رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1113 قېتىم كۈرۈلدى
تۈركىيە بىخەتەرلىك تارمىقى 15 نەپەر قۇراللىق كوردلار ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسىنى ئۆلتۈرۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-03 -25
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : hawar.cn

ئەنقەرە 3-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋېرى:تۈركىيە ئىچكى خەۋېرىگە قارىغاندا 24-كۈنى تۈركىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى تۈركىيەنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى بېتىلىس ئۆلكىسىدە كوردلار ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىنى تازلاش ئېلىپ بېرىپ 15نەپەر 15 نەپەر قۇراللىق كوردلار ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسىنى ئۆلتۈرۋەتكەن.

ئىچكى خەۋەردە دېيىلىشىچە شۇ كۈنى بېتىلىستىكى بىر يېزىدا تۈركىيە بىخەتەرلىك ئىدارسىدىكىلەر بىلەن كورىدلار ئوتتۇرسىدا كەسكىن ئېتىشىش يۈز بەرگەن ،بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئادەملىىرى نەخ مەيدانىدا 15 نەپەر كوردىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۋەتكەن، بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا ياردەملەشكەن بىر يېزا ئامانلىق قوغدىغۇچىسى قازا قىلغان،3نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچى يارلانغان.

كورىدلار ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قۇراللىق ئەزالىرى ئىزچىل تۈردە تۈركىيەنىڭ شەرقى ۋە شەرقى جەنۇبىدا ھەركەت قىلىدۇ ۋە بۇ جايلاردا ئادىمى كۆپ،شۇڭلاشقا بىختەرلىك ئىدارىسى بۇ يەرگە پات-پات كىلىپ تازلاش ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ پارتىيە 1979-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ تۈركىيە،ئېراق،ئېران قاتارلىق دۆلەتلەر چىگرالنىدىغان جايدىكى كورىدلار ئولتۇراقلاشقان رايۇننى تۈركىيەدىن ئايرىپ ئايرىم دۆلەت قىلىپ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ توپلاۋاتىدۇ.

ئۇلار 1980-يىلى تۈركىيە تەرپىدىن باستۇرۇلغاندىن كىيىن ھازىر ئېراقنىڭ شىمالىدىكى رايۇنلارغا توپلۇشۇپ چىگرادىن كىرىپ -چىققانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203