رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 6135 قېتىم كۈرۈلدى
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ قىزىل چىراغ رايونى تاقالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-06 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

دۇڭگۈەندىكى شەھۋانىيلىقنى تازىلاش دولقۇنى ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا، ھىندونېزىيەنىڭ سۇرابايا رايونىغا جايلاشقان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ قىزىل چىراغ رايونى دەپ ئاتالغان دولى قىزىل چىراغ رايونىمۇ پات ئارىدا تارىخقا ئايلىنىدىغان بولدى. سۇرابايا شەھىرىنىڭ باشلىقى رىسما ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم چىقىرىپ، دولىنى سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشقا قەسەم بەردى. سۈرەتتە: 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، ھىندونېزىيەنىڭ سۇرابايا شەھىرى، جىنسىيەت خىزمەتچىلىرى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، دولى قىزىل چىراغ رايونىنى تاقاشقا ئېتىراز بىلدۈرمەكتە.
 


ھىندونېزىيەنىڭ سۇرابايا مەركىزىي رايونىدىكى دولى قىزىل چىراغ رايونى 1970- يىللىرى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ ئەتراپتىكى چالاك دېگەن جاي بىلەن قوشۇلۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ قىزىل چىراغ رايونى دەپ ئاتالغان. بۇ جايدىكى جىنسىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى جاۋا تىمۇردىكى نامرات يېزىلاردىن كەلگەن ئاياللاردۇر.
 


شۇ جايدىكى ئاياللار ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش تەشكىلاتىدىكىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، دولى قىزىل چىراغ رايونىدىكى ھەر بىر ئىشرەتخانىدا 100 دىن ئارتۇق پاھىشە ئايال بار ئىكەن، شۇ ئەتراپتىكى چالاك دېگەن يەردىكى يۈزلىگەن كىچىكرەك ئىشرەتخانىلاردىمۇ مىڭدىن ئارتۇق پاھىشە ئايال بار ئىكەن. دولى ۋە شۇ ئەتراپتىكى چالاك قوشۇلۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ قىزىل چىراغ رايونى دەپ ئاتىلىدىكەن. سۈرەتتە: 5- ئاينىڭ 25- كۈنى، دولى قىزىل چىراغ رايونىدىكى پاھىشە ئاياللار.
 


تۆمۈر قول ئىسلاھات بىلەن داڭق چىقارغان سۇرابايا شەھىرىنىڭ باشلىقى رىسما يېقىندا ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم چىقىرىپ، دولىنى سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشقا قەسەم بەردى. سۈرەتتە: 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئايال شەھەر باشلىقى رىسما ئېتىراز بىلدۈرۈۋاتقان پاھىشە ئاياللار بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.
 


 

ھىندونېزىيە بىر چوڭ مۇسۇلمان دۆلىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتتە يەنە ئاشكارا شەھۋانىيلىق كەسپىمۇ مەۋجۇت. بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسىدىن 13 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسىگىچە (6000 شياڭگاڭ پۇلىدىن 7800 شياڭگاڭ پۇلىغىچە) كىرىم قىلالايدىكەن، شۇڭا ئۇ كەلگۈسىدە خىزمەت تاپالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. سۈرەتتە: 5- ئاينىڭ 25- كۈنى، دولى قىزىل چىراغ رايونىدىكى پاھىشە ئاياللار.

 

مەمۇرىي ئەمەلدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان رىسمانىڭ ئىستىلى تولىمۇ كەسكىن، ئۇ 2010- يىلى ھىندونېزىيەنىڭ 2- چوڭ شەھىرى بولغان سۇرابايا شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغاندىن بۇيان، شەھەر رايونىدىكى باغچىلارنى يېڭىلاپ، پورت تەرەققىيات پىلانىنى يولغا قويدى، ھەمدە نامرات كىشىلەرگە ھەقسىز كۈتۈنۈش ۋە مائارىپ تەمىنلەپ، سۇرابايانىڭ ئەھۋالىنى يېڭىلىدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئابرويىنى ئۆستۈردى. سۈرەتتە: سۈرەتتە: 5- ئاينىڭ 25- كۈنى، دولى قىزىل چىراغ رايونىدىكى پاھىشە ئاياللار.

ئەمما، بەزى ھىندونېزىيەلىكلەر بۇ قاتتىق قول ئايال شەھەر باشلىقىنىڭ پاھىشۋازلىقتىن ئىبارەت جاھاندىكى بۇ ئەڭ كونا كەسىپ ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغان- كېلەلمەيدىغانلىقىدىن گۇمانلانماقتا. رىسمادىن ئىلگىرى شەھەر باشلىقى بولغانلار ئىلگىرى قىزىل چىراغ رايونىنى تاقىۋىتىمەن دەپ قەسەم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ جايدىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانىدى. سۈرەتتە: 2014- يىلى 5- ئاي، دولى قىزىل چىراغ رايونىدىكى پاھىشە ئاياللار دەرىزە ئالدىدا ئولتۇرۇپ مېھمان كۈتمەكتە

.

ھىندونېزىيە ھەربىيلىرى ۋە ساقچىلار شەھۋانىي سورۇنلارنى تەكشۈرمەكتە. سۇرابايا شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 2010- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، ھۆكۈمەت 650 نەپەر پاھىشە ئايالغا ئاشپەزلىك، چاچ ياساش ۋە باشقا تېخنىكىلىق تەربىيەلەش مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن، بىر قىسىم كىشىلەر پۇلغا ئېرىشىپ، يۇرتىغا قايتىپ تىجارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

بۇ پىلاننى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت 900 نەپەر پاھىشە ئايالنى ياردەمگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى جىنسىي ئېكىسپلاتاتسىيەدىن قۇتۇلدۇرۇش، ھەمدە «ئۇلارغا ئۆزى خالايدىغان تۇرمۇشنى تاللاتقۇزۇش» تىن ئىبارەت.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203