سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> ئۆلچەم >> لېكسىكا

مەنىداش سۆزلەرۋە مەنىداش سۆزلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى

تۈر : لېكسىكا | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-08-05 18:29:40 | كۆرۇلىشى :


مەنىداش سۆزلەرۋە مەنىداش سۆزلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى


1. مەنىداش سۆزلەر دېگەن نېمە؟
تاۋۇش تەركىبى ھەر خىل، ئەمما ئاڭلىتىدىغان مەنىلىرى ئۆزئارا ئوخشاش ياكى يېقىن (ئوخشاپراق كېلىدىغان) سۆزلەر مەنىداش سۆزلەر دېيىلىدۇ. مەسىلەن:
كور، ئەما، قارىغۇ، كۆرمەس
تىمتاس، جىمجىت، تىنچ
ساق، ساغلام، سالامەت
ئاتاقلىق، داڭدار، داڭلىق، مەشھۇر، نامدار
تاتلىق، تەملىك، لەززەتلىك، مەززىلىك، شېرىن...
ئىنچىكىلەپ قارىغاندا، مەنىداش سۆزلەرنى مۇتلەق مەنىداش سۆز ۋە نىسپىي مەنىداش سۆز دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ، چۈنكى، سۆزلۈك سوستاۋىدا، مەنىلىرى بىر – بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىشىدىغان ياكى مۇتلەق تەڭ كېلىدىغان سۆزلەرمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، «ئادەم، كىشى»، «چاپسان، ئىلدام، تېز»، «ھەدە، ئاچا، ئايلا، ئىگىچە»، «قەھرىمان، باتۇر، قەيسەر، جەسۇر»، «كۆپ، جىق، نۇرغۇن، تولا» ۋە باشقىلارغا ئوخشاش.
دېمەك، سۆزلۈك سوستاۋىدا، مەنىلىرى بىر – بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياكى مۇتلەق تەڭ كېلىدىغان سۆزلەر مۇتلەق مەنىداش سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ (ئىلدام ماڭ، چاپسان ماڭ، تېز ماڭ، قەھرىمان جەڭچى، باتۇر جەڭچى، قەيسەر جەڭچى، جەسۇر جەڭچى دېگەنلەرگە ئوخشاش).
دەرۋەقە بەزى تىلچىلار مەنىداش سۆزلەر بىلەن «تەڭ مەنىلىك سۆزلەر» نى ئايرىم – ئايرىم ئۇقۇم، ئايرىم – ئايرىم تۈر قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ. بىزنىڭچە، (1) «مەنىداش» دېگەنلىك «مەنە جەھەتتىن تەڭداش ۋە يانداش» دېگەنلىك بولىدۇ. (2) تىلنىڭ ئومۇمىي سوستاۋىدىن ۋە ئومۇمىي تەرەققىياتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سۆزلەر ئارىسىدىكى مەنە جەھەتتىكى تەڭلىك ھامان نىسپىي ۋە ۋاقىلتىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا، تىلدىكى ئاڭلىتىدىغان مەنىلىرى جەھەتتە تەڭداش ياكى بىر – بىرىگە يېقىنراق تۇرىدىغان، تۈپ ئۇقۇم جەھەتتە ئېنىق ئورتاقلىققا ئىگە بولغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى مەنىداش سۆزلەر دائىرىسىگە كىرىدۇ، دەپ قارايمىز.
