ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

سۆزى ئىززەتلىكنىڭ ئۆزى ئىززەتلىك

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-10-25 18:12:58 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش



سۆزى ئىززەتلىكنىڭ ئۆزى ئىززەتلىك


ئەسقەرجان ئەنۋەر


بۈگۈنكىدەك رىقابەت كەسكىن بولۇۋاتقان، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بېرىش-كېلىش ئازىيىپ، مۇئامىلە سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان كۈنلەردە، كىشىلەر ماددىي بۇيۇملار ئارقىلىق جىسمانىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشقا قارىغاندا، ئىللىق  سۆزلەر ئارقىلىق دىلى ھەم روھىنى تەسەللىي تاپقۇزۇشقا تېخىمۇ مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئەتىراپىمىزدا كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان، جەمئىيەتتە ئىناقسقزلىق كەيپىياتى پەيدا قىلىپ زىغىر تەشتى قىلىغىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئارقىسدىن غەيۋەت قىلىشنى ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىشنىڭ بىر خىل شەكلى قىلىۋالغان بولغاچقا، سۆزلىشىشكە ئەرزىيىدىغان شۇنچە ياخشى تېمىلار بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ يامان تەرىپىنى قىلىشىدۇ. يەنە قىسمەنلەر باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا ياكى ئۇلارغا تۆھمەت چاپلاشقا ئامىراق بولىدۇ، ئۇلار سۆزلىشىۋاتقان ئوبىكتىغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن نەق مەيداندا يوق ئادەمنىڭ جىمى يېغىرىنى تاتلاپ، ئالدىدىكى ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆككە كۆتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە نوقسان يۈزدىكى خالغا ئوخشايدۇ، يامان نىيەتلىك كىشىلەر ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا ئىنتايىن ماھىر كېلىدۇ. باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىش پارىڭى بولىنىۋاتقاندا ئادەمنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماستىن، شۇ گەپنى قىلغۇچى ھەم ئاڭلىغۇچىنىمۇ زىيانغا ئۇچىرىتىدۇ. كىشىلەر ھەمىشە ئورۇنسىز گەپ قىلىپ باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتكەنلىكى تۈپەيلىدىن بېشىغا بالا تېرىيدۇ. نۇرغۇن تالاش-تارتىش ھەم بەخىتسىزلىكلەرنى ئەنە شۇ ئېغىز پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئەجداتلار «ئويلىماي سۆزلىسەڭ ئاغرىماي ئۆلىسەن»، «سۆزى ئىززەتلىكنىڭ ئۆزى ئىززەتلىك» دەپ بىكارغا ئېيىتمىغان.
بەزىدە باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى تولا قىلىدىغانلارنى ئۇچىرىتىپ قالىمەن، ئۇلارغا كىم توغرىسىدا ئېغىز ئاچسام، ئاۋال ئۇلارنىڭ نوقسان، كەمچىلىكلىرى ھەققىدە ئېغىزىنى باسالمايلا سۆزلەپ كېتىدۇ. مەن شۇنداق چاغدا ئۇلارغا :«-دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، بىز ئاق تامدىكى بىر تال قارا داغنى كۆرۈپلا ئۇنى قارا تام دېسەك قاملاشمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ياخشى تەرەپلىرى ھەققىدە سۆزلىسەك قانداق؟» دەپ گەپنى بۇرايمەن. مېنىڭچە، ئەتىراپلىق ئويلىنىپ ئىش كۆرىدىغان، بىلىملىك كىشىلەر ھەرگىزمۇ كوچا پاراڭلىرىدىن سۆز ئاچماستىن، زۆرۈر تېمىلار ئۈستىدىلا توختىلىدۇ. ئۇلار ئېغىز ئاچقان ھامان قالتىس مەزمۇنلۇق گەپلەرنى قىلىدۇ. گەپ قىلىش قىيىن ئەمەس، مۇۋاپىق ئورۇن ھەم مۇۋاپىق ۋاقىتتا لايىقىدا گەپ قىلىش قىيىن. بۇ ھەقتە پەيلاسوپلار«باشقىلارنى قايىل قىلىشتا گەپنىڭ رولى ئالتۇننىڭ رولىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دەپ يازغان. بەزىلەر پاراڭلىشىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ«مەن بۇ گەپنى ساڭىلا دەي، باشقىلارغا ئېيتىپ قويمىغىن» ،ھېلىقى ئادەم بۇنى يەنە باشقىلارغا :«مەن ساڭىلا ئېيتىم ، ھەرگىز باشقىلارغا ئېيتمىغىن» دەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن شۇ بولمىغۇر گەپ ئۇزاققا قالماي ئاشكارلىنىدۇ، شۇڭا بىھاجەت تالاش-تارتىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى دېيىشكە تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى دىمەسلىكىمىز، ھال ئەھۋالىمىزنى نادانلارغا ئېيىتمىغىنىمىز تۈزۈك، بولۇپمۇ باشقىلار ھەققىدىكى غەيۋەتلەرنى ئاڭلىغىنىمىزدا ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەسلىكىمىز ھەم تارقاتماسلىقىمىز، ئىشلارنى ياخشى تەرەپكە بۇرىشىمىز لازىم


«سۆزى ئىززەتلىكنىڭ ئۆزى ئىززەتلىك»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر