رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1295 قېتىم كۈرۈلدى
دۇنيا تارىخىدا 27-نويابىر يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.todayonhistory.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

511-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى فىرانسىيە پادىشاھى كىلوۋى بىرىنچى ئالەمدىن ئۆتكەن.
1095-يىلى رىم پاپاسى ئوربان ئىككىنچى كىرسىت ئارمىيىسىنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
1308-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ھېنىرى يەتتىنچى پادىشاھ بولغان.
1701-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى شىۋېتسارىيەلىك ئەدەبىيات ئالىمى ئاندىس شىرسوس تۇغۇلغان.
1907-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى كونگوغا بېلگىيەنى بۆلۈپ بېرىش شەرتنامىسى ئىمزالانغان.
1919-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى نايىخى شەرتنامىسى ئىمزالانغان.
1961-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئاي شارى ئەسۋابىنى ياساپ چىققان.
1962-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى بويىن 727 تىپلىق ئايروپىلان سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇلغان.
1970-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى سولجېنىسچىن مۇكاپاتنى ئېلىشقا پېتىنالمىغان. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئالىكساندىر سولجېنىسچىن ئۆزىنىڭ شەخسىي سەۋەب بىلەن شىۋېتسىيەگە مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغىلى بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتى ئۇنىڭ كەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلىدۇ: ئەگەر بۇ مۇكاپاتنى ئالسا، سوۋىت ئىتتىپاقى ئۇنى دۆلەت چېگرىسىدىن كىرگۈزمەيدۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلغۇسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئايالى ئاغرىق ئىدى. سولجېنىسچىننىڭ ستالىنىزمغا قارشى ئەسىرى «ئىۋان جېنىسوۋىچنىڭ بىر كۈنى» بىلەن «1-چەمبىرەك» ناملىق ئەسىرى سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. بۇ ئەسەرلەر چەت ئەللەردە نەشىر قىلىنغان.
1986-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى بىرازىلىيەنىڭ پايتەختىدە زور پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ بىرازىلىيەنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ توپىلاڭ ھېسابلىنىدۇ. 27-نويابىر ئەتىگەندە، نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، يېقىلغۇ، يېمەكلىك، پىۋا، ماشىنا باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە قارشى تۇرغان. بۇ قېتىمقى توپىلاڭدا 33 ماشىنا، بەش بانكا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، يەتتە بىناغا ئوت قويۇلغان، 100 ساقچى يارىلانغان، 200 نەچچە كىشى تۇتۇلغان. بىرازىلىيە تارىختا تۇنجى قېتىم خەلققە تانكا بىلەن قارشى تۇرغان.
1989-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى كولومبىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى پارتلاپ، 107 كىشى قازا قىلغان. كۆرگۈچىلەر بۇ ئايروپىلاننىڭ نورمال ئۇچۇۋېتىپ، تۇيۇقسىز پارتلاپ، ئىككى پارچە بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى نامسىز تېلىفون تاپشۇرۇۋالغان، تېلىفوندا بۇ پارتلاشنى مادلىن زەھەر ئەتكەسچىلىكى گورۇھىنىڭ قىلغانلىقىنى، مەقسىتىنىڭ ئايروپىلاندىكى مەخپىيەتنى ساقچىلارغا ئاشكارىلاپ قويغان بەش كىشىنى ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
1997-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى تارىخشۇناسلار ئېينىشتىيىننىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىغان. تارىخشۇناسلار ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنىڭ بىردىنبىر ئىجادىيەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇنىڭ بىلەن 80 يىلغا سوزۇلغان تالاش-تارتىش ئاخىرلاشقان. خەلقئارا ئىلىم ساھەسى ئېينىشتىيىننىڭ 1916-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى 1905-يىلىدىكى تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان دەپ قارايدۇ. بىراق بىر قىسىم خەلقئارا تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى كىشىلەر ئېينىشتىيىننى تۇنجى بولۇپ نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى ئەمەس دەپ قارىغان، ئۇلارنىڭ ئىسپاتى شۇكى ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان سەككىز يىل ئىچىدە، گېرمانىيەلىك ماتېماتىك داۋىد شېربوتتىن كۆپ تەلىم ئالغان. شېربوت بىلەن ئېينىشتىيىن ھەر ئىككىسى كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى ئېلان قىلغان، ئېينىشتىيىن نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى شېربوتتىن بەش كۈن كېيىن ئېلان قىلغاچقا، بىر قىسىم تارىخشۇناسلار ئېينىشتىيىننى كۆچۈرمىكەچلىك قىلغان دەپ قارىغان. بىراق كېيىن شېربوت ئۆزى ئېلان قىلغان نىسبىيلىك نەزىرىيىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەندە، بىر قانچە ھالقىلىق ماتىماتىكا تەڭلىمىلىرىنى قوشقان، بۇ ۋاقىتتا ئېينىشتىيىن ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى ئېلان قىلىپ بولغان. بۇ ئىسپات 80 نەچچە يىلدىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان گۇماننى ھەل قىلغان.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203