ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ سۆز تۈركۈم تەۋەلىكى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:40:18 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

 بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ سۆز تۈركۈم تەۋەلىكى



بارI
سۈپ ①مەۋجۈت؛ يوقنىڭ ئەكسى: بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلانماق. * جان بار يەردە قازا بار (ماقال). ②كۆپ ئىقتىسادقا، بايلىققا ئىگە بولغان؛ باي، دۆلەتمەن: بار بارنى قىلار، يوق نېمىنى قىلار (ماقال). ③ھەممە، جەمئىي، بارلىق: ئېگىز تاغقا چىققاندا، قولىڭىزنى مەن تارتقان. بار ئويۇننى سىز ئويناپ، دەردىڭىزنى مەن تارتقان. ④ئورۇن كېلىشتە كەلگەن سۆزدىن كېيىن خەۋەر ۋەزىپىسىدە كېلىپ: 1) مۆلچەرنى، چامىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇنىڭ يېشى يىگىرمىلەردە. 2) «قولىدىن كېلىدۇ»، «قىلالايدۇ»، «بىلىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: پەرىدىگۈل دېگەن بالامنى خوتەننىڭ گۈلى دېسىلە، دۇتار، ئۇسسۇل، ناخشا... ھەممىسىدە بار
بارII
مىق س [ر‹لات] ‹فىز› ئاتموسفېرانىڭ بېسىم بىرلىكى، بىر بار ھەر بىر كۋادرات سانتىمېتىر يۈزگە چۈشكەن بىر مىليون دىنا تەسىر كۈچىنىڭ بېسىمىغا تەڭ بولىدۇ. دېڭىز يۈزىدىكى ئاتموسفېرا بېسىمىمۇ تەخمىنەن بىر بارغا تەڭ
يوق
سۈپ ① مەۋجۇت ئەمەس، بارنىڭ ئەكسى: ئۇمۇ يوق، بۇمۇ يوق، ئېرىقتىكى سۇمۇ يوق (ماقال). ②بەزى جۈملىدە ئىنكار (ياق، ئەمەس) مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ: بۇ سۆز گۈلشاتنىڭ ئاغزىدىن بىرىنچى قېتىم چىقىۋاتقىنى يوق
ئەمەس
«ئەرمەك» ياردەمچى پېئىلىنىڭ بولۇشسىز سۈپەتدىشى بولۇپ، ئىنكار، رەت قىلىشنى بىلدۈرىدۇ: رەخت پۇل ئەمەس. ھۈنەر پۇل (ماقال). * قارا قاشىم بار مېنىڭ، كۆيدۈرمە قاش لازىم ئەمەس. بىر ئاداشىم بار مېنىڭ، ئىككى ئاداش لازىم ئەمەس
باشقا
①سۈپ يات، غەيرىي؛ بىراۋ؛ بۆلەك، ئۆزگە: ئويى باشقىنىڭ مۇڭى باشقا (ماقال). ②رەۋ. قايتا، يەنە: بۈگۈن ياخشى قارىيالمىدىم، باشقا كەل. ③تىر. تاشقىرى، سىرت: - ئۇ ئېيتقانلىرىمدىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيمەن، - دېدىم
لازىم
سۈپ [ئە] بېجىرىلىشى زۆرۈر بولغان؛ كېرەك، زۆرۈر: ئوبۇل ھەسەن ئىبن تاھىر ئۇنىڭغا: – ئۇنداق قاملاشمىغان گەپنى قويۇڭ! ئەگەر لازىم تېپىلىدىكەن جېنىمنىمۇ سىزگە پىدا قىلىشقا تەييارمەن، - دەپتۇ
كېرەك
سۈپ ①زۆرۈر؛ لازىم: شەھەردە كۆز كېرەك. جاڭگالدا قۇلاق كېرەك (ماقال). * ئۇ قىزلار ئۆزلىرىگىمۇ كېرەك نەرسىلەرنى ئېلىپ بىر قۇتا دورا كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ. //دېمىسىمۇ گۆھەر مەلىكە تۇرغان ئۆيگە كېچىسى چىراغنىڭ كېرىكى يوق. ②ئىسىمداش ۋە شەخىس قوشۇمچىلىرى ئېلىپ كەلگەن ئىسىمداشلار بىلەن كېلىپ، ئىسىمداش بىلدۈرگەن ئىش- ھەرىكەتنىڭ بېجىرىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ: لەيلىگۈلنى تۈمەن دەرياسىنىڭ ئاستىدىن تېپىشىم، ئۇنىڭ بىلەن مۇراد – مەقسىتىمگە يېتىشىم كېرەك. ③شەرت مەيلىدىكى پېئىل بىلەن كېلىپ مۆلچەر ۋە ئېھتىماللىقنى بىلدۈرىدۇ: ئۇ ئېھتىمال مۇشۇ ئاشخانىنىڭ خوجايىنى بولسا كېرەك
كېرەكلىك
سۈپ ①كېرىكى بار، ئېھتىياجلىق، لازىملىق، پايدىلىق، زۆرۈر: كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىزى يوق (ماقال). * جالالىدىن مۇئەللىم ھەر كۈنى «تەجرىبە ئۆيى» نى يوقلايتتى. كېرەكلىك مەسلىھەتلەر بېرەتتى. رىغبەتلەندۈرەتتى. ②كېرەككە كېلىدىغان، ياراملىق: ئۇ دائىم: «بالا ئانىسىدىن كىچىك قالدى، قانداق بولسۇن ئوقۇتۇپ، ئۆز نېنىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغان كېرەكلىك ئادەم قىلىمەن» دەيتتى
تامامەن
رەۋىش [ئەرەپ] ① پۈتۈنلەي ‏، ‏ بىرىمۇ قالماي ‏، ‏ ئۈزۈل – كېسىل : غەم – ئەندىشە تامامەن تۈگىدى . ② ئەسلا ‏، ‏ زادى‏، ‏ ھېچ ‏، ‏ موتلەق : بۈگۈن بولسا ‏، ‏ بۇ شەھەردە ئۇ چاغدىكىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان قىزغىن ۋە ئاۋات مەنزىرىنى كۆردۈم .
« تامامەن » دېگەن سۆزنىڭ سۆز تۇمۇرى تامام بولۇپ ، « ئەن » قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسالغان .
تامام
[ئەرەپ ] ① ئىسىم . ھەر قانداق نەرسىنىڭ تۈگەنچىسى ‏، ‏ ئاخىرى ‏، ‏ سوڭى : مۇنۇ رودۇپاينى ئۇجۇقتۇرۇۋەتسەكلا . ئىش تامام ② رەۋ‏، ‏ ھەممە ‏، ‏ جىمى ؛ تولۇق ‏، ‏ بىرىمۇ قالماي : يىغىنغا چاقىرىلغانلار تامام كېلىپ بولدى.