2. مەنىداش سۆزلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى
مەنىداش سۆزلەرنىڭ باشقا سېمانتىكىلىق سۆز تۈرلىرىدىن گەۋدىلىك پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى دەپ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن:
بىرىنچى، ئۆزئارا مەنىداش بولغان سكزلەر تۈپ ئۇقۇم جەھەتتە جەزمەن ئورتاقلىققا ئىگە بولىدۇ ۋە بۇ مەنىداش سۆزلەرنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن:
مەنىداش سۆزلەر: ئورتاق مەنە:
كۈچ، قۇدرەت، ماغدۇر، قۇۋۋەت كۈچ
ئوقۇتقۇچى، مۇئەللىم، ئۇستاز ئۆگەتكۈچى
زور، چوڭ، يوغان، كاتتا ئۇلۇغ
ئېگىز، يۇقىرى، ئۈستۈن، يۈكسەك ئېگىز
دېمەك، ئېيتماق دېمەك
ناھايىتى، بەك، ئىنتايىن، تولىمۇ ناھايىتى
ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنىداش بولغان سۆزلەر جەزمەن بىر خىل سۆز تۈركۈمىگە مەنسۇپ بولىدۇ. مەسىلەن:
ئاياغلاشماق، تۈگىمەك، تاماملانماق (پېئىل)
گۈل، چېچەك (ئىسىم)
گۈلشەن، گۈلزار، گۈللۈك (ئىسىم)
چىرايلىق، گۈزەل، كۆركەم، ئۇز (سۈپەت)
چاپسان، ئىلدام، تېز، ئىتتىك (رەۋىش)
ئەمما، لېكىن، بىراق (باغلىغۇچى)
توغرۇلۇق، ھەققىدە، توغرىسىدا (تىركەلمە)
ئۈچىنچى، ئۆزئارا مەنىداش بولغان سۆزلەردە، تۈس ۋە ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى جەھەتتە مۇئەييەن پەرق بولىدۇ. بۇ خىل پەرقلەر مەزكۇر سۆزلەرنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ئىستېمالى جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈپ ئۇقۇم جەھەتتىكى ئورتاقلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ تىلدىكى تۈرلۈك سۆزلەر بىلەن ماسلىشىش ئىقتىدارىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئالايلۇق، «ئوقۇتقۇچى، ئۇستاز، مۇئەللىم» دېگەن سۆزلەر «ئوقۇتقۇچى» دېگەن بىر ئورتاق ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ، بىراق «ئوقۇتقۇچى» ئۇزاق يىللىق ئىستېمال جەريانىدا، تۈرلۈك مەكتەپلەردە دەرس ئۆتىدىغان خادىملارنى كۆرسىتىدىغان سۆز بولۇپ تۇراقلاشقان؛ «ئۇستاز» سۆزى بولسا، مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا بولسۇن، مۇئەييەن ئىلىم ياكى بىرەر كەسىپ، ھۈنەر، تېخنىكا ئۆگەتكەن كىشىلەرنى، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئۇستىلارنى كۆرسىتىدىغان سۆز بولۇپ مۇقىملاشقان؛ «مۇئەللىم» سۆزى بولسا، مەكتەپلەردە دەرس بەرگۈچى ئوقۇتقۇچىنى كۆرسىتىدىغان ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن قوللىنىدىغان سۆزى بولۇپ قالغان. يەنە «ۋەتەن، ئەل، دۆلەت، مەملىكەت» سۆزلىرى «دۆلەت» دېگەن بىر ئۇقۇمغا مەنىداش سۆزلەر بولۇپ، ئۇلار ئەمەلىي ئىستېمال جەريانىدا، «ئەل» بىلەن «ۋەتەن» بىر خىل يېقىنلىق تۈسى بىلەن «ئانا يۇرت، تۇغۇلغان دىيار» دېگەن مەنىنى، «دۆلەت» بىلەن «مەملىكەت» بولسا، ئادەتتە زېمىن، تەۋەلىك ۋە ھاكىمىيەت ئاپپاراتى مەنىسىنى يورۇتقان ھالدا قوللىنىلىدۇ.
مەنىداش سۆزلەرنىڭ تۈس جەھەتتىكى پەرقى دېگىنىمىز، مەزكۇر سۆزلەرنىڭ ئىجابىي ياكى سەلبىي ئوبيېكتقا ئىشلىتىلىشى، سۆزلىگۈچىنىڭ ھۆرمەت قىلىش، ئەركىلىتىش ياكى كەمسىتىش قاتارلىق تۈرلۈك ھېس – تۇيغۇلىرىنى، تۈرلۈك ئەسەرلەردىكى ژانىر تۈسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سۆزلەر. مەسىلەن، «ئالەمدىن ئۆتمەك، قازا قىلماق، ۋاپات بولماق، قۇربان بولماق، ئۆلمەك» دېگەن مەنىداش سۆزلەرنىڭ تۈرلۈك سورۇن، تۈرلۈك ئوبيېكت ئاساسىدا، تۈرلۈكچە تۈس بېرىپ قوللىنىلغانلىقىغا ئوخشاش.
