رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 1107 قېتىم كۈرۈلدى
كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان 253 ھەق ئازايتىلىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

2011- يىلى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، كارخانىلارنىڭ بېجى يەنە بىر قېتىم ئازايتىلىدىغان بولدى. مالىيە مىنىستىرلىقى بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2012- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە بېكىتىلگەن كارخانىلارنىڭ مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك 253 ھەق يىغىش تۈرىنى ئازايتىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا مالىيە مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە 31 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق يىغىش تۈرىنى ئازايتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغانىدى. بۇ يىل 11- ئايدا مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەتلىك تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتى «كىچىك، مىكرو تىپلىق كارخانىلاردىن يىغىلىدىغان بىر قىسىم مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقنى يىغماسلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە مالىيە، مال باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى باشقۇرۇش ھوقۇق چەكلىمىسىگە ئاساسەن تەستىقلىغان باشقۇرۇش تۈرى، تىزىملاش تۈرى ۋە كىنىشكا تۈرى بويىچە كىچىك، مىكرو تىپلىق كارخانىلاردىن يىغىلىدىغان مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقنى بىكار قىلدى.
بۇ قېتىم ھەق كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسى بارلىق كارخانىلارغىچە كېڭەيگەن بولۇپ، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئالاقىدار ھەقلەر بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ھەر يىلى كارخانىلارنىڭ 10 مىليارد يۈەن يۈكى يەڭگىللەيدىكەن.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203