نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 6850 قېتىم كۈرۈلدى
ياپونىيەلىك بىر جىنايەتچى تۈرمىدىن قېچىپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -16
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ياپونىيەلىك بىر جىنايەتچى تۈرمە ئالمىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتتى

يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ياپونىيە «يۇمىئورى خەۋەرلىرى» نىڭ 16 – ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، 16 – چىسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لەردە، ياپونىيە ياماگاتا شەھىرى JRياماگاتا ماشىنا بېكىتىدە، سەيتاما ناھىيەسىدىن ياماگاتا تۈرمىسىگە ئاپىرىلىۋاتقان بىر جىنايەتچى يەنى خاشىموتو كېسۇكې پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتكەن. جىنايەتچى خاشىموتو كېسۇكې باسقۇنچىلىق قىلىپ باشقىلارنى يارىلاندۇرۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ھازىر جازا مۇددىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىكەن.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 12 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ياماگاتا مەھكىمىسىدىكى ساقچىلار ياماگاتا ماشىنا بېكىتى ئەتراپىدىكى بىر ئامباردىن جىنايەتچى خاشىموتونى بايقىغان، ھەمدە قانۇنسىز بۆسۈپ كىرىش جىنايىتى بىلەن ئۇنى يەنە بىر قېتىم قولغا ئالغان.
ياماگاتا ناھىيەلىك ساقچى مەھكىمىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىنايەتچى خاشىموتو ياماگاتا ماشىنا بېكىتىدە ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ساقچى ماشىنىسىغا چىقىشتىن بۇرۇن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتكەن. ياماگاتا تۈرمىسىنىڭ ئۈچ تۈرمە ساقچىسى بۇ جىنايەتچىنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ قوغلىغان، ئەينى چاغدىكى كونكرېت ئەھۋالنى ساقچىلار ھازىر يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776