رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1239 قېتىم كۈرۈلدى
مادىرىد يېڭى ئالەم كوماندىسىنى قىرغىن قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : data.7m.cn


4-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:45 تە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا بايرېن مىيۇنخېن ساھىبخان مەيدان مادىرىدنى كۈتىۋالدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مادىرىد ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى، كىلەركى يېرىم مەيداندا رونالدو بىر ئىختىيارى توپ كىرگۈزۈپ، مادىرىد مېھمان مەيدان 4-0 نەتىجە بىلەن بايرېننى مەغلۇپ قىلىپ، ئومۇم نەتىجە 5-0 بايرېننى شاللاپ ھەل قىلغۇچقا كىردى.
تارىختا مادىرىد بىلەن بايرېن مىيۇنخېن ئىككى كوماندا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا 21 قېتىم ئۇچراشقان، بۇنىڭا بايرېن 11 مەيدان غەلبە قىلىپ، 2 مەيدان تەڭلىشىپ، 8مەيدان مەغلۇپ بولغان. جەمئىي 33 توپ كىرگۈزۈپ 27 توپ كەتكۈزگەن.
ئالدىنقى قېتىملىق بىرىنچى ئايلانما ئۇچىرىشىشتا مادىرىد ساھىبخان مەيدان بېنزىمانىڭ قايتۇرما ھۇجۇمدا كىرگۈزگەن بىر توپىغا تايىنىپ 1-0 مەغلۇپ قىلىپ ئەۋزەللىككە ئېرىشكەن. ئالدىنقى ئايلانما ئۇچىرىشىشتا بايرېن پۈتۈن مەيدان توپ كونترول قىلىپ ھېچقانداق توپ كىرگۈزەلمىگەن بولۇپ، مۇسابىقىدىن كىيىن بايرېننىڭ تاكتىكىسى ياۋروپادىكى كۆپلىگەن مېدىئالارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچىرىغان. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېن ئەڭ كۈچلۈك سەپ شەكىلى بىلەن مەيدانغا چىققان.

 


 

مۇسابىقە باشلىنىپ 16-مىنۇتتا مودىرىچ ئوڭ تەرەپتىن بۇلۇڭ توپ چىقاردى، رونالدو ئالدىدا قارشى تەرەپ بېكىنىڭ دىققىتىنى تارىتتى، راموس كاللا توپ ئۇرۇپ دەسلەپ قىلدى.

20-مىنۇتتا دىمارىيا ئىختىيارى توپ باشلاپ توپنى چەكلەنگەن رايونغا تاشلىدى، راموس چەكلەنگەن رايون ئىچىدە يەنە بىر كاللا توپ ئۇردى. تۆت مىنۇت ئىچىدە ئىككى توپ ئۇرۇپ، راموس بايرېننىڭ بوغۇزلىۋەتتى، بېك بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچتا ئىككى توپ ئۇرۇش تارىخىدا راموس تۇۇنقى كىشى بولۇپ قالدى. مادىرىد تارىخىدا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق تارىخىدا تاق مەيدان ئىككى توپ كىرگۈزگەن ئۈچ بېك بار بولۇپ، ئۇلار 1998-يىلىدىكى پانۇچ ۋە روبېرتو كارلوس ۋە بۈگۈنكى راموس.

 



راموس ئۇزغۇنلۇقتا تۇنجى قېتىم بايرېنغا توپ ئۇرغان ئىسپانىيەلىك رائۇلدىن كىيىنكى بايرېنغا ئىككى توپ ئۇرغان ئىككىنچى ئىسپانىيەلىك توپچىغا ئايلاندى. راموسنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھال قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى ئەسلىمىسى ئاچچىققا تولغان بولۇپ، 2011-2012- مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مادىرىد بىلەن بايرېن ئومۇم نەتىجىدە 3-3 تەڭلىشىپ قېلىپ، نۇقتا توپ جېڭىدە تۆتىنچى بولۇپ مەيدانغا چىققان راموس نۇقتا توپنى ئۇچۇرۋېتىپ، مادىرىد مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئاچچىق ئەسلىمە قالدۇرۇپ قويىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم مىدىئالارنىڭ مەسخىرە ئوبىيىكىتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئىلگىرى راموس تەپكەن توپنى ئايشارىدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ، راموس تاشقى پىلانىت ئادىمىنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىسىنى چېقىۋەتتى دىگەندەك PS لاھىيە سۈرەتلىرى ۋە مەسخىرە خەۋەرلىرى چىققان. بۈگۈن راموس بايرېنغا ئىككى توپ ئۇرۇپ ئىلگىرىكى مەسخىرە قىلغانلاردىن قىساسىنى ئالدى.



