ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

شىزاڭ ۋە زاڭزۇ ئىبارىلىرىنىڭ قەدىمكى يازمىلىرىمىزدىكى ئاتىلىشى ھەققىدە

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2015-03-25 18:31:54 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

شىزاڭ ۋە زاڭزۇ ئىبارىلىرىنىڭ قەدىمكى يازمىلىرىمىزدىكى ئاتىلىشى ھەققىدە

 

ئىسكەندەر جېلىل

 

   ئازاتلىقتىن كېيىن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى رەسمىي قېلىپقا چۈشۈپ، قوشنا مىللەت بولمىش خەنزۇلاردىن كۆپلەر ئاتالغۇلارنى ئەينەن تەلەپپۇزى بىلەن ئېلىپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئەلمىساقتىن ئاتاپ كېلىۋاتقان «تۇنگان» قاتارلىق سۆزلەرنى خەنزۇچە ئاھاڭ بويىچە «خۇيزۇ» دەپ ئېلىش بىلەن بىرگە، «شىزاڭ» (西藏)، «زاڭزۇ» (藏族) ئاتالغۇلىرىمۇ خەنزۇچە ئاھاڭ بويىچە تىلىمىزغا كىرىپ كەلدى. بۇ بەلكىم 4 كىشلىك گوروھ ۋە سولچىل ئىدىيەنىڭ تەسىرى بىلەن، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئاتاپ كېلىۋاتقان ئاتالغۇلار چەكلەنگەن ياكى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن.

   مىرزا ھەيدەر مۇھەممەت كوراگان ئۆزىنىڭ «تارىخىي رەشىدى» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىدە، تىبەتكە بارغانلىقى، تۈبۈتلەر بىلەن پاراڭلاشقانلىقى، ھەمدە جەڭ قىلىش ئارقىلىق قىسمەن يەرلەرنى ئىستىلاھ قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىۋاتقان «تىبەت» ھازىرقى «شىزاڭ»نى، «تۈبۈت» بولسا «زاڭزۇ» خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. زەھىررىدىن مۇھەممەت بابۇرمۇ ئۆزىنىڭ «بابۇرنامە» ناملىق كىتاۋىدا، شۇنداقلا موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق كىتاپلىرىدىمۇ «تىبەت» سۆزى ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ تارىخىي كىتاپلار بۇنىڭدىن 100- 500 يىل ئاۋۋال يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان مەزگىللىرىدە، بەزى ئەسەرلەرنى خەنزۇچە، ھىندىچە ۋە تۈبۈتچىلەردىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ كەلگەن. مەسىلەن: ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەر «ئاريارا جاۋاۋادا كاسۇترا»نىڭ ئىزاھاتىغا «Sanga şiri Tübüt tilintin yangirti Uygur tilinge aqtarmiş» (ساڭگا شىرى يەنە تۈبۈت تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان) دېگەن سۆزلەر يېزىلغان، يەنى قەدىمكى ئۇيغۇرلار «زاڭزۇ» دەپ ئاتىماستىن، بەلكى «تۈبۈت» دەپ يازغان.

   دېمەك تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ئەتراپتىكى باشقا قەۋملەر بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا ھازىرقى شىزاڭنى «تىبەت»، زاڭزۇلارنى بولسا «تۈبۈت» دەپ ئاتاپ كەلگەن.  شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىمكىنى ھازىرغا خىزمەت قىلدۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، 西藏 ۋە 藏族 ئىبارىلىرىنى ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئاتاپ كەلگەن ۋە كىتاپلاردا يېزىپ كەلگەن بويىچە، «تىبەت» ۋە «تۈبۈت» ئېلىش بىر قەدەر مۇۋاپىق. شۇنداق بولغاندا، بىز قەدىمكى كىتاپلىرىمىز بىلەن بولغان ئاتالغۇ بىردەكلىكنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، باشقا تۈركىي قەۋىم، شۇنداقلا دۇنياۋى ئاتالغۇلار بىلەنمۇ بىردەكلىكنى ساقلىيالايمىز. چۈنكى، دۇنيادىكى كۆپ قىسىم مىللەتلەر  西藏 نى «تىبەت» دەپ ئاتايدۇ. بەزەنلەر بۇ «تىبەت» سۆزىنى ئېنگلىزچىدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. «تارىخىي رەشىدى»، «بابۇرنامە» قاتارلىق بۈيۈك ئەسەرلەر يېزىلىپ، شۇ ئەسەرلەر ئىچىگە «تىبەت» ۋە «تۈبۈت» ئىبارىلىرى پۈتۈلگەن چاغلاردا، ئېنگلىزلار تېخى بېرتانىيە ئارىلىدىن ئۆزگە يەرگە ئاياق دەسسەپ باقمىغان ئىدى. ئېنگلىزلار كېيىن بېرتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، تۈركلەر ۋە ھىندىلار ئارقىلىق «تىبەت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرنىڭ بارلىقىنى ئاندىن ئۇقتى.

   دېمەك، «تىبەت» سۆزى قەدىمكى تۈركلەر ئارقىلىق باشقا قەۋىملەرگە، ئاندىن ئېنگلىزلارغا، ئېنگلىزلارنىڭ دۇنياۋى ئىمپېرىيسىى ئارقىلىق پۈتۈن جاھانغا تارقالغان دەپ خۇلاسىلىسەك ئەمەلىيەتكە بىر قەدەر مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن.

 

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا تارىخى (ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن)

تارىخىي رەشىدى (مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگان)

تارىخىي ھەمىدى (موللا مۇسا سايرامى)

تۈركىي تىللار تەتقىقاتى (2) (1980-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۈركى تىللار تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنىدا تىل تەتقىقاتى خادىملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى)

بابۇرنامە (زەھىررىدىن مۇھەممەت بابۇر)

 

 

 


«شىزاڭ ۋە زاڭزۇ ئىبارىلىرىنىڭ قەدىمكى يازمىلىرىمىزدىكى ئاتىلىشى ھەققىدە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى