رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 1107 قېتىم كۈرۈلدى
بېيجىڭ تۇڭجۇدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا پارتلاش يۈز بەردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-03 -22
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : bbs.wangjing.cn

جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتىنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋىرى، 21-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەر ئەتراپىدا، بېيجىڭ تۇڭجۇدىكى تۇچىياۋ كۆۋرۈكى مىترو بېكىتى ئتراپىدىكى فاڭخېڭ دۇڭجىڭ ئولتۇراق رايونىدا 27-قەۋەتتىكى بىر ئۆيدە كۆمۈر گازى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاز دېگەندە تۆت ئادەم يارىلانغان. پارتلاشتا كېلىپ چىققان پارچىلار نەچچە يۈز مېتىر ئۇچۇپ چىققان بولۇپ، بىنانىڭ ئاستىغا توختىتىپ قويۇلغان بەش ماشىنا زىيانغا ئۇچرىغان. نۆۋەتتە، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئاللىقاچان ئۆي ئىچىدىكى خەتەر مەنبەسىنى كونتىرول قىلغان بولۇپ، پارتلاشتىن كېلىپ چىققان ئوت ئاپىتى ئاساسەن كونتىرول قىلىنغان.
پارتلاش يۈز بەرگەن ئۆيدىكى بىر ياشانغان ئەر كىشى كۆيۈپ يارىلانغان بولۇپ، يەنە بىر ياشانغان ئايال كىشىنىڭ باش قىسمى يارىلانغان، ئۇندىن باشقا يەنە ئىككىيلەنمۇ يېنىك دەرىجىدە يارىلانغانىكەن. پارتلاش يۈز بەرگەن ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە تۇرىدىغان كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆيدىكى كارۋات سۇنۇپ كەتكەن شۇنداقلا پارتلاش يۈر بەرگەن چاغدا ھاجەتخانىدا تۇرغان بىر ئەر پارتلاش كۈچى تۈپەيلى ھاجەتخانىدىن قاڭقىپ چىقىپ كەتكەنىكەن. نۆۋەتتە ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى بىنا ئاستىدا يارىلانغانلارنى قۇتقۇزماقتا.









      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203