رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 4500 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭدىكى شەھەر ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەرنىڭ سانى ۋە كىرىمى ئاشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-12 -08
  • يوللىغۇچى : ئەزمەت ئېلى
  • مەنبەسى : xj.people.com.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

12-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى 3 پەسىلدە، شىنجاڭدىكى شەھەر ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى سانى 3 مىليون 387 مىڭ 600گە (ئەمگەك توختامى ئىمزالىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خۇسۇسىي كارخانىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) يېتىپ، 2012-يىل ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 303مىڭ 800 ئادەم كۆپ بولغان؛ ئالدىنقى 3 پەسىلدە، دۆلەت ئىگىلىكى، كوللېكتىپ ئىگىلىك ۋە باشقا ئىگىلىكتىكى ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى مۇقىم ئېشىپ ياخشى بولغان تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن، شەھەرلەردىكى ئىدارە-ئورگانلاردا خىزمەت قىلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 3613 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش نىسبەتتە %16.95 ئاشقان. دۆلەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئوخشاش نىسبەتتە 107مىڭ 400 ئادەم كۆپەيگەن، %5.22 ئاشقان؛شەھەردىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سانى ئوخشاش نىسبەتتە 699 ئادەم ئازلاپ، %1.85 تۆۋەنلىگەن. شىنجاڭ ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئاكتىپ ھالدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشسىزلارنى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان؛ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ياخشى بولغان مۇھىتنى ھازىرلاش ئۈچۈن، ئامانلىق چارلاش، مۇھىت ئاسراش، تازىلىق قىلىش قاتارلىق جەمئىيەت پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرغان؛ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، باشقا ئىگىلىكتىكى ئورگانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى كۈنسېرى ياخشىلىنىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئورگانلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كۆپەيتكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭنىڭ قاتناش-ترانسپورت، پوچتا تېلېگراف، سۇچىلىق، شەھەر ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، بىناكارلىق، ئۆي مۈلۈك قاتارلىق ساھەلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، كانچىلىق، ياسمىچىلىق قاتارلىق ساھەلىرى مۇقىم ئېشىپ، مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا تۈرتكە بولغان. بۇ ساھەلەر ئاساسلىقى مەركەزنىڭ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشى جانلىنىپ، زور كۆلەمدە پەسىل خاراكتېرلىك ئىشچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولغان. مۇخبىرنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىنىڭ ئىش ھەق كىرىم سەۋىيىسىنىڭ پەرقى نىسبەتەن چوڭ بولۇپ، قاراماي، خوتەن، ئۈرۈمچى، تۇرپان، كورلا، سانجى، قەشقەر قاتارلىق رايونلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىش ھەق سەۋىيىسى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولغان؛ قۇمۇل، قىزىلسۇ، ئاقسۇ، غۇلجا، بورتالا، چۆچەك، ئالتاي قاتارلىق رايونلارنىڭ ئىش ھەق سەۋىيىسى پۈتۈن شىنجاڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولغان.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203