رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1112 قېتىم كۈرۈلدى
قىرىم ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى بۈگۈن ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-03 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com


16-مارت، قىرىم سمفېروپولدىكى بىر بېلەت تاشلاش نۇقتىسىدا ئاھالىلەر بېلەت تاشلىماقتا

 

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
قىرىم 16-مارت ئومومخەلق ئاۋازغا قويۇش ئېلىپ باردى، دۇنيا خاراكتېرلىك كرىزىس پارتلاشقا ئاز قالدى. ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى بۈگۈن ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما تۈنۈگۈنكى بېلەت تاشلاش ۋە ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، قىرىمنىڭ ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ رۇسىيەگە قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى ئاساسەن مۇقىملاشقان بولۇپ، ئەمدىكى گەپ غەرب بىلەن رۇسىيەنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئېلىشىشىدا. رۇسىيە ئۇكرائىنانى ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت قاتارىغا قوشۇلۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساس دەپ قارايدۇ، غەرب بولسارۇسىەنىڭ قىرىمنى«قېتىۋېلىشى» نى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۇنيا تەرتىپىگە قىلىنغان خىرس دەپ قارايدۇ، ئىككىلا تەرەپكە نىسبەتەن ئىش چىڭغا چىقتى. ياۋروپا ئامېرىكا قىرىمنىڭ بىر باشلىنىش بولۇپ قېلىشىدىن، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم رۇسىيەگە قېتىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى «مىيۇنخىن ساۋىقى» نى يەكۈنلەپ، رۇسىيەنى قەتئىي تۈردە توسماقتا. CNN نىڭ خەۋىرىدە، قىرىم كرزىسى ئامېرىكا دۇچ كەلگەن «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى جىددىي تۇتۇشۇش» دېيىلدى. ئامېرىكا «يېڭى جۇمھۇرىيەت» تورىدا«تيۇيوركتىن لوندونغىچە، بانكىرلار ۋە دىپلوماتلار رۇسىيەنىڭ 3-دۇنيا ئۇرۇشىنى باشلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قارا تەرگە چۈمۈلمەكتە» دېدى. تۈنۈگۈن، ياۋروپا-ئامېرىكا رۇسىيەگە قارىتىلغان ئىمبارگو جېڭىگە تۇتۇش قىلدى، 17- مارتتىن باشلاپ ئۇلارنىڭ كوزىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارە بولىدۇ.
16-مارت ئەتتىگەندە قاتتىق يامغۇر يېغىپ سىمفېروپولنىڭ تېمپراتۇرىسى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئاۋامنىڭ بېلەت تاشلاش قىزغىنلىقى زور بولدى، نۇرغۇن بېلەت تاشلاش نۇقتىلىرىدا بېلەت تاشلىغىلى كەلگەنلەر ئۆچرەت بولۇپ تىزىلدى. بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ئەڭ تېز بولغاندا بېيجىڭ ۋاقتى 17-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنماقچى، ئەمما پارلامېنت سارىيىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭ مەركىزىدىكى مەيداندا، نۇرغۇن رۇسلار مېۋىلەرنى تىزىپ، ياڭراتقۇلىرىنى تەييارلاشقا باشلىدى، شەھەر ئاھالىسى مىكخالۇك مۇخبىرغا « بىز سەل تۇرۇپ چوڭ كۈلەملىك مۇزىكا يىغىلىشى ئېلىپ بارىمىز، رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى تەبرىكلەيمى!» دېدى، قىرىم پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسى ئۈستىدە، غايەت زور رۇسىيە دۆلەت بايرىقى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، پارلامېنت سارىيىدىكى ئۇكرائىنا دۆلەت گىرىبى ئېلىۋېتىلگەن، ئاھالىلەرنىڭ دېيىشىچە، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئورنىغا رۇسىيە دۆلەت گىربى ئېسىلىدىكەن.
ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋەر تورى 16-مارتتىكى ئاۋازغا قويۇشنى «قار دۇمىلىغاندەك زورىيىشى» دەپ سۈپەتلەپ «زەمبىرەك، تەشۋىقات ۋە ئۆسەك سۆزلەر قىرىم يېرىم ئارىلىنى قاپلىدى» دېدى. شۇ كۈنى «رۇسىيە ئاۋازى» قىرىم بېلەت تاشلاش تور بېكىتىنىڭ «ئامېرىكا خاككېرلىرىنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى» نى ئېلان قىلدى، ئامېرىكا ياۋروپا تاراتقۇلىرى بولسا ش ئا ئە ت تور بېكىتىنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. «يەر شارى گېزىتى» مۇخبىرىنى كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل بولغان مارك مۇخبىرغا قىرىم ھەربىي تەرەپ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر قىسىم قوراللارنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، رۇسىيەگە قارشى ئاشقۇنلار بەلكىم بېلەت تاشلاشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن دېدى.
