رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 4542 قېتىم كۈرۈلدى
بىرازىلىيىدىكى «ئالتە بارماقلىقلار ئائىلىسى›»بىرازىيىلىنىڭ چېمپىيون بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-06 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : look.huanqiu.com

ئامېرىكا ياخۇ خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىرازىلىيىدىكى ئالاھىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قول بارماقلىرى ئارقىلىق بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ بۇ يىل 6-قېتىملىق دۇنيا چېمپىيونى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئىگەللىنىلىشىچە، شىرۋانىڭ ئائىلىسىدىكى 14 جان ئادەم بىرازىلىيە پايتەختىدىكى Aguas Claras ناملىق بىر بازاردا ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئالتە تالدىن بارمىقى بار ئىكەن، بۇ بىر خىل ئېرسىي كېسەل بولۇپ، ئادەتتە «كۆپ بارماقلىق غەلىتە شەكىللىك كېسەل» (polydactyly) دەپ ئاتىلىدىكەن.
شىرۋا ئائىلىسىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشى ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىدىكى غەلىتىلىك تۈپەيلى خىجىللىق ھېس قىلىپ ئۆيىگە بېكىنىۋالمىغان بولۇپ، ئۇلار تېخى ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكىدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن، بۇ قېتىملىق بىرازىلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا،ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە نائىل بولغان. ئۇنىڭ ئائىسلىدىكى بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالتە قول بارمىقى ئارقىلىق بىرازىيىلىنىڭ يەنە 6-قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك كاتتا تەلەيگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بىرازىلىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاللىقاچان بەش قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىختىكى چېمپىيونلۇققا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن دۆلەت بولۇپ قالغانىدى.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203