نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 10477 قېتىم كۈرۈلدى
بۇددىزلار مەسجىد قۇرۇلىشى ئۈچۈن 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -16
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.2muslim.com

-ئاينىڭ 8-كۈنى خۇاڭجۇ ئوبلاستى، توڭرىن ناھىيەسىدە بۇددىز گىڭدىڭساڭبۇ، شۇ جايدىكى لۇڭۋۇ مەسجىدىگە 100 مىڭ يۈەن رېمونت قىلىپ ئاسراش ھەققى ئىئانە قىلدى، ئۇنىڭ بۇ ئىش ھەركىتى يەنە بىر قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى كۈچەيتتى. ھەرقايسى دىندىكىلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈش نەتىجىسىدە توڭرىن ناھىيەسىدىكى ھەر بىر كىشى بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ مېھرىبانلىقىنى ھېس قىلدى، ھەرقايسى مىللەتتىكىلەر ھەم ھەر قايسى دىندىكىلەرنىڭ ئىناق-ئىجىل ئۆتىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
مەلۇمەتلارغا قارىغاندا لوڭۋۇ مەسجىدى 1865-يىلى سېلىنغان بولۇپ، 2004-يىلى بۇ مەسجىد ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئورۇنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. مەسجىد ئىچىدە ناماز ئوقۇش سارىيى، ئىلىم ئىلىش سارىيى ۋە ئەزان ئوقۇش سۇپىلىرى بار بولۇپ، بۇ قۇرلۇش ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ كونىراپ قالغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن يەرلىرى بۇزۇلۇشقا باشلىغان ئىدى، گەرچە رېمونت ۋە ئاسىراش ئۈچۈن مەسجىد جامائەتلىرى بىرلىكتە ئىئانە توپلاش ئىلىپ بارغان بولسىمۇ، پۇل يېتەرلىك توپلانمىغاچقا بۇ قۇرلۇش توختاپ قالغان.كىيىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بۇددىز گىڭدىڭساڭبۇ ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ لۇڭۋۇ مەسجىدىگە 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان.
 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776