نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 8223 قېتىم كۈرۈلدى
ئافغانىستاندا ماشىنا بومبا پارتلاپ، بەش ئامېرىكىلىق ئۆلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -07
  • يوللىغۇچى : كامىلجان
  • مەنبەسى : news.163.com

 ئافغانىستاندا ماشىنا بومبا پارتلاپ، بەش ئامېرىكىلىق ئۆلدى
يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگىلىيە رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 6 – ئاپرېل خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىبى كېررىنىڭ دەلىللىشىچە، ئافغانىستاننىڭ شەرقى قىسمىدا 5 – ئاپرېل ماشىنا بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەش نەپەر ئامېرىكىلىق ئۆلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى ئامېرىكىلىق ئەسكەر، بىرى بولسا تاشقى دېپلوماتىيە خادىمى، يەنە بىرى بولسا ئامېرىكىلىق ئاددىي پۇقرا. تالىبانلار بۇ قېتىقمى پارتلىتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كېررى باياناتىدا مۇنداق دېدى، ئۆلۈپ كەتكەن دېپلوماتىيە خادىمىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ئۆلۈپ كەتكەن ئامېرىكىلىق ئاددىي پۇقرا بولسا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقى تەرىپىدىن ياللانغان، تۆت نەپەر ئامېرىكا تاشقى دېپلوماتىيە خادىمى پارتلاشتا يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر، بۇندىن باشقا بىر نەچچە نەپەر ئافغانىستانلىق پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، مانا بۇلار كېررى ئاشكارىلىغان، پارتلاشتا ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى. پارتلاش يۈز بەرگەندە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى زابۇر ئۆلكىسىدە ماشىنىلارنى قوغداپ مېڭىۋاتقان ئىكەن.
شۇ جايلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پارتلاشتا ئالتە ئادەم ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى ئامېرىكا ئەسكىرى، ئىككىسى ئامېرىكا پۇقراسى، بىرى بولسا ئافغانىستانلىق دوختۇر.
ئىگىلىنىشىچە، تالىبانلار قىسقا ئۇچۇر شەكلى ئارقىلىق بۇ قېتىملىق ھۇجۇمغا ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى ئەخمەد مۇنداق دېدى، پارتلاشتا يەتتە نەپەر چەتئەللىك ئۆلدى، بەش ئادەم يارىلاندى. كېيىن ئۆلگەنلەر سانىنى كېڭەيتىپ، 13 ى ئۆلۈپ، توققۇزى يارىلاندى، دېدى. بىراق تالىبانلار دائىم مۇشۇنداق ئۆلگەن، يارىلانغانلار سانىنى كۆپەيتىۋالىدۇ.
بۇ قېتىمقى ماشىنا بومبا پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئامېرىكا سەنموجاڭلىرى ئالاقە يىغىنىنىڭ رەئىسى مارتىن دونپۇش ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان ئېدى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى مەقسىدى بولسا ئامېرىكا ئارمىيەسى 2014 – يىل چېكىنىپ چىقىشتىن بۇرۇن مەشىقلەندۈرۈش زۆرۈر بولغان ئافغانىستان قىسىملىرىدىكى ھەربىيلەرنىڭ سانىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئېدى.

 

Www.AnAdiyar.Cn
      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776