 

مۇسابىقە باشلىنىپ 34-مىنۇتتا مادىرىد يەنە بىر قېتىم تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى، دىمارىيا ئارقىدىن بېنزىماغا ئۇزۇن پاس بەردى، بېنزىما توپنى بېلغا پاس بەردى، بېل تېز سۈرئەتتە بوئاتتىڭدىن ئۆتۈپ ھېچكىم مۇداپىئە قىلمىغان رونالدوغا پاس بەردى، رونالدو توپ ئۇردى. بۇ رونالدونىڭ بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدا كىرگۈزەەن 15 توپى بولۇپ، مادىرىد 3-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى. 88-مىنۇتتا كىروس چەكلەنگەن رايون ئالدىدا رونالدوغا قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلىدى، مادىرىد ياخشى بىر ئورۇندىن بىر قېتىملىق ئىخىتىيارى توپ باشلاپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
رونالدو ئۆزى ئىختىيارى توپنى باشلاپ بىۋاستىلا كىرگۈزىۋەتتى. رونالدو بايرېننىڭ مەيدانىدا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇققا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، تاق پەسىل ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا كىرگۈزگەن توپى 16 گە يىتىپ تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇزغۇنلۇقتا تاق پەسىل ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى ياراتتى ھەم شۇنداقلا مادىرىدقا ۋاكالىتەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 50 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 51 توپ كىرگۈزۈپ، مادىرىد تارىخىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن مەرگەنلەر قاتارىدا ئىككىنچى بولدى ھەمدە شۇنداقلا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا كىرگۈزگەن توپى 66 گە يىتىپ رائۇلنىڭ 71 توپى ۋە مېسسىنىڭ 67 توپىدىن كىيىن، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مەرگەنلەر قاتارىدا ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلدى. ئۇزغۇنلۇق شاللاش باسقۇچىدا 33 توپ كىرگۈزپ، شاللاش باسقۇچى مەرگەنلەر قاتارىدا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.مېسسى 31 توپ، رائۇل 18 توپ كىرگۈزگەن.

بىر يىل ئىلگىرى بايرېننىڭ ئالىيانىز تەنتەربىيە مەيدانىدا بايرېن مىيۇنخېن بارسىلونانى 4-0 چوڭ نومۇر پەرقتە قىرغىن قىلىپ پۈتۈن ياۋروپانى ھەيران قالدۇرغان، بىر يىلدىن كىيىن ئوخشاشلا ئالىيانىز تەنتەربىيە مەيدانىدا بايرېن مىيۇنخېن مادىرىد تەرىپىدىن 4-0 نەتىجىدە چوڭ نومۇر پەرقىدە قىرغىن بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمەي، قايتا يەنە بىر قېتىم ياۋروپانى ھەيران قالدۇردى. مادىرىد يېرىم ھەلقىلغۇچتا بايرېننىڭ شاللاپ، بۇ مۇسابىقە پەسىلى شارىك04، دورتمونىد، بايرېن مىيۇنخېن بارلىق گېرمانىيە زەردارلىرىنى شاللاپ ئىلگىرىكى 20112012- مۇسابىقە پەسىلىدىكى دورتمونىد ۋە بايرېنغا مەغلۇپ بولۇشتىكى قانلىق قىساسىنى ئالدى.



بايرېن مىيۇنىېن يېقىنقى 10 مەيدان مۇسابىقىدە تۆت مەيدان غەلبە قىلدى، ئەڭ يېقىندىكى تۆت مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە پەقەت بىر مەيدانلا ساھىبىان مەيدان غەلبە قىلىپ بايرېن مەستانىلىرىنى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندۈردى.
40 يىلدىن بېرى بايرېن مىيۇنخېن ساھىبخان مەيدان مادىرىدقا مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىكى بۇ نەتىجىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان، ئالدىنقى يىلى بايرېن مىيۇنخېن « ئالەم كوماندىسى» نى قىرغىن قىلىپ، «يېڭى ئالەم كوماندىسى»غا ئايلانغان، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ئوخشاش شۇ مەيداندا « يېڭى ئالەم كوماندىسى»غا ۋاقىت خەيىر خوش دېدى.










      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203