رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1217 قېتىم كۈرۈلدى
ئالىپ قارلىق دالىسىدىكى يېڭىچە ۋالىبول مۇسابىقىسى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-04 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 20-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا قىتئەسى ئالىپ تاغلىق رايونىدا يېڭىدىن بىر خىل «قارلىق دالا ۋالىبول مۇسابىقىسى» تەنھەركەت ھەركىتى باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، بارا-بارا شۇ جايدىكى بىر خىل مودا تەنھەركەت تۈرىگە ئايلانغان ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كۆپ قىسىم تەنھەركەتچىلەرنى جەلىپ قىلىشقا باشلىغان.
«قارلىق دالا ۋالىبول ئايلانما مۇسابىقىسى» بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 3-ئايدىن 4-ئايغىچە ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ، بۇ جەرياندا كۆپ قىسىم دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن 50 دىن ئارتۇق ۋالىبول كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

دېڭىز قىرغىقى ۋالىبول مۇسابىقىسى، زالدا ئۆتكۈزىلىدىغان ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ كوماندا ئەزالىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن بۇ جايغا يىغىلىشقا باشلىدى. بۇ ئەزالارنىڭ ئىچىدە يەنە تېخى ئولىمپىك مۇسابىقىسى، ياۋروپا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى، دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق دۇنيا خاراكتىرلىك ۋالىبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ قاتنىشىپ باققان ماھىرلارمۇ بار.
«قارلىق دالا ۋالىبول ئايلانما مۇسابىقىسى» 2009-يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، ئاۋستىرىيە، گىرمانىيە، ئىتالىيە ۋە شىۋىتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بارغانسىرى باش كۆتۈرۈشكە باشىدى ھەمدە كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ تەنھەركەت تۈرىنىڭ رەسمىي بىر مۇسابىقە بولۇپ شەكىللىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
چۈنكى 2000 مىتىر ئىگىزلىكتىكى قارلىق دالىدا ۋالىبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئادەمنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ. «قارلىق دالا ۋالىبول ئايلانما مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزىلىىش جەريانىدا، ئاۋۋال تەنھەركەتچىلەر سوغۇققا چىدامچان بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق ھەم قېلىن كىيىم كىيىش كېرەك ئەلۋەتتە. كۆپچىلىك يەنە قارلىق دالىنىڭ رەڭگىگە، قاتتىقلىقىغا، سىلىقلىقىغا كۆنەلىشى ھەمدە ئۈزلىكسىز ھالدا يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203