رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1110 قېتىم كۈرۈلدى
قۇياش بورىنى ۋە مالايسىيانىڭ MH370 ئايروپىلانى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-03 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : zh.wikipedia.org

قۇياش بورىنى ۋە مالايسىيانىڭ MH370 ئايروپىلانى


 

ئامېرىكا ئالىملىرى، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى يەرشارىدا ئاپەت خارەكتىرلىك قۇياش بورىنى چىقىدۇ-دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرغا قويغان، ئەينى چاغدا بۇ خەۋەر نۇرغۇن كىشىلەرنى ساراسىمگە سالغان ئىدى.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يەنى 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى مالايسىيانىڭ MH370تىپلىق يولۇچىلار ئايرۇپىلانى ھاۋا يولىدا تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ، ھازىرغىچە ئىز-دىرىكى بولماي، پۈتۈن دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، ئاخبارات ساھەسى ۋە تور دۇنياسىدىكى سىرلىق بىر قىززىق تېما بولۇپ قالدى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 239نەپەر يولۇچى ئولتۇرغان بۇ ئايرۇپىلاندا 154نەپەر جۇڭگولۇق بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز باركەن، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر توردۇنياسىدىكى قېرىنداشلارمۇ بۇ ۋەقەگە خېلى زور كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. بۇ توغرىلىق نۇرغۇن بەس –مۇنازىرە ۋە ھەرخىل ئىھتىماللىق قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گەرچە بۇ پەرەز رىئاللىقتىن سەل چەتنىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئازراق بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ ئويلايمەن.

قۇياش بورىنى يەنى ماگىنىت بورىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى قۇياش قويۈپ بەرگەن زەررىچىلەر زەرەت ئېقىمىغا ئىگە بولغاچقا ، ماگىنت مەيدان ئىندۇكسىيەسى پەيدا قىلىپ ئېلكتىر ۋە ئۇچۇر سىگنالىنى توسۇپ قويىدۇ. قۇياش بورىنى 2خىل بولۇپ، بىر خىلى ياكى دېيىلىدۇ، ئېتىلىش سۈرئىتى بىرقەدەر ئاستا، تەركىبىدە زەررىچىلەر كۆپ بولمايدۇ، بۇ خىل قۇياش بورىنىنىڭ پەيدا بولۇشى تىنچ ھالەتتىكى قۇياش تاجى رايونى (يەنى كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى ) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. قۇياش تاجىدىكى ماددىلارنىڭ ئاستا سۈرئەتتە سىرتقا كېڭىيشى بىلەن، قۇياش يۈزىدىن تەدرىجى يىراقلىشىدۇ-دە، تىنچ ھالەتتىكى قۇياش بورىنىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قۇياش بىلەن بولغان ئارلىقى يىراقلاشقانسىرى، سىرتقا كېڭىيىپ سۈرئىتى تەدرىجى چوڭىيىپ ، زىچلىقى ئۈزلۈكسىز كېچىكلەيدۇ، يەر شارىغا يىتىپ كەلگەندە ۋاقىتتا ، ئېتىلما ئىقىمى ھەر سېكونتىغا450مىڭ مېتىرغا يېتىدۇ، ھەر بىر كۇب سانتمېتىر ئورۇندىكى پروتون سانى 10دانىغىچە بولىدۇ. بۇخىل قۇياش بورىنىنىڭ يەر شارىغا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. يەنە بىر خىلى بولسا ، قۇياش ئاكتىپلاشقان ۋاقىتتا زەررىچىلەر ئېقىمى ئېتىلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل قۇياش بورىنى قۇياشتىن ئېتىلىپ چىققان ماددىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تەركىبىدە زور مىقداردا زەرەتلىك زەررىچىلەر بولۇپ، ئىتىلىپ چىقىش سۈرئىتى ھەر سېكۇنتىغا 2000000~1000000 مېتىرغىچە بولىدۇ. زەررىچىلەرنىڭ زىچلىقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ھەر كۈب سانتمېتىرغا نەچچە ئون تالدىن توغرا كېلىدۇ. تەۋرەنمە قۇياش بورىنىنىڭ تەركىبىدىكى يۇقىرى سۈرئەتتىكى زەررىچىلەر يەرشارىغا كۆرۈنەرلىك توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلىپلا قالماي، ئۇچۇر ئالاقىسىغا ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، مىسالەن: قۇياش بورىنى سۈنئىي ھەمرا ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويىدۇ، سۈنئىي ھەمرا خەۋەرلىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئالاقىنى پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئايروپىلان بىلەن سۈنئىي ھەمرا خەۋەرلىشىشنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالسا ئايروپىلان ھاۋا يولىدىن ئادىشىپ قىلىپ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن .

ئەينى ۋاقىتتىكى قۇياش بورىنىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر مەزمۇنى تۆەندىكىچە:
خەلقئارا تېز لېنىيىسى باش ماقالىسى: 2013-يىلى 6- ئاينىڭ 9-كۈنى
روسىيە RT تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا سوغۇرتا شېركىتى)Lloyd’s (بىلەن ئاتموسفىرا ۋە مۇھىت تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دىيىلگەن: يەر شارى پات ئارىدا بىر مەيدان دەرىجىدىن تاشقىرى قۇياش بورىنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، بۇ ئاپەت خاراكتېرلىك زەربىنىڭ تەسىرىدە كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرىدە ھەتتا بىر نەچچە ئاي توك توختاش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئومومىي زىيان ئىككى تىرىليون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 16 تىرىليون يۈەن ) گە يېتىشى مۇمكىن دېيىلگەن.
دوكلاتتا يەنە دىيىلىشىچە، دەرىجىدىن تاشقىرى قۇياش بورىنى تەخمىنەن 150 يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدىكەن، ئۆتكەن قېتىمقىسى 1859- يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ قېتىمقى ھادىسىنى كىشىلەر كاررىڭتون قالايمىقانچىلىقى (Carrington Event) دەپ ئاتىغان. ئەينى چاغدا يەر شارىدا يۈز بەرگەن ماگنىت بورىنىنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن دۇنيادىكى تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، شىمالىي قۇتۇپ ئاسمىنىدا كۆرۈلىدىغان قۇتۇپ شولىسىمۇ ئالاھىدە روشەن كۆرۈنگەن. ئەمما ئۇ چاغلاردا ئېلېكتىر ئېنىرگىيىسى ھازىرقىدەك كەڭ- كۆلەمدە ئومۇملاشمىغان ئىدى.
مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر خەۋەر
2013-يىلى2-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا تېلىگراممىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئاۋىئاتسىە ئىدارىسى (NASA) ئاگاھلاندۇرۇپ،يەر شارى پات يېقىندا ساقلىنىش تەس بولغان " بوشلۇق بورىنى" غا يولۇقىدۇ، كەينىدىن ئەنگىلىيىدە كەڭ كۆلەمدە توك توختاپ قالىدۇ شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىل مۇھىم ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرىمۇ توختايدۇ دېگەن. 2013-يىلى يۈز بېرىدىغان بۇ بوشلۇق بورىنى بەلكىم دۆلەتنىڭ توك تورىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىزىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاۋادا ئۇچىدىغان نەرسىلەرگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.كەلگۈسى نەچچە ئون يىل ئىچىدە قۇياش ھەركىتى ئەڭ كۈچەيگەن باسقۇچلارغا كىرىدىغان بولۇپ،يەر يۈزىدىكى ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر،يول باشلاش ئۈسكۈنىلرى، شۇنداقلا مۇھىم سۈنئىي ھەمرالارنىڭ توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا .ئالەم قاتناش ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە،2013-يىلى قۇياش <ئېغىر ئۇيقۇ> ھالىتىدىن ئويغىنىدىغان بولۇپ،بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان قۇياش دېغى يەر شارىنىڭ ماگىنىت مەيدانىغا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇزغۇچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق بوران ھەركىتى بەلكىم يەر شارىنىڭ جىددىي مۇلازىمەت سېستىمىسى، تىببىي ئۈسكۈنىلەر،بانكا سېستىمىسى، شۇنداقلا ھاۋادىكى قاتناشنى كونتىرول قىلىش ئۈسكۈنىلىرىدىن تارتىپ،كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر، مەسىلەن ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى، iPod ۋە سۈنئىي ھەمرالىق يول باشلاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق بارلىق نەرسىلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئىنسانلارنىڭ ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە بولغان ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىشى، شۇنداقلا بۇ خىل ئۈسكۈنىلەرنىڭ ماگىنت مەيدان ئېنىرگىيسىگە بولغان كۈچلۈك سېزىمچانلىقى تۈپەيلى،بۇ قېتىمقى قۇياش بورىنى ھەركىتىنىڭ يەر شارىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى نەچچە يۈز مىليارد فوند سىتىرلىڭغا يېتىدىكەن.
ئاخىردا MH370 ئايروپىلانىدىكى بارلىق كىشىلەرگە ئاللاھتىن ئامانلىق تىلەيمەن!

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203