رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1219 قېتىم كۈرۈلدى
مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى قوش خۇشخەۋەرگە ئېرىشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -28
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : sports.sina.com.cn


 

نۆۋەتتە 4 سەپتە جەڭ قىلىۋاتقان مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ساندېرلاند كوماندىسى بىلەن بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش جېڭىگە قاتنىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەڭ باشلىنىش ئالدىدا مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى تەرەپتىن ئىككى خۇشخەۋەر كەلدى. يەنى «قوياش گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبى فرانسىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان چولپىنى ناسرى بىلەن توختام ئۇزارتىش ئالدىدا تۇرغان، يەنە بىر خۇشخەۋەر بولسا كوماندىنىڭ مەرگەن ھۇجۇمچىسى بولغان ئارگېنتىنالىق چولپان ئاگۈيرو ساقىيىپ مەيدانغا قايتىپ كەلگەن.

ئالدىنقى مەشقاۋۇل مەنچىنىنىڭ قول ئاستىدا ئانچە ياخشى بولالمىغان فرانسىيەلىك ئوتتۇرا مەيدانچى ناسرى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە چىلىلىق ئېنژىنىر پېللېگرىنىنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا ئىپادىسىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سەرخىل توپچىلار ناھايىتى تولۇق بولغان مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىدا ناسرى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە جەمئىي 22 قېتىم مەيدانغا چىققان ھەمدە 4 توپ كىرگۈزۈپ 3 قېتىم ھالقىلىق پاس بەرگەن، ئۇنىڭغا قوشۇپ يەنە 48 قېتىم ناھايىتى مۇھىم پاس تاشلىغان. ناسرىنىڭ بۇ ئىپادىسى مەشقاۋۇل پېللېگرىنىمۇ قايىل قىلغان بولۇپ، ئۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئاۋال ناسرى بىلەن بولغان توختام مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولغان. ناسرى يارىلىنىپ بىر مەزگىل يېتىپ قالغاندىن كېيىن مەيدانغا قايتىپ تۇنجى مەيدان چېلسى كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ھالقىلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزگەن، ئۇنىڭ بۇ ئىپادىسىدىن قارىغاندىمۇ ئۇ مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسىنىڭ بىرى بوپ قالغان.

«قۇياش گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبى ناسرى بىلەن 3 يىللىق توختام ئۇزارتىشنى ئويلاشقان، بۇ يىل ئەمدىلا 26 ياشقا كىرگەن فرانسىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان چولپىنىنىڭ بۇرۇنقى توختامى كېلەر يىلى يازدا توشىدىغان بولۇپ، مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبى بۇ قېتىم توختامنى ئۇزارتسا، ناسرى كەلگۈسى 4 يىل ئىچىدە يەنىلا مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىدىن ئايرىلمايدۇ دېگەن گەپ.

ئىككىنچى بىر خۇشخەۋەرگە چېتىشلىق بولغان ئاگۈيرو بۇ ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئاللىقاچان مەيدانغا قايتىپ مەشىقنى باشلىغان ھەمدە بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىقىشنى پىلانلىغان. ئارگېنتىنالىق بۇ چولپان بۇ مۇسابىقە پەسلىدە 25 مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىققان بولۇپ جەمئىي 26 توپ كىرگۈزگەن، بىراق يارىلىنىش سەۋەبىدىن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت مەيدانغا چىقالمىغان. ئۇنىڭ بۇ قېتىم ساقىيىپ قايتىپ كېلىشىنى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى ئۈچۈن كاتتا خۇشخەۋەر دېيىشكە بولىدۇ.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203