• ئىنگىلىزلارمۇ ‹تاج ماھال›نىڭ ئالدىدىن ئۆتسە ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ بۇ جاھانشۇمۇل ئۈلگىسىگە مەپتۇن بۇلۇپ ئاغزىنى ئېچىپ قالىدىكەن .ئۇيغۇر زەمبىرەكلىرىنىڭ بۇس-پوروخلىرى ئاسمىنىڭلاردىن كەتمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇلۇپ قالغىنىڭلار غەلىتە ئىشقۇ ؟ 2000يىل ئىلگىرى مۇشۇ ھىندىستان زىمىنىدا قانسىراپ ئۆلگەن مەشھۇر ئىستىلاچى زۇلقەرنەيىننى بىلمەيدىغىنىڭلار يوق ،يولۋاستەك قۇترىغان پېتى دۇنيانىڭ تەڭ يېرىمىنى قېلىچ ئاستىغا ئالغان ،ھەتتا سىلەرنىڭ ھىندىستاننىمۇ ناشتىلىق ھىسابىدا يۇتۇپ كەتكەن ئاشۇ ئىسكەندەر مۇ ئۇيغۇر ئېلىگە پەشۋا ئاتقاندا ،يەكەن خانلىقىنىڭ شىددەتلىك ھۇجىمىغا دۇچ كىلىپ بىراقلا ياۋاشلاپ مۈشۈككە ئايلىنىپ قالغانىدى .ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ يىللاردا تارىخنىڭ ئوتتۇرى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرى تۈزلەڭلىك ئۈچۈن قارايغان ئاسمىنىنى بىراقلا دۈم كومتۈرۈپ توختىغان ،ھېلىمۇ ھەم بازار رەستەڭلەرنى رەڭدار گىلەم ھەم شايى ئەتلەس بىلەن چاقنىتىپ تۇرىۋاتقانلارمۇ دەل ئۇيغۇر سودىگەرلەردۇر.مەن ئەشۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ....

  • ئۇيغۇرلاردا ئىككى كىشى ئۆز ئار ئۇچراشقىنىدا بىر- بىرىگە سالام بېرىش ئادىتى ئەڭ قەدىمىي ئەنئەنىلەردىن سانىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار سالاملىشىشنى مىللىي ئەخلاق ۋە دىنىي قائىدە يوسۇن قاتارىدىن سانايدۇ. سالاملىشىش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا مېھرى - مۇھەببەتنى داۋام قىلدۇرۇش ۋە كۆڭۈللەرنى جەلپ قىلىشتا ئەڭ زور سېھرىي كۈچكە ئىگە بىر ئىشتۇر.،

  • ئاپتۇرى: يۈسۈپ قەرزاۋى
    ئالەم بىر قانچىلىغان ئورۇنلاردا، خىلمۇخىل زامانلاردا بىر قانچە مەدەنىيەتلەرنى بېشىدىن كەچۈردى. بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بەزىسى بىر مەزگىل گۈللىنىپ گۇمران بولدى. بەزىسى بىر ئىككى ئەسىر دەۋر سۈردى، يەنە بەزىللىرى بىر قانچە ئەسىر دەۋر سۈردى.
    بىراق ئالەم بۈگۈنكىدەك مەدەنىيەتنى كۆرۈپ باقمىدى. بۇ مەدەنىيەتنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، يەر شارىنىڭ شەرقى-غەربى، شەھەر ۋە يېزا قىشلاقلارغا