رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 1108 قېتىم كۈرۈلدى
دۆلىتىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇمى قىممىتى GDP نىڭ %4 نى ئىگىلىگەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

دۆلىتىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇمى قىممىتى GDP نىڭ %4 نى ئىگىلىگەن
بېيجىڭ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى،دۆلەتلىك 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنىدا،دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋچىيۋې گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ،28-چېسلاغىچە پۈتۈن دۆلەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دۆلىتىمىزنىڭ ساياھىتىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.ساياھەت خىزمىتىنىڭ ئاساسى تەرەققىيات ئەھۋالىنى بايان قىلىشقا ۋاقتىغا كەلگەندە، جاۋچىيۋې كۆرسىتىشىچە،دۆلىتىمىزنىڭ ساياھىتى كىچىكلىكتىن زورايغان،ئاجىزلىقتىن كۈچەيگەن ۋە دۆلەت ئىقتىسادى ئىگىلىكىدىكى ئاساسى كەسىپ بولۇپ قالغان،11-بەش يىللىق پىلان مەزگىلگىچە،دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى ساياھىتى،دۆلەت ئىچى چېگرا ئاتلاش ساياھىتى،دۆلەت سىرتى چېگرا ئاتلاش ساياھىتى قاتارلىق ئۈچ چوڭ بازار كەڭ دائىرىدە تەرەققىي قىلغان،ۋە پۈتۈن بۇيىچە 3-چوڭ دۆلەت ئىچى چېگرا ئاتلاش ساياھىتى ۋە دۆلەت سىرتى چېگرا ئاتلاش ساياھىتى قاتارلىقلاردىكى بىر قەدەر چوڭ ساياھەت ئىستېمال دۆلىتى بولۇپ قالغان،ھەمدە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ بولغان دۆلەت ئىچى ساياھەت بازىرى،ساياھەتچىلىك ئومۇملىشىشى ۋە بازارلىشىشىدىكى ئەڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغان.
جاۋچىيۋېنىڭ دېيىشىچە،دۆلىتىمىزنىڭ ساياھەت ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز تىز تەرەققىي قىلىدىكەن،ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا،دۆلىتىمىزنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ GDP دا ئىگىلىنىش كۆلىمى %4 دىن ئېشىپ كەتكەن،ۋە ساياھەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر 110 غا بېرىپ قالغان.2010-يىلى،دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى ئىستېمالى 1 تىرىليون 257 مىليارد 980 مىليون يۈەنگە بېرىپ قالغان بولۇپ،ئاھالىلەر ئىستېمال چىقىمىنىڭ %9.4 نى ئىگىلىگەن.نۆۋەتتە،دۆلىتىمىزدە بىۋاسىتە ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانى 13 مىليون 500 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ،ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك كەسىپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 80 مىليون ئادەمگە بارىدىكەن. جاۋچىيۋې نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ساياھەتچىلىكى ئۇچراۋاتقان خىرىسلارنى تونۇشتۇرغان چاغدا، جاۋچىيۋېنىڭ كۆرسىتىشىچە،ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ۋاسىتىسى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كەلمەي قالغان.بىر قىسىم رايونلاردا ئېغىر دەرىجىدە ئېچىش،قوغداش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ،بىر قىسىم رايونلارنىڭ ساياھىتى پەقەت ئىشىك بېلىتى سېتىش بىلەن چەكلىنىپ قالغان،ۋە مۇكەممەل بولغان ساياھەت زەنجىرى شەكىللەنمىگەن،ساياھەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى ئۆزىنىڭ كۈچىنى تۇللۇق جارى قىلدۇرالمىغان؛ساياھەت بايلىقىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتلىنىش ئامىلى ساقلىنىپ قالغان،ساياھەتچىلىكىنىڭ پىلان سىستېمىسى تۈزۈملەشمىگەن،قانۇنلاشمىغان،تۈزۈم مۇكەممەللەشمىگەن ۋە تەكشۈرىدىغان ئاپپاراتلار كەمچىل بولۇپ قالغان؛ساياھەتچىلىكىنىڭ پەن-تېخنىكىلىشىشى ئانچە يۇقىرى بولمىغان،ھازىرقى زامان قۇرۇلما تەرەققىياتى،ھازىرقى زامان بازارلىشىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش،ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە كۈچەيتىش ھالىتىنى ساقلاپ قالغان؛ساياھەتچىلىك ئىقتىساز ئىگىلىرىنىڭ كەسىپلىشىشى،خەلقئارالىشىش سەۋىيىسى يەنە بىر قەدەم تەرەققىي قىلىش مۇھىتىنى كۈتۈپ تۇرغان.
ساياھەت كەسپىنى دۆلەتنىڭ ئاساسى ئىستىراتىگىيلىك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش ۋە خەلق ئىگىلىكى ھەمدە جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىقلار يەنە قوللاشقا موھتاج بولۇپ،ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىقتىسادى جەمئىيەت جەھەتتىكى ھالىتىنى چوقۇم كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك ئىكەن.ۋە ساياھەتچىلىك تەڭشىلىش ۋە ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىش جەھەتتىكى ئاكتىپ رولىنى توختىماي جارى قىلدۇرۇش كېرەك ئىكەن

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203