ئاساسەن
①رەۋىش [ئەرەپ] ئاساسىي جەھەتتىن: غۇلجا شەھىرى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەييارلىقىنى ئاساسەن پۈتتۈرۈپ بولدى. ② تىركەلمە. بىنائەن، بويىچە:- داداڭ ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇشتا قۇربان بولدى. سەن تۇغۇلدۇڭ. داداڭنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئىسمىڭنى جاسارەت قويدۇم،-دېدى ئانا ئوغلىغا .
« ئاساسەن » دېگەن سۆزنىڭ سۆز تۇمۇرى « ئاساس » بولۇپ ، « ئەن » قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسالغان .
ئاساس
ئىسىم [ئەرەپ] ① نەرسىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تۇتۇپ ياكى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان قىسمى، ئۇل. ② ئىجتىمائىي ھايات ياكى تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلغان نەرسە، تايانچ، نېگىز، بازا؛ سوتسىيالىزمنى پەنگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال ئۇنى رېئال ئاساسقا قويۇش كېرەك. ③ باش قائىدىلەر، ئاساسىي پرىنسىپلار: لۇغەتشۇناسلىق ئاساسلىرى. ④ سادىر بولغان ياكى قىلىنغان ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆز قاتارلىقلارغا خىزمەت قىلىدىغان دەلىل، ئىسپات، سەۋەب؛ ھازىر قاسىم توغرۇلۇق بىرنەرسە دېيىشكە تېخى ئاساس يوق. ⑤ ‹مات› گىئومېتىريىلىك شەكىلنىڭ، چېرتيوژنىڭ ئاستى تەرىپىگە پاراللېل بولغان تەرىپى. ⑥ ‹مات› دەرىجىگە كۈتۈرۈلىدىغان ئەسلىدىكى سان. ⑦ ‹خىم› كىسلاتالار بىلەن ئۆزئارا بىرىكىپ، تۇز ھاسىل قىلىدىغان بىرىكمە يەنى گىدروكسىل گۇرۇپپىسى بولغان بىرىكمىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى
ئومۇمەن
رەۋىش [ئەرەپ] ئاساسىي جەھەتتىن، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا: ئوكۇل ئومۇمەن بالىغا زىيانلىق ئەمەس ئىدى، ئايال ماڭا رەھمەت ئېيتىپ، بالىنى يۆگەپ قايتىپ كەتتى .
« ئومۇمەن » دېگەن سۆزنىڭ سۆز تۇمۇرى « ئومۇم » بولۇپ ، « ئەن » قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسالغان .
ئومۇم
ئىسىم [ئەرەپ] كۆپچىلىك، كوللېكتىپ؛ ھەممە: ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى، تەبىئىي، ئىشچىلار ياكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئومۇم ئېتىراپ قىلغان ۋەكىللىرى .
بىنائەن
تىركەلمە [ئەرەپ] يۆنىلىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىملارنىڭ كەينىگە ياندىشىپ كېلىپ، «بويىچە»، «ئاساسەن» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ: بوۋاينىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، كېلىن نان – چاي تەييارلىدى .
بويىچە
تىركەلمە ①ئاساسەن، مۇۋاپىق، بىنائەن: مۇدىر ئادىتى بويىچە ئالدى بىلەن كۆپچىلىككە سالام بەردى، ئەھۋال سورىدى. ②مەلۇم ئورۇن، دائىرىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ، «ھەرىكەت، ۋەقە ياكى ھادىسىنىڭ شۇ جايغا تەئەللۇق تەۋەسىدە، دائىرىسىدە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ: ئەمدى بىزمۇ ئائىلىمىز بويىچە بىزنى يازساق قانداق؟ * جەڭ مەيدانىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئورۇنلاشقان ئەنۋەرنىڭ قىسمى سەپ بويىچە قاتتىق ئۇرۇشماقتا ئىدى
مۇۋاپىق
سۈپەت [ئەرەپ] ماس، توغرا كېلىدىغان، مۇناسىپ، لايىق: مۇۋاپىق كەلمەك. مۇۋاپىق كۆرمەك


«بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ سۆز تۈركۈم تەۋەلىكى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى