ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بەزى پېئىللارنىڭ ئىملاسى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:40:17 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

بەزى پېئىللارنىڭ ئىملاسى

 

1.“ئال-، بول-،چال-،سال-،قال-،كەل-“پېئىللىرى ئۆتكەن زامان ۋاستىلىك بايان رايىنىڭ بولۇشلۇق شەكلىدە كەلسە، بۇ پېئىللارنىڭ رەۋىشداش  شەكلىدىكى ”لى-“ ۋە ”لۇ-“ بوغۇملىرى چۈشۈپ قالىدۇ.ئەسلىي پېئىلدىكى“ئا،ئە“تاۋۇشلىرى ”ئې“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

 

ئال- +ىپ+دۇر+مەن=ئاپتىمەن،ئاپتىمىز

ئال-+ىپ+دۇر+سەن=ئاپسەن،ئاپسىز،ئاپتىلا

ئال-+ىپ+دۇر+0=ئاپتۇ

 

بول-+ۇپ+دۇر+مەن=بوپتىمەن،بوپتىمىز

بول-+ۇپ+دۇر+سەن=بوپسەن،بوپسىز،بوپتىلا

بول-+ۇپ+دۇر+0=بوپتۇ

 

چال-+ىپ+دۇر+مەن=چاپتىمەن،چاپتىمىز

چال-+ىپ+دۇر+سەن=چاپسەن،چاپسىز،چاپتىلا

چال-+ىپ+دۇر+0=چاپتۇ

 

سال-+ىپ+دۇر+مەن=ساپتىمەن،ساپتىمىز

سال-+ىپ+دۇر+سەن=ساپسەن،ساپسىز،ساپتىلا

سال-+ىپ+دۇر+0=ساپتۇ

 

قال-+ىپ+دۇر+مەن=قاپتىمەن،قاپتىمىز

قال-+ىپ+دۇر+سەن=قاپسەن،قاپسىز،قاپتىلا

قال-+ىپ+دۇر+0=قاپتۇ

 

كەل-+ىپ+دۇر+مەن=كەپتىمەن،كەپتىمىز

كەل-+ىپ+دۇر+سەن=كەپسەن،كەپسىز،كەپتىلا

كەل-+ىپ+دۇر+0=كەپتۇ

2.“ئال-،بول-،چال-،سال-،قال-،كەل-“پېئىللىرى ئۆز مەنىسىدە ”پ“لىق رەۋىشداش شەكلىدە كېلىپ،ئۇنىڭ ئاخىرىغا يەنە مۇشۇ پېئىللار تۈسلۈك مەنە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكەن زامان ۋاستىلىك بايان رايى شەكىلدە ياردەمچى پېئىل ۋەزىپىسىدە كەلسە،بۇ ياردەمچى پېئىللار تەركىبىدىكى ”لى-“ ۋە ”لۇ-“ بۇغۇملىرى كۆرسىتىلگەندەك چۈشۈپ قالىدۇ.ئالدىنقى پېئىلدىكى ”ئا،ئە“تاۋۇشلىرى ‘ئې“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

ئېلىپ ساپتىمەن

ئال-+ىپ=ئېلىپ              سال-+ىپ>ساپ+دۇر+مەن=ساپتىمەن

 

بولۇپ بوپتۇ

بول_+ۇپ=بولۇپ              بول-+ۇپ>بوپ+دۇر=بوپتۇ

چېلىپ ساپتىمەن

چال-+ىپ=چېلىپ          سال-+ىپ>ساپ+دۇر+مەن=ساپتىمەن

 

سېلىپ بوپتۇ

سال-+ىپ=سېلىپ          بول-+ۇپ>بوپ+دۇر=بوپتۇ

قېلىپ قاپتىمەن

 

قال-+ىپ=قېلىپ      قال-+ىپ>قاپ+دۇر+مەن=قاپتىمەن

 

كېلىپ قاپتىمەن

كەل-+ىپ=كېلىپ          قال-+ىپ>قاپ+دۇر+مەن=قاپتىمەن

 

مەشق

 

تۆۋەندىكى تېكىستنى ئوقۇپ پېئىللارنىڭ ئىملاسىدا مەسلە كۆرۈلگەن جايلارنى تېپىڭلار.

