رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 2562 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى يەنە ئۇتتۇرىۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-04 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :


4-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 2:30 ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى مېھمان مەيداندا يەنبىيەن چاڭبەيشەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئېلىپ باردى. مۇسابىقىنىڭ 75-مىنۇتىغا بارغاندا قارشى تەرەپ ئەزاسى گاۋۋەنگونىڭ كىرگۈزگەن بىر توپى بىلەن شىنجاڭ تەڭىرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەسى ياخشى بولغان بولسىمۇ توپ ئۇرۇشقا پۇرسەت بولماي مېھمان مەيداندا مەغلۇپ بولدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارى بىلەن مۇستافا تولۇق مەيدان ئوينىدى.
4-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى يەنە مېھمان مەيداندا جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ 7-ئايلانمىسىدا ۋۇخەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ تەڭىرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدانى يەنى ساھىپخان مەيدانى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ 8-ئايلانمىسىدا چۇڭچىڭ لىفەن كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ.








      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203