رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1109 قېتىم كۈرۈلدى
خەينەندە بەش قانۇن ئىجرا قىلىش پاراخوتى چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-03 -09
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.chinanews.com



3-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەينەن دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى دېڭىز ئۈستى جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھىسىنى قوزغىتىپ، مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاندىكى كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشقا دائىر بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. بۇ ئىدارىگە قاراشلىق دېڭىز-ئوكيان چارلىغۇچى 21-نومۇرلۇق كېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش دېڭىز ئىشلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش كېمىسى جىددىي بۇيرۇق ھالىتىدە تۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خەينەن دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى خەينەن ئامېرىكا-ئاسىيا ئاۋىتئاسىيە شىركىتىنىڭ سۇ ئۈستى ئايروپىلانى بىلەن ئالاقىلىشىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش توغرىسىدا ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. قاتناش-تىرانسىپورت مىنىستىرلىكىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىچە، خەينەن دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى ئاللىقاچان يولغا چىقىش ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان بولۇپ، بارلىق كېمىلەردىن مۇناسىۋەتلىك دېڭىز رايونىدا يولغا يۈرگەندە ئەتراپلىق كۆزىتىشنى، ناۋادا ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار بايقالسا، دەرھال خەينەن دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ دىجورنىلىق ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئەسكەرتكەن. سۈرەتتە، دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش كېمىسى.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203