مەنىداش سۆزلەرنى ھەرقانداق تىل شارائىتىدا بىرىنى بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ ئىشلەتكىلى بولۇۋەرمەيدۇ. بۇ مەنىداش سۆزلەرنىڭ ئۆزئارا لېكسىكىلىق ئۇقۇم جەھەتتە ئورتاقلىقى بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كونكرېت تىل شارائىتىدا باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارى جەھەتتە مۇئەييەن خاسلىققا ئىگە بولۇپ قالغانلىقىدىن بولغان مەسىلەن، «كۈچ، قۇدرەت، قۇۋۋەت، ماغدۇر» دېگەن مەنىداش سۆزلەرنى ئالساق، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ئورتاق مەنە - «كۈچ» دېگەننى بىلدۈرسىمۇ، بىراق، «بۇ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلدى» دېگەن جۈملىنى «سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ماغدۇرىنى نامايەن قىلدى» دەپ قوللانغىلى، «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرىمىز» دېگەننى «ماغدۇرلۇق دۆلەت قۇرىمىز» دەپ قوللانغىلى بولمايدۇ. دېمەك، ئەمەلىيەتتە بۇ «قۇدرەت» نىڭ «ماغدۇر» بىلەن مەنىداش ئەمەسلىكىدىن ئەمەس، بەلكى مەزكۇر سۆزلەرنىڭ كونكرېت شارائىتتا مۇئەييەن خاسلىققا ئىگە بولغان قالغانلىقىدىن، ئادەتلىنىپ قالغانلىقىدىن بولغان. مانا بۇ مەنىداش سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى جەھەتتىكى پەرقى ھېسابلىنىدۇ.
3. مەنىداش سۆزلەرنىڭ پەيدا بولۇشى
ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ:
بىرىنچى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىمۇ يۈكسىلىپ بارىدۇ. بۇ ھال ئۇلارنىڭ تىل سوستاۋىدا شەيئىلەرنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنىمۇ ئەينى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆزلەرنى ئىجاد قىلىشقا ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەر ھامان بىر خىل شەيئىنى مۇئەييەن بىر سۆز بىلەن ئاتاش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ، بەلكى ئاشۇ شەيئى ئىپادىلىگەن سۆزنى ئۆز تىلىدا يەنە بىر قانچە سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈشنى زۆرۈر تاپىدۇ. مانا بۇنىڭ بىلەن تىلدا مەنىداش سۆزلەر ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، تىلىمىزدىكى «يۈرمەك، ماڭماك، قەدەم ئالماق» سۆزلىرىنى ئالساق، ئۇلار «قەدەمنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ يۆتكەپ، ئالغا سىلجىش» دېگەن ئۇقۇمدىكى مەنىداش سۆزلەر ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ ئۈچ سۆزنى ھەمىشە، ھەرقانداق تىل شارائىتىدا، بىرىنى يەنە بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ ئىشلىتىشكە بولسىمۇ، بىراق ئۇلار لېكسىكىلىق ئۇقۇم جەھەتتە بىرى يەنە بىرىنىڭ چۈشەنچە نورمىسىغا تەڭداش بولالايدۇ.
