نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 8409 قېتىم كۈرۈلدى
پارىژ سانىت گىرمان رەقىبىنى يېڭىپ فىرانسىيە بىرلەشمىسدە سەركىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -07
  • يوللىغۇچى : كامىلجان
  • مەنبەسى : news.xinhuanet.com

 بىكخام بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىر ياردەمچى پاس بەردى

شىنخوا تورى 7-ئاپرېل خەۋىرى، پارىژ سانىت گىرمان كوماندىسى فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا تېخمۇ يىقىنلاشتى. تۈنۈگۈن كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئايلانمىسىدا پارىژ مېھان مەيداندا 2-0 نەتىجە بىلەن رىئىن كوماندىسىنى يىڭىپ، فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە ئىككىنچى ئورۇندىكى كوماندا بىلەن بولغان نومۇر پەرقىنى 7 گە يەتكۈزۈپ،ئۆزىنىڭ بىرلەشمىسىدىكى سەركىلىك ئورنىنى تېخمۇ مۇستەھكەملىدى.
بۇ ئايلانمىدىكى پارىژنىڭ رەقىبى رىئىن كوماندىسى گەرچە بىرلەشمە رەت تەرتىۋىدە گەرچە تۆۋەنرەك ئورۇندا تۇرىدىغان بولسىمۇ بىراق پارىژ سانىت گىرمان 2002-يىلدىن بۇيان بۇ كوماندىنى يىڭىپ باقمىغان بولۇپ، ئالدىنقى يىرىم مەيدان مۇسابىقىدە پارىژ سانىت گىرمان يەنىلا رەقىبىنىڭ قاپقىسىغا توپ كىرگۈزەلمىدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 56 مىنۇت بولغاندا پارىژ كوماندىسىدىكى مىنىز ئوتتۇرا مەيداندىن توپ ئىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ بەش ماھىرىنى ئۇدا ئالداپ ئۆتۈپ توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى. 92 مىنۇت بولغاندا زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بىكخامنىڭ پاس بىرىشى بىلەن ئىبرايىموۋېچ توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى. ئاخىرىدا پارىژ سانىت گىرمان 2-0 نەتىجە بىلەن رىئىن كوماندىسىنى يەڭدى.
فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ ئايلانمىدىكى باشقا مۇسابىقىلەرنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
نانسى 1-0 تىروۋا
بۇرىس 0-4 باسدىيا
سوشاۋ 0-0 ئاياكشوۋ
نېس 4-3 تۇرۇز
مومپىرلىئو 3-سېنا

 

Www.AnAdiyar.Cn
      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776