _ سۈپەت سۆزىنى تەكرارلاش ، سۈپەتنىڭ بىرىنچى بوغۇمىنىڭ
ئاخىرىغا ”پ“ تاۋۇشىنى قوشۇپ ، ئاندىن سۈپەتنى تولۇق ئېيتىش ، ئاددى
دەرىجىدىكى سۈپەتلەرنىڭ ئالدىغا ئاشۇرمارەۋىشلەرنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ
.
4)كېمەيتمە دەرىجە _ ئاددى دەرىجىدىكى سۈپەتلەرگە ” ىش، ۇش، ۈش، غۇش ، مىتۇل“ مورفىمىلىرىنى ئۇلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
5)ئەركىلەتمە دەرىجە _ ئاددى دەرىجىدىكى سۈپەتلەرگە ”غىنە ، قىنە ، گىنە ، كىنە “ مورفىمىلىرىنى ئۇلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
سۈپەتلەرنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزىلىشىگە قاراپ تۈپ سۈپەت ۋە ياسالما سۈپەت دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .
شەيئىلەرنىڭ بەلگە خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلدۈرىدىغان بىرلا توموردىن تۈزىلىدىغان سۈپەتلەر تۈپ سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ .
باشقا سۆز تۈركۈملىرىگە مەنسۇپ بولغان سۆزلەرگە (بولۇپمۇ ئىسىملارغا )
سۈپەت ياسىغۇچى تۈرلۈك مورفىمىلارنىڭ ئۇلىنىشى ۋە ئىككى باش مورفىمىنىڭ
ئۆز-ئارا قوشۇلىشى ئارقىلىق ياسالغان سۈپەتلەر ياسالما سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى ياسالما سۈپەتلەر مورفولوگىيىلىك ۋە سىنتاكىسسلىق يولدىن ئىبارەت ئىككى خىل يول بىلەن ياسىلىدۇ .
ھەر خىل سۆز تۈركۈملىرىگە تەۋە بولغان سۆزلەرگە سۈپەت ياسىغۇچى تۈرلۈك
مورفىمىلارنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ھاسىل بولغان سۈپەتلەر مورفولوگىيىلىك يول
بىلەنياسالغان ياسالما سۈپەتلەر سۈپەتلەر دېيىلىدۇ .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىدا كۆپرەك ئۇچىرايدىغان سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار :
1)ئىسىملارغا ئۇلىنىپ سۈپەت ياسايدىغان مورفىمىلار
2)پېئىللاردىن سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار
3)رەۋىشلەردىن سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار
4)سان – مىقتار سۆزلىرىدىن سۈپەت ياسايدىغان مورفىمىلار
5)سۈپەتلەردىن سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
ئىككى باش مورفىمىنىڭ ئۆز-ئارا بىتىكىشىدىن تۈزۈلگەن ياسالما سۈپەتلەر سىنتاكىسسلىق يول بىلەن ياسالغان سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ .
«سۈپەت توغرىسىداقىسقىچە بايان»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر
ئالدىنقىسى : يادەمچى سۆزلەرنىڭ مەنىسى
كېيىنكىسى : ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى
- ماقال – تەمسىللەر تىل خەزىنىمىزدىكى دۇردانە
- ئىففىمىزىمسىز ماقال – تەمسىللەر توغرىسىدا
- ئېلان ئۇچۇرلىرىدىكى تىل-يېزىقلىرىمىزنىڭ بۇزۇلىشى
- ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكا بىلىملىرى-توپلانما
- گۇما شېۋىسىنىڭ گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى
- گۇما شېۋىسىنىڭ لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكى
- جۈملە توغرىسىدا
- قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
- ياردەمچى سۆزلەرنىڭ تۈرلىرى
- بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
- ماقال – تەمسىللەر تىل خەزىنىمىزدىكى دۇردانە
- ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكا بىلىملىرى-توپلانما
- ئىففىمىزىمسىز ماقال – تەمسىللەر توغرىسىدا
- ئېلان ئۇچۇرلىرىدىكى تىل-يېزىقلىرىمىزنىڭ بۇزۇلىشى
- گۇما شېۋىسىنىڭ گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى
- ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
- جۈملە توغرىسىدا
- گۇما شېۋىسىنىڭ لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكى
- ياردەمچى سۆزلەرنىڭ تۈرلىرى
- سۈپەت توغرىسىداقىسقىچە بايان