قىسقىسى، ئالاقە قورالى بولغان تىلنىڭ ئۆزى تىل ئىگىلىرىدىن ئۆزىنىڭ ھەربىر ماتېرىيالىنى توغرا چۈشەندۈرەلەيدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ قورالنى چۈشەنمىسە جايىدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
دېمەك، تىلنىڭ ئۆزى ئۆز سوستاۋىدا مەنىداش سۆزلەرنىڭ بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئىككىنچى، ئۇزاق يىللىق تىل ئىستېمالى جەريانىدا، سۆزلەردە فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش بولۇش نەتىجىسىدە بەزى مەنىداش سۆزلەر مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، تىلىمىزدىكى «ھار كەلمەك، ھار ئالماق» تىكى «ھار» سۆزى ئەسلى «ئار» تەلەپپۇزىدا ئىدى. ئۇزاق ئەسىرلىك ئىستېمال جەريانىدا، ئۇ ئايرىم سۆزلەر بىلەن بىرىككەندە «ئار» تەلەپپۇز قىلىنىدىغان (مەسىلەن، ئار - نومۇس)، يەنە ئايرىم سۆزلەردە بولسا «ھار» تەلەپپۇز قىلىنىدىغان مەنىداش ئىككى سۆز بولۇپ لۇغەتتىن ئورۇن ئالغان. يەنە ئالايلۇق، بۈگۈنكى «ئاچا» ( ) سۆزى ئەسلى «ئەچە» ( ) ئىدى، «دىۋان» دا بۇ سۆز (يەنى «ئەچە») «ئەگە» دېيىلىدۇ، بۇ يەردىكى «گ» تاۋۇشى «چ» دىن ئۆزگەرگەن دەپ ئىزاھلانغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشق تەس ئەمەسكى، قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئەچە» سۆزى ئۇزاق ئەسىرلىك جەرياندا «ئەچە – ئەگە - ئەگەچە» تەلەپپۇزىدا ئىشلىتىلىپ، بۈگۈنكى زامانغا كەلگەندە، «ئېگىچە» ۋە «ئاچا» («ئەگەچە» دىكى «گە» چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، دەسلەپ ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلۇق «ئە: چە» ، كېيىنچە بولسا «ئاچا» تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بولغان) شەكلىدە تۇراقلىشىپ، مەنىداش ئىككى سۆز سالاھىيىتى بىلەن لۇغىتىمىزدىن ئورۇن ئالغان.
ئۈچىنچى، جانلىق تىل ۋە ۋە شېۋە، خۇسۇسەن، مەركىزىي شېۋە تەسىرىدىن ئەدەبىي تىلدىكى سۆزلەر بىلەن تەڭ قىممەتتە ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم مەنىداش سۆز بارلىققا كېلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، ئەدەبىي تىلىمىزدىكى «تەئەللۇق» سۆزى جانلىق تىلدا ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلۇق «تالىق» تەلەپپۇزىدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆز ھەرقايسى شېۋە رايونلىرىدا «ساڭا تالىق، ماڭا تالىق، خۇداغا تالىق» دېگەندەك بىرىكمە ياساپ كەڭ ئىشلىتىلگەندىن باشقا، ھازىر ئەدەبىي تىلىمىزغىمۇ ئۆزلىشىپ كىرمەكتە. مەسىلەن:
تېگىدىن ۋەتەنگە ئاشىق بولمىسا،
يازغىنى خەلقىمگە تالىق بولمىسا.
نە قىلاي قەلەمنى مەن ھەمراھ قىلىپ،
كۆر، قۇلاق، دىل، تىلغا سادىق بولمىسا.
(ئابدۇكېرىم خوجا: «باھار بىلەن كەلگەن شېئىرلار»، 1987 – يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)
تۆتىنچى، قېرىنداش تىللاردىن، چەت ئەل تىللىرىدىن سۆز قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە يەنە بىر تۈركۈم مەنىداش سۆزلەر بارلىققا كېلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنىڭ خېلى زور سالمىقى مۇشۇنداق سەۋەب بىلەن شەكىللەنگەن. مەسىلەن: (ئەسكەرتىش: «ئۇ» ئۇيغۇرچىنى، «ئە» ئەرەبچىنى، «پ» پارسچىنى بىلدۈرىدۇ.)
كۈچ (ئۇ)، قۇدەرت (ئە)، قۇۋۋەت (ئە)، مادار (ئە)، ماغدۇر (ئە)؛ كىشى (ئۇ)، ئىنسان (ئە)، ئادەم (ئە)؛ تۇپراق (ئۇ)، قەبرە (ئە)، مازار (ئە)؛ يارلىق (ئۇ)، بۇيرۇق (ئۇ)، ئەمىر (ئە)؛ ئەل (ئۇ)، ۋەتەن (ئە)، دۆلەت (ئە)، مەملىكەت (ئە)؛ كۆك (ئۇ)، ئاسمان (پ)، ھاۋا (ئە)؛ تاماق (ئۇ)، تائام (ئە)، غىزا (ئە)؛ يېگۈلۈك (ئۇ)، ئەت (ئۇ)، گۆش (پ).



خەتكۇچ : مەنىداش سۆز مەنىداش سۆزلەر ئالاھىدىلىك
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار