شىنخۇا تورى دەمەشىق 16-مارت تېلگىراممىسى. [نۇر تورى تەرجىمىسى] سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 16-مارت ئۆكتىچى قوراللىقلارنىڭ دەمەشىق يېزا ئۆلكىسىدىكى مۇھىم تايانچ پونكىتى يابۇرود بازىرىنى قايتا ئىشغال قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى شۇ كۈنى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن بىرگە يابۇرود ئالدىنقى سېپىغا بېرىپ، پۈتكۈل بازاردا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق خادىملىرىدىن سىرىت بىرمۇ ئادەم يوقلىقىنى، بازاردىكى بىنا-ئىمارەتلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، بازارنىڭ ئەتراپىدا ئاندا-ساندا ئوق ئاۋازى ۋە پارتلىغان ئاۋازلارنىڭ ئاڭلىنىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ، يابۇرود بازىرىنىڭ مەركىزىدىكى كۇرا مەيدانىدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ نەچچە ئونلىغان ئوفىتسېر-ئەسكىرىنىڭ ئاسمانغا قارىتىپ ئوق ئېتىپ غەلبىنى تەبرىكلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.
يابۇرود بازىرى بولسا پايتەخت دەمەشىقنىڭ شىمالىدىكى كالامونت تاغلىق رايۇنىدىكى ئۆكتىچىلەر ئىگىلىۋالغان مۇھىم بازىلارنىڭ بىرى، بۇ بازار «ئىنقىلابنىڭ ساۋۇتى» دەپ ئاتىلىپ، ئۇلار ھۆكۈمەت بۇ رايۇنغا ھۇجۇم قىلىپ كىرەلمەيدۇ دەپ قارىغان. يابۇرود بازىرى لىۋاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئارسالى رايۇنى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، بۇ بازاردىكى ئۆكتىچى قوراللىق ئۇنسۇرلار ئىلگىرى ئىككى جاينىڭ ئارلىقىدىكى يول ئارقىلىق خادىم ۋە قورال-ياراق تەمىنلەش ئېلىپ بارغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى شۇ كۈنى سۇرىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش قۇماندانلىق شىتابىدىن ئالغان باياناتتا، يابۇروددىكى غەلبىنىڭ «تېرورلۇق تەشكىلات قوراللىق گۇرۇھىنىڭ يىمىرلىشىنىڭ باشلىنىشى»، دەمەشىق يېزا ئۆلكىسىنىڭ باشقا رايۇنلىرىدىكى تېرورچى كۈچلەرنىڭ كانىيىدىن بوغقانلىق ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. ئىلگىرى، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا كالامونت تاغلىق رايۇنىدا جەنۇپتىن شىمالغا ئارقا-ئارقىدىن نابىك، دەرئاتىيە، كارا قاتارلىق ئۈچ مۇھىم بازارنى ئىگىلىگەن. يابۇرود نابىكنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، بىر خەلقئارالىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بۇ رايۇندىن كېسىپ ئۆتىدۇ. دەمەشىق بىلەن ئوتتۇرا قىسىمدىكى ھومىس ئۆلكىسى ۋە شىمالىي قىسىمدىكى لاتاقىيە ئۆلكىسى قاتارلىق رايۇنلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول پايتەخت بىلەن باشقا ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسلىق يول ھېساپلىنىدۇ، بۇ يولنى كونتورول قىلىش ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە ئۆكتىچىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن زور ستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۆكتىچى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 16-مارت سەھەردە ئۆكتىچى قوراللىق ئۇنسۇرلار يابۇرود بازىرىدىن ستراتېگىيەلىك چېكىنگەن. سۇرىيە كىرزىسى ئۇدا ئۈچ يىل داۋاملاشتى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق ئۇنسۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قارمىقىدىكى «قوللاش فرونتى» ۋە باشقا ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ تېرورچى ئۇنسۇرلىرى مەملىكەتتىكى كۆپلىگەن ئۆلكىلەردە كەسكىن جەڭ قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇرىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلىشىپ، ھەرقايسى جايلاردا تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ، ھەر كۈنى دىگۈدەك ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |