dunyablog.com
  • 2010年10月07日

    بىلوگىمنىڭ تۇغىنى ئالماشتۇردۇم bilog nig logi - [ئۇقتۇرۇش]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/76970459.html

    بىلوگىمنىڭ تۇغىنى ئالماشتۇردۇم

    بىلوگنى قۇرۇپ يازغاندىن باشلاپ توردۇنياسىدىن بىر پارچە كەپتەرنىڭ رەسمىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ ساقلىۋالغان ئىدىم، كىيىن ئانچە -مۇنچە ئۆزگەرتىپ كۆك رەڭگىدىكى ئاغزىدا تالنى چىشلەