نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 3498 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ چاۋشيەننىڭ تەھدىتىدىن ساقلىنىمىز دېدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -06
  • يوللىغۇچى : كامىلجان
  • مەنبەسى : news.163.com
ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى كارنېي

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5 – ئاپرېل تېلېگراممىسى : چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى كارنېي 4 – ئاپرېل مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ھازىر «بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ»، دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقان، چاۋشيەن تەھدىتىگە تاقابىل تۇرماقچى. گوۋۇيۈەن باياناتچىسى نيۇلەن مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ناۋادا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىسە ، ئۇنداقتا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
كارنېي مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ تەھدىتى بىر خىللا مودېلنى تەكرارلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئامېرىكىغا بۇ ئانچە يات تۇيۇلمايدۇ، بىراق بۇ ئىشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئەپسۇسلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ تەھدىتتىن ساقلىنىدۇ.
كارنېي يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا چاۋشيەن دائىرىلىرىنىڭ باياناتى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەمدە ئېھتىيات بىلەن بۇ بەس مۇنازىرە ۋە ھەرىكەتلەرگە جاۋاي قايتۇرىدۇ. چاۋشيەننىڭ ھەرىكىتى پەقەتلا ئۆزىنى يىتىم قالدۇرۇش بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىگىلىكىگە زىيان سالىدۇ. چاۋشيەن پەقەت ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسىلا، ئامېرىكا يەنىلا تېنچلىق يولىغا مېڭىشنى تاللىيالايدۇ.
شۇ كۈنى، ئامېرىكا گوۋۈيۈەنىنىڭ باياناتچىسى نيۇلەنمۇ چاۋشيەننى ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكىنى تېزدىن توختىتىپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتنى ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندىدى، ھەمدە پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نيۇلەن مۇنداق دېدى: زوڭتوڭ ئوباما بىلەن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى، چاۋشيەن ناۋادا ھازىرقىغا ئوخشىمايدىغان يولنى تاللىسا، ئامېرىكا شۇ ھامان جاۋاب قايتۇرىدۇ. چاۋشيەن ناۋادا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىمەن دەيدىكەن، چوقۇم خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
كورىيە بىلەن چاۋشيەن زادى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلامدۇ يوق، دېگەن مەسىلىگە قارىتا، نيۇلەن مۇنداق چۈشەنچە بەردى: چاۋشيەنگە قارىتا كۈچلۈك چەكلەش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا مۇۋاپىق چارە تېپىپ چىقىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت پۈتۈنلەي سۈزۈك بولغان ئىتتىپاقداش مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان يېڭى تەھدىت تەدبىرلىرىنى قوللاندى، شۇڭا ھەرقانداق باسقۇچتا پىكىر ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.
چاۋشيەن تۈنۈگۈن ئاقساراي ۋە بەش بۈرجەك بىناغا يادرو ھۇجۇمى قىلىش تەييارلىقى پۈتكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ئىشىغا قارىتا، نيۇلەن مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ بىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغان، بۇ پەقەتلا چاۋشيەن تاراتقۇلىرىنىڭ ھۇجۇم خاراكتىرلىك سۆزى خالاس.
ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كامبېل 4 – ئاپرېل ۋاشىنگتوندا مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ ئىغۋاگەرلىكىگە قارىتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىنكاسى ناھايىتى مۇۋاپىق. ئامېرىكا ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، كورىيە، ياپونىيەلەر بىلەن ھەربىي ئىشلار، ئۇچۇر، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك مۇناسىۋەت تۇرغۇزدى. 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776