نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 2631 قېتىم كۈرۈلدى
ئاۋسترالىيە خەنزۇ تىلىنى ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزمەكچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -05
  • يوللىغۇچى : كامىلجان
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

ئەسلى تېمىسى: ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى «ئاسىيا ئىراسى» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4- ئاپرېل سىدنېيدىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى زۇڭلى گىللارد جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرى (4- ئاپرېل) «ئاسىيا ئىراسى» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، بىر قىسىم كەسپىي ئەمەلدارلارنى «ئاسىيا ئىراسى» ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەسلىھەتچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىدى.
ئاخبارات چەكلىك شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «ئاسىيا ئىراسى» ئىستراتېگىيەلىك پىلانىغا ئاساسەن، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاسىيا تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەمدە خەنزۇ تىلىنى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 10- يىللىق دەرسلىكىگە كىرگۈزىدۇ. مەزكۇر پىلاننى يولغا قويۇش لايىھەسىدە يەنە ئاۋسترالىيە بىلەن ئاسىيا ئەللىرىنىڭ سودا مۇناسىۋىتى، «زور سوممىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار ۋىزىسى» دىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ كۆچمەنلەرنى ئاۋسترالىيەگە مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش قاتارلىقلارمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان.
بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «ئاسىيا ئىراسى» ئىستراتېگىيەلىك پىلانى ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسى 2012- يىلى 10- ئايدا ئېلان قىلغان «ئاسىيا ئىراسى ئاق تاشلىق كىتابى» بولۇپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنىڭ تەپسىلاتلىرى تۈزۈلدى. ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسى ئىچكى كابېنتىنىڭ باشلىقى ئېمېرسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پىلان ئاۋسترالىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئاسىيا ئەللىرىگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە يېقىن يول ئېچىپ بېرىپ، ئاق تاشلىق كىتابتا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776