مۇخبىر 16-مارت سەھەردە سىمفېروپولغا ئايرودرومىغا چۈشكەندىن باشلاپ جىددىيچىلىكنى ھېس قىلىپ يەتتى، شۇنچە چوڭ ئايرودرومدا بىر دانىلا ئايروپىلان تۇرغان، بۇ ئايروپلاندىن كېيىن قىرىمغا كىرمەكچى بولغان بارلىق ئايروپلانلارغا رۇخسەت بېرىلمىدى. تاموژنا زالىدا، ئۇچىسىغا ھەربىيچە كېيىم كەيگەن قىرىم چېگرا ساقچىسىدىن باشقا يەنە، قىزىل يەڭ بەلگىسى تاقىغان، ھەربىيچە كېيىنگەن بەستلىك ئەركەك توختىماستىن كىشىلەرنى ئارىلاپ تۇراتتى. گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇرالىنى ئاشكارا ئېسىپ يۈرمىگەن بولسىمۇ، ھەربىيچە كىيىمىنىڭ ئىچىدىن قۇرالنىڭ ئۇچى چىقىپ تۇراتتى، بۇ جەرياندا، تاموژنا خادىملىرى مۇخبىرىمىزنىڭ قىرىمغا كېلىشتىكى مەقسىتى، تۇرۇشلۇق ئادرېسى، مۇخبىرلىق كېنىشكىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ۋە قىرىمنىڭ ئاۋازغا قويۇشىغا بولغان قارشى ھەققىدە تەپسىلى سۈرۈشتۈرۈشلەر ئېلىپ باردى.
CNNمۇنداق دېدى: 16-مارتتىكى ئاۋازغا قويۇش قىرىمنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە، كەلگۈسىدىكى رايون ۋە رايون سىرتىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىگللەشلەرگە قارىغاندا، دۇنيادىكى 196 تاراتقۇنىڭ مىڭغا يېقىن مۇخبىرى قىرىمغا يىغىلغان بولۇپ، مېھمانخانا تاپماق قىيىن ئىكەن.
ئامېرىكا «ۋاشنگتون پوچتا گېزىتى» قىرىمدىكى ئومومخەلق ئاۋازغا قويۇشنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: ئالدىراش ۋە بىر تەرەپلىمىلىك تەشۋىقاتتىن كېيىن، قىرىم مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بېلەت تاشلايدىغان بولدى. سايلامدىن بۇرۇنقى تەشۋىقات جەريانىدا تەھدىت سېلىشلار كۆرۈلدى، كۆپ قىسىم بېلەت تاشلىغۇچىلار رۇسىيە بىلەن بىرلىشىشتىن باشقا پىكىرلەرنى ئاڭلىشىغا ئىمكانىيەت بېرىلمىدى. بۇ يېرىم ئارالدىكى ئاساسلىق شەھەر سانىلىدىغان سمفېروپول ۋە سۋاستوپولدا رۇسىيە بىلەن بىرىكىش ئەمەلگە ئېشىپ بولغاندەك، ھۆكۈمەت بىناسى، ماگىزىن، ترامۋاي ۋە ئاممىۋىي سورۇنلاردا رۇس بايرىقى لەپىلدىدى. ئەمما نۇرغۇن قارشى تۇرغۇچىلار بېلەت تاشلاشقا بارمىدى. قىرىمدىكى تاتارلارنىڭ رەھبىرى بىلەت تاشلاشقا بارماسلىققا دەۋەت قىلدى، نۇرغۇن ئۇكرائىنلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بېلەت تاشلاشقا بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇكرائىنا «كېيۋ پوچتىسى» گېزىتىدە: ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇن سوتى 15-مارت سايلامنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى دېدى. «بۈگۈنكى رۇسىيە» تېلېۋىزىيە ئىستانسسى بولسا «بۇ كەلگۈسى ئۈچۈن يول ئاچقۇچ» خاراكتېرلىك ئاۋازغا قويۇش، ئون مىڭدىن ئارتۇق يېڭى قۇرۇلغان قىرىم ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى ۋە 5000 ساقچى ئاۋازغا قويۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، « ئاۋازغا قويۇشتىن بۇرۇن، قىرىم يېرىم ئارىلى كۆپ قېتىم غەرب سىياسىئونلىرى ۋە كېيۋنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىدى» دېدى. رۇسىيە دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى 16- مارت سايلامغا قاتناشقۇچى ئاكچانوۋنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ئاۋازغا قويۇش، تارىخى ئەھىمىيەتكە ئىگە، ئاۋامنىڭ قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، دېدى. ئۇ يەنە « ئومومخەلق ئاۋازغا قويۇشنىڭ نەتىجىسى ھېچقانداق كرىزىسقا سەۋەب بولمايدۇ، ھەممە ئىش تىنچ، مۇقىم يوسۇندا بولىدۇ» دېدى. خەۋەردە يەنە، دۇنيا بازار تەتقىقاتى ئورگىنى Gfkنىڭ يېڭى ئېلان قىلغان ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، %70 سايلىغۇچىلار قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى قوللىغان.
«مەيلى بىزنىڭ ھېسسىياتىمىز قانداق بولمىسۇن، قىرىمنى قولدىن بېرىپ قويدۇق» ، گېرمانىيە «دۇنيا گېزىتى» 16-مارت مۇشۇ تېمىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ھازىرقى كرىزىس غەربنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى ۋە ناقابىللىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى دېدى. گېرمانىيە «ئىقتىساد ھەپتىلىكى» بولسا غەمگە پاتقان غەربكە تەسەللىي بەرگەن يۇسۇندا: قىرىمنى يۈتۈۋېلىش، پۇتىننىڭ بىر قىممەت باھالىق ئويۇنى، رۇسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن زور ئىقتىساد سەرپ قىلىدۇ، چۈنكى قىرىمنىڭ نورمال ئايلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي يوق، قىرىم بىر تۈۋى يوق غار، دېدى.
كۆپلىگەن غەرب تاراتقۇلىرى 15-مارت موسكۋادا كەڭ كۆلەملىك نامايىش كۆتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. BBCرۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغان نامايىشچىلارنىڭ سانى ئون مىڭغا يەتتى، پۇتىننىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ نامايىشقا قاتناشتى، ئەمما كۆلىمى ئانچە زور بولمىدى دېدى.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203