 

   بۈگۈن بىر دوستۇم بىلەن بازارغا چىقىپ،نۇرغۇن نەرسە ئېلىپتىمەن.كەچ بولغاندا،تاكسىغا چىقىپلا ماڭغاچقا،ئۆيگە بىر دەمدىلا كېپ قاپتىمەن. بەك ھېرىپ كەتكەچكە،ئۆزۈمنى سافاغا تاشلاپلا ئۇخلاپ قېلىپتىمەن. ئەتىسى ئالغان نەرسىلىرىمنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ باقاي دەپ قارىسام،يېڭى ئالغان ئىشتىنىمنىڭ سېيرىتمىسى بۇزۇق تۇرىدۇ.ئالماشتۇراي دەپ دۇكانغا بارسام،دۇكان خوجايىنى:“ بۇنى ئالماشتۇرساق بولمايدۇ،ۋاقتىدا دېمەپسىز“،دەيدۇ.مەنمۇ بوش كەلمەي:“تۈنۈگۈن دېققەت قىلماي بۇ ئىشتاننى ئېلىپ ساپتىمەن.بىلسەم دېگەن بولاتتىم“،دېدىم. ئۇندا دېيشىپ،بۇندا دېيىشىپ ئاخىر ئىشتاننىڭ سېيرىتمىسىنى ئوڭشىتىپ بەردى.مەنمۇ شۇنىڭغا رازى بولۇپ،ئىشتاننى ئېپ قايتىپ كەلدىم.

 

3 .يۇقىردىكى ئالتە پېئىلنىڭ مۇستەقىل مەنىدە كەلگەن ”پ“لىق رەۋىشداش شەكلىگە تۈس مەنىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلاردىن بەزىلىرى يەنە ”پ“لىق رەۋىشداش شەكىلىدە ئۇلىنىپ كەلگەندە،ھەر ئىككى پېئىلنىڭ ”پ“لىق رەۋىشداش شەكلىدە كۆرۈلگەن ”لى-“ ۋە ”لۇ-“بوغۇملىرى چۈشۈرۈلمەي يېزىلىدۇ.ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ”ئا،ئە“تاۋۇشلىرى ”ئې“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

ئال-+ىپ=ئېلىپ               سال-+ىپ=سېلىپ_ _ _ ئېلىپ سېلىپ

 

بول-+ۇپ=بولۇپ             بول-+ۇپ=بولۇپ _ _ _ بولۇپ بولۇپ

 

چال-+ىپ=چېلىپ        سال-+ ىپ=سېلىپ_ _ _ چېلىپ سېلىپ

 

سال- + ئىپ=سېلىپ      بول-+ ۇپ=بولۇپ _ _ _ سېلىپ بولۇپ

 

كەل_ + ىپ=كېلىپ        قال- +ىپ=قېلىپ _ _ _ كېلىپ قېلىپ

 

 ئەسكەرتىش:يۇقىرىدىكى 6 پېئىل مۇستەققىل مەنىدە ”پ“لىق رەۋىشداش شەكىلىدە كەلگەندە،ئۇلارغا تۈسلۈك مەنە ئۈچۈن “ ئال “ پېئىلىنىڭ “ پ “ لىق رەۋىشداش شەكلى قوشۇلۇپ كەلسە،ھەر ئىككى تەركىبتىكى ”لى-“ ۋە ”لۇ-“بوغۇملىرى چۈشۈرۈلمەي بىرىكتۈرۈپ يېزىلىدۇ.بۇ پېئىللاردىكى ”ئا،ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئې“غا نۆۋەتلەشكەندىن سىرت يەنە بىرىنچى تەركىب نىڭ ئايىغىدىكى“پ“ تاۋۇشىمۇ ”ۋ“غا نۆۋەتلەشتۈرىلىدۇ. مەسىلەن:

 

ئال- +ىپ+ئال-+ىپ=ئېلىۋېلىپ

 

بول-+ۇپ+ئال- +ىپ=بولۇۋېلىپ

 

چال- +ىپ+ئال- + ىپ=چېلىۋېلىپ

 

سال- + ىپ+ئال-+ىپ=سېلىۋېلىپ

 

قال- +ىپ+ئال- +ىپ=قېلىۋېلىپ

 

كەل- + ىپ+ئال- ىپ=كېلىۋېلىپ

 

4.ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ ئاخىرىغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى “ ئا،ئە “ قوشۇلغاندىن كىيىن، ”ئا- ”پېئىلنىڭ ياردىمى بىلەن ئىمكانىيەت تۈسىنىڭ بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز شەكلى ئىپادىلەنسە،پېئىللارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى “ ئا“ تاۋۇشى ئۆز پېتى قالىدۇ، ”ئە“تاۋۇشى ”ئې“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

