نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 5738 قېتىم كۈرۈلدى
سۈرىيەنىڭ ھەربىي ئايرۇپىلانلىرى لىۋاننى يەنە بىر قېتىم بومباردىمان قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -06
  • يوللىغۇچى : كامىلجان
  • مەنبەسى : news.163.com

 سۈرىيەنىڭ كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرى لىۋاننى يەنە بىر قېتىم بومباردىمان قىلدى
شىنخۇا تورى 5 – ئاپرېل خەۋىرى: لىۋان دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 3 – ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيەنىڭ ھەربىي ئايرۇپىلانلىرى شۇ كۈنى لىۋانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئاسار شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر بوش جايغا باشقۇرۇلۇدىغان سىنارەد قويۇپ بەرگەن، بەخىتكە يارىشا ئادەم يارىلانمىغان. خەۋەردە دىيىلىشىچە، سۈرىيە تەرەپ ئايرۇپىلانلىرىنىڭ لىۋاننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن ياكى كىرمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: سۈرىيەنىڭ باشقۇرۇلۇدىغان سىنارەدلىرى بىر ئۆيگە تېگىپ، مال مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتتى. بىراق، لىۋان بىخەتەرلىك ئەمەلدارى 3 – ئاپرېل فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن : سۈرىيە ھەربىي تەرەپنىڭ بىر ھەربىي تىك ئۇچارى ئىككى دانە باشقۇرۇلۇدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىپ، بىر نەچچە پۇقرانىڭ ئۆيىگە ھۇجۇم قىلدى، بۇ جاي لىۋان تەرەپنىڭ بىر ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتىغا نەچچە يۈز مېترلا كېلىدۇ.
رېيتىر ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: سۈرىيە تەرەپنىڭ كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرى ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىدى. بىراق شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ دېيىشىچە، سۈرىيەنىڭ بىر ھەربىي تىك ئۇچارى ئاسار شەھىرى ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا ئەگىپ يۈرگەن. ھازىرغا قەدەر، بۇ قېتىملىق ھۇجۇم نىشانى تېخى ئېنىق ئەمەس. بۇ لىۋاننىڭ ئىككىنچى قېتىم سۈرىيەنىڭ چېگرىدىن بۆسۈپ ئېتىپ ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى دەلىللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لىۋان تەرەپ ئالدىنقى ئايدا سۈرىيەنىڭ كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرىنىڭ شۇ جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن، بىراق سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى.
ئاسار شەھىرى لىۋاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، سۈرىيە بىلەن چېگرىداش، شۇ جايلىق پۇقرالارنىڭ كۆپىنچىسى سۈنئىلەر بولۇپ، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللايدۇ. ئۆتكەن بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە، زور بىر تۈركۈم سۈرىيەلىكلەر ئاسار شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ، شۇ جايدا جەڭدىن پاناھلانغان ئىدى.
ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغان شۇ كۈنى، يەنى 3 – ئاپرېل، بىر توپ قوراللىقلار سەھەر سائەت ئىككىدە لىۋان چېگرىسىدا بىر باكلىق ماشىنىغا يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلغان، بىر بۇلاڭچى ماشىنا ئەترىتىگە پارتلىتىش بۇيۇمى ئېتىپ، بىر شوپۇرنى ئېغىر يارىلاندۇرغان. بىر بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ دىيىشىچە، ماشىنا ئەترىتى شۇ ۋاقىتتا قۇرۇق ماڭغان ئىكەن. قوراللىقلار بولسا بۇ ماشىنىنى سۈرىيەگە ماي توشۇيدىغان ماشىنىلار دەپ قالغان.
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ دىيىشى بويىچە بولغاندا، سۈرىيە بۇرۇن ئىزچىل تۈردە لىۋانغا سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتكەن، سۈرىيە كىرىزىسى سەۋەبلىك لىۋاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەت پارچىلانغان، كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان سۈنئىلەر سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللىغان، بىراق شىئەلەر رەھبەرلىك قاتلىمى بولسا سۈرىيە ھۆكۈمىتى تەرەپكە ئېغىشقان. لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى بولسا ئوتتۇرىدا بولۇپ، بۇ كىرىزىستىن ئامان ئېسەن ئۆتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn
      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776