رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1106 قېتىم كۈرۈلدى
تۈركىيىدە تىۋىتتىر تورى ئېتىۋېتىلدى، تورداشلار قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-03 -22
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

3-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان تۈركىيىنىڭ بورسا شەھىرىدىكى بىر سايلام پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ پات يېقىندا تىۋىتتىر تورىنى يىلتىزىدىن‹ ئۇجۇقتۇرۇۋېتدىغان› لىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئۇ :‹ ھازىر تۈركىيە سوت مەھكىمىسى ئاللىقاچان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بولدى، پۈتۈن تۈركىيە بويىچە تىۋىىتتىر تورى توختىتىۋېتىلىدۇ. مەن خەلقئارادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇنى بۇنى دېيىشىدىن ئەنسىرىمەيمەن، چۈنكى بۇنداق قىلىش تۈركىيىنىڭ ھوقۇقى، چۈنكى بۇنداق قىلىشنىڭ ئەركىنلىك بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق، ئەركىنلىك دېگەنلىك ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا دەخلى تەرۇز قىلىش بىلەن باراۋەر ئەمەس › دېگەن، نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، زۇڭلى مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تىۋىتتىر تورىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ھۆكۈمەت بۇيرۇقىنى قىلچە كۆزگە ئىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەم ئۇلارنىڭ دەرھال توردىن تىۋىتتىر تورىنىڭ ئۇلىنىشىنى يوقىتىشىنى بۇيرۇق قىلغان. نەچچە سائەتتىن كېيىن پۈتۈن تۈركىيە بويىچە تىۋىتتىر تورى ئومۇميۈزلۈك توختىتىۋېتىلگەن. شۇ كۈنى كەچتە تۈركىيىلىك نۇرغۇن تورداشلار تىۋىتتىر تورىغا چىقىپ سىناپ باقماقچى بولغاندا ئۇمۇميۈزلۈك ھالدا ئۇلانماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكتىن شۇئان تۈركىيىدىكى تورداشلارنىڭ غەزەپ نەپرىتى ئۇرغۇپ تاشقان. بىر سائەتكە قالمايلا ‹ تىۋىىتتىر تورى تۈركىيىدە توختىتىۋېتىلدى›، ‹ مۇستەبىت ئەردوغان› قاتارلىق تېمىلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىۋىتتىر تورلىرىدا تارقىلىشقا باشلىغان.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203