نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 8276 قېتىم كۈرۈلدى
بىرازىلىيە 4-0 بولىۋىيە (خەلقئارا بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى)
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -07
  • يوللىغۇچى : كامىلجان
  • مەنبەسى : sports.sohu.com

سوخو تەنتەربىيەسى خەۋىرى، 7-ئاپرېل سەھەردە، 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ساھىپخانى بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى  بىلەن بولىۋىيە دۆلەت كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى بولىۋىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. بىرازىلىيە كوماندىسى مۇسابىقىدە نىيمار، دامىيان ھەمدە رىئاندىرونىڭ توپ كىرگۈزۈشى بىلەن 4-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى.
  بۇ ئىككى كوماندا ئوتتۇرسىدىكى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى خەلىقئارا پۇتبولچىلار جەمئىيتى بەلگىلىگەن دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقە كۈنىدە ئۆتكۈزۈلمىگەچكە بىرازىلىيە كوماندىسى ياۋروپادىكى ھەر قايسى كۇلۇپلاردا توپ ئوينايدىغان ماھىرلىرى كوماندىغا چاقىرتىمىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەشقاۋۇل سىكىلارى نۇقتىلىق ھالدا دۆلەت ئىچىدىكى كوماندىلاردا توپ ئويناۋاتقان ماھىرلارنىڭ ئىپادىسىنى تەكشۈردى. مۇسابىقىدە يىقىندىكى بىرى مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى ياخشى بولىۋاتقان رونالدىنئو كوماندىنىڭ كاپىتانى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. مەشقاۋۇل سىكلارى رونالدىنئونى يادىرو قىلغان ھالدا  4-3-1-2 سەپ شەكلىدە نىيمار بىلەن دامىياننى قوش ھوجۇمچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقاردى.
  مۇسابىقە باشلىنىپ 3 مىنۇت بولغاندا رونالدىنئونىڭ ھوجۇم تەشكىللىشى بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسىدىن دامىئان بىر توپ كىرگۈزدى. 31 مىنۇت بولغاندا رونالدىنئو ياردەمچى پاس بەردى، نىيمار توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى؛41 مىنۇت بولغاندا نىيمار يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى يىرىم مەيداندا بىرازىلىيە كوماندىسى 3-0 ئۈستۈنلىككە ئىگە بولدى.
  كىيىنكى يىرىم مەيدان مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسى ھوجۇم سىپىنى تەڭشىدى، پاتو ۋە ئوسۋاردو نىيمار بىلەن دامىئاننىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. 77 مىنۇت بولغاندا، رىئاندىرو رونالدىنىئونىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى؛ 92 مىنۇت بولغاندا ئوسۋاردونىڭ پاس بىرىشى بىلەن رىئاندىرو بىر توپ كىرگۈزدى، ئاخىرىدا بىرازىلىيە كوماندىسى 4-0 نەتىجە بىلەن مېھمان مەيداندا بولىۋىيە كوماندىسىنى يەڭدى.

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776