بولۇشلۇق شەكلى

 

ياز- + ا + ئال – + ا+دۇر + مەن=يازالايمەن

ياز- + ا + ئال – + ا+دۇر + سەن=يازالايسەن

ياز- + ا + ئال – + ا+دۇر +0=يازالايدۇ

 

كەل- + ە+ ئال- + ا+ دۇر+ مەن=كېلەلەيمەن

كەل- + ە+ ئال- + ا+ دۇر+سەن=كېلەلەيسەن

كەل- + ە+ ئال- + ا+ دۇر+0=كېلەلەيدۇ

 

بولۇشسىز شەكلى

 

ياز- +ا + ئال- +ما+ي+دۇر+ مەن=يازالمايمەن

ياز- +ا + ئال- +ما+ي+دۇر+ سەن=يازالمايسەن

ياز- +ا + ئال- +ما+ي+دۇر+0=يازالمايدۇ

 

كەل- +ە + ئال- + ما + ي + دۇر + مەن=كېلەلمەيمەن

كەل- +ە + ئال- + ما + ي + دۇر + سەن=كېلەلمەيسەن

كەل- +ە + ئال- + ما + ي + دۇر + 0=كېلەلمەيدۇ

 

     5 .سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى “ ي “ قوشۇلغاندىن كېيىن “ ئال- “ (بۇ پېئىل تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق يىلتىز ياكى ئۆزەكلەردە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى سەۋەبىدىن “ ئەل“ شەكىلىدە كۆرۈلىدۇ.)پېئىلنىڭ ياردىمى بىلەن ئىمكانىيەت تۈسىنىڭ بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز شەكلى ئىپادىلەنسە،سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى “ ئا،ئە“تاۋۇشلىرى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

بولۇشلۇق شەكلى

 

ئىشلە- + ي+ئال- + ا + دۇر+ مەن=ئىشلىيەلەيمەن

ئىشلە- + ي+ئال- + ا + دۇر+ سەن=ئىلىيەلەيسەن

ئىشلە- + ي+ئال- + ا + دۇر+ 0=ئىشلىيەلەيدۇ

 

ياسا- +ي + ئال- + ا + دۇر + مەن= ياسىيالايمەن

ياسا- +ي + ئال- + ا + دۇر + سەن=ياسىيالايسەن

ياسا- +ي + ئال- + ا + دۇر + 0=ياسىيالايدۇ

 

بولۇشسىز شەكلى

 

ئىشلە_ + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + مەن= ئىشلىيەلمەيمەن

ئىشلە_ + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + سەن=ئىشلىيەلمەيسەن

ئىشلە_ + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + 0=ئىلىيەلمەيدۇ

 

ياسا _ + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + مەن = ياسىيالمايمەن

ياسا _ + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + سەن=ياسىيالمايمەن

ياسا _ + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + 0=ياسىيالمايدۇ

 

   6.يۇقىرىدىكى قائىدە بويىچە ئىمكانىيەت تۈسىگە ئىگە بولغان بىر بوغۇملۇق “ دە- ،يە- “ پېئىللىرىدىكى ”ئە“ تاۋۇشى “ ئې “ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

بولۇشلۇق شەكلى :

 

دە- + ي + ئال- + ا + دۇر + مەن=دېيەلەيمەن

دە- + ي + ئال- + ا + دۇر + سەن=دېيەلەيسەن

دە- + ي + ئال- + ا + دۇر + 0=دېيەلەيدۇ

 

يە- + ي + ئال- + ا + دۇر + مەن=يېيەلەيمەن

يە- + ي + ئال- + ا + دۇر + سەن=يېيەلەيسەن

يە- + ي + ئال- + ا + دۇر + 0=يېيەلەيدۇ

 

 بولۇشسىز شەكلى

 

دە- + ي + ئال- + ا + ما + ي + دۇر + مەن=دېيەلمەيمەن

دە- + ي + ئال- + ا + ما + ي + دۇر + سەن=دېيەلمەيسەن

دە- + ي + ئال- + ا + ما + ي + دۇر +0=دېيەلمەيدۇ

 

يە- + ي + ئال- + ا + ما + ي + دۇر + مەن=يېيەلمەيمەن

يە- + ي + ئال- + ا + ما + ي + دۇر + سەن=يېيەلمەيسەن

يە- + ي + ئال- + ا + ما + ي + دۇر +0=يېيەلمەيدۇ

 

   7 .“ئوقۇ- ، تونۇ- “ غا ئوخشاش ئاخىرقى بوغۇمىدا “ ئۇ “ تاۋۇشى كەلگەن پېئىللارغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى “ ي “ قوشۇلغاندىن كېيىن “ ئال- “ پېئىلىنىڭ ياردىمى  ئارقىلىق ئىمكانىيەت تۈسىنى بىلدۈرسە،بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز ھەر ئىككى شەكلىدە پېئىل يىلتىزىدىكى “ ئۇ “ تاۋۇشىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مەسىلەن:

 

 بولۇشلۇق شەكلى :

 

ئوقۇ – + ي + ئال- + ا + دۇر + مەن= ئوقۇيالايمەن

ئوقۇ – + ي + ئال- + ا + دۇر + سەن= ئوقۇيالايسەن

ئوقۇ – + ي + ئال- + ا + دۇر + 0= ئوقۇيالايدۇ

 

تونۇ – + ي + ئال- + ا + دۇر + مەن= تونۇيالايمەن

تونۇ – + ي + ئال- + ا + دۇر + سەن= تونۇيالايسەن

تونۇ- + ي + ئال- + ا + دۇر + 0= تونۇيالايدۇ

 

بولۇشسىز شەكلى:

 

ئوقۇ- + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + مەن =ئۇقۇيالمايمەن

ئوقۇ- + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + سەن =ئۇقۇيالمايسەن

ئوقۇ- + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + 0 =ئۇقۇيالمايدۇ

 

تونۇ- + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + مەن =تونۇيالمايمەن

تونۇ- + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + سەن =تونۇيالمايسەن

تونۇ- + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + 0 =تونۇيالمايدۇ

 

    8. “ ئات “ پېئىلى ”پ“ لىق رەۋىشداشلاردىن كېيىن كېلىپ تۈسنى بىلدۈرسە، “ ئەت “ كە ئايلىنىپ كېتىدۇ ۋە ئالدىنقى پېئىلغا قوشۇپ يېزىلىدۇ. رەۋىشداشتىكى “ پ “ تاۋۇشى “ ۋ “ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

تاشلا- + پ + ئات= تاشلىۋەت

 

ياسا- + پ + ئات= ياسىۋەت

 

ئوقۇ- + پ + ئات= ئوقۇۋەت

 

9.“ بەر’ پېئىلى “ ئا،ئە “ بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ تۈسنى بىلدۈرۈپ كەلسە،رەۋىشداشلاردىكى “ ئا، ئە “ تاۋۇشلىرى “ ئى “ غا نۆۋەتلىشىش بىلەن بىرگە پېئىلنىڭ يىلتىز ياكى ئۆزىكىدىكى “ ئا،ئە “ تاۋۇشلىرى “ ئې “ غا نۆۋەتلىشىدۇ. شۇنىڭدەك “ بەر-“ پېئىلىدىكى ”ب “ تاۋۇشى “ ۋ “ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

ياز- + ا + بەر= يېزىۋەر

 

قاز- + ا + بەر= قېزىۋەر

 

سات- + ا + بەر= سېتىۋەر

 

كۆر- + ە + بەر= كۆرىۋەر

 

كەت- + ە + بەر= كېتىۋەر

 

كەس- + ە + بەر= كېسىۋەر

 

كەت- + ە + بەر= كېتىۋەر

 

10.سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى ”ي “ قوشۇلغاندىن كېيىن “ بەر- “ پېئىلى قوشۇلۇپ تۈسنى بىلدۈرگەندە،مەزكۇر “ ي “ چۈشۈپ قالىدۇ.بۇ پېئىللار تەركىبىدىكى “ ئە “ سوزۇق تاۋۇشلىرى “ ئى “ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. ئەمما ئىككىنچى تەركىبتىكى ”ب “ تاۋۇشى “ ۋ “ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

دە- + ي + بەر= دەۋەر

 

ئىشلە –+ ي + بەر= ئىشلەۋەر

 

ياسا- + ي + بەر= ياساۋەر


«بەزى پېئىللارنىڭ ئىملاسى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى