نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 6545 قېتىم كۈرۈلدى
ئافرىقا رەھبەرلىرى جۇڭگونى يېڭى مۇستەملىكىچى دەپ ئەيىبلەشكە رەددىيە بەردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -07
  • يوللىغۇچى : كامىلجان
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

 مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن ئۇچۇرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى جۇڭگو ئاۋازى قانىلى «خەۋەر ۋە گېزىتلەردىن ئۈزۈندىلەر» پروگراممىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدىن ئىلگىرىكى زىچ دېپلوماتىك پائالىيەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئاياغلاشتۇرغان رۇسىيە ۋە ئافرىقا سەپىرىمۇ زىچ ھەم ئۈنۈملۈك بولدى، بولۇپمۇ ئافرىقا زىيارىتىدە، شى جىنپىڭ نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سەمىمىي ئالاقىلىشىپ، مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ تەدرىجىي كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، غەربتىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار ئاتالمىش «جۇڭگو ئافرىقىدا يېڭى مۇستەملىكىچىلىكنى يولغا قويۇۋاتىدۇ» دېگەندەك پەتىۋالىرىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ جانسىز بولدى.
ئېكۋاتور گۋىنىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ئوبىئاڭ بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىقىنى خۈنۈكلەشتۈرگەنلىكىگە غەزەبلىنىپ: «جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى سەمىمىي ۋە دوستانىدۇر، بۇنداق ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتۇر.» دېدى.
ئوبىئاڭ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم غەرب ئەللىرى تارىختىن بۇيان بىزگە ئەزەلدىن ھېچقانداق ئىش قىلىپ بەرمىگەن، ئۇلارنىڭ ئەيىبلىگۈدەك سالاھىيىتى يوق.
ئۇگاندا پرېزىدېنتى مۇسېۋېنى مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، ئافرىقا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بارلىق يېڭى تۆمۈر يوللارنى، يەنى دارىسسالامدىن زامبىيەگىچە بولغان تۆمۈر يوللارنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگو ياسىغان. پەقەت جۇڭگولا بۇ تانزانىيە تۆمۈر يولىنى ياساشنى خالىغان. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ تانزانىيە تۆمۈر يولىدىن باشقا چوڭ تۆمۈر يول يوق ئىدى. دۇنيا بانكىسى بىزگە تۆمۈر يول ياساپ بېرىشنى خالىمىدى، پەقەت بىزگە كىچىك تاشيوللارنى ياساپ بەردى.
غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا ئەللىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، نامىبىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان پرېزىدېنت نۇجومانىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا مۇئامىلە قىلىش شەكلى ۋە ئافرىقىغا بەرگەن ياردىمى غەربتىكى بىر قىسىم چوڭ دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىشىنىشىگە ئەرزىيدىغان دۇنيادىكى مۇھىم بىر قۇتۇپ.
نۇجوما مۇنداق دېدى: بىز باشقىلارنىڭ بىزگە كىمنىڭ دوستىمىز ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىشگە ئېھتىياجلىق ئەمەس. جۇڭگو بىزنىڭ ھەقىقىي دوستىمىز، بۇ نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىپادىلەنگەن، مەيلى ئىقتىساد، سودا ھەمكارلىقى جەھەتتە بولسۇن، ياكى مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدە بولسۇن، ۋە ياكى ئۇل مۇئەسسەسە جەھەتتە بولسۇن، جۇڭگو بىزگە غايەت زور ياردەم تەمىنلىدى.

 

Www.AnAdiyar.Cn
      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776