ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2014-05-20 00:50:25 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار


غەيرەت ئابدۇرەھمان



    قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ يازما يادىكارلىقلىرى دېگىنىمىزدە، ئاساسەن، ئۇيغۇرلار يېزىق قوللانغاندىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ياشىغان كەڭ رايونلاردا ئىسلام دىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى يازما يادىكارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدى. بۇ ئارقىلىق قەدىمكى تۈرك (كۆك تۈرك) خانلىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر (ئورقۇن ئۇيغۇر) خانلىقى، قوچۇ خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانىدانلىقى دەۋرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يازما يادىكارلىقلار ئىچىدىكى مۇھىمراقلىرى مۇنۇلار:

    1. قەدىمكى تۈرك (ئورقۇن) يېزىقىدىكىلىرى

    قەدىمكى تۈرك (كۆك تۈرك) خانلىقىغا تەۋەلىرى:1) ئونگېن مەڭگۇ تېشى، 2) تۇنيۇقۇق مەڭگۇ تېشى، 3) كۆلتېگىن مەڭگۇ تېشى، 4) بىلگە قاغان مەڭگۇ تېشى.

    قەدىمكى ئۇيغۇر (ئورقۇن ئۇيغۇر) خانلىقىغا تەۋەلىرى: 1) توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۇ تېشى، 2) مويۇنچۇر (بايانچۇر) مەڭگۇ تېشى، 3) سۇجى مەڭگۇ تېشى، 4) تېرخىن مەڭگۇ تېشى، 5) ئىرق بىتىگ (پالنامە).

    2.قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكىلىرى

    قوچۇ ئىدىقۇتلۇقىغا تەۋەلىرى : 1) قوچۇ ئىدىقۇتلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۇ تېشى، 2) ئالتۇن يارۇق، 3) مائىتىرى سىمىت، 4) چاشتانى ئىلىك بەگ، 5) ئوغۇزنامە، 6) ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى، 7) شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى، 8) ئابدىرىم كۇشاۋاردى شاستىر، 9) ساددا خارماپۇ دارىكا سۇترا، 10) سەككىز يۈكمەك، 11) ئاۋاتامساكا سۇترا، 12) ئامىتابا سۇترا، 13) ئاربارا جاۋاۋادگا سۇترا، 14) قۇۋانىشىم پۇسار، 15)مانى مۇخلىسلىرىنىڭ تۆۋىنامىسى، 16) ئىككى يىلتىز نوم، 17) ئېۋاڭېلوم، 18) سانت گېمورگنىڭ شاھادىتى، 19) ئىزوپ مەسەللىرى فراگمىنتلىرى، 20) قوچۇ شېئىر- قوشاقلىرى، 21) سىددىخاسارا، 22) قوچۇ ئىدىقۇتلۇقىغا تەۋە ئىجتىمائىي– ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر، 23) قۇتادغۇبىلىك، 24) ئەتەبەتۇلھەقايىق (A نۇسخىسى).

    3. ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقىدىكىلىرى

    قاراخانىيلار خاندانلىقىغا تەۋەلىرى: 1) قۇتادغۇبىلىگ (نەمەنگان ۋە قاھىرە نۇسخىلىرى)، 2) تۈركىي تىللار دىۋانى، 3) ئەتەبەتەلھەقايىق (C نۇسخىسى)، 4) ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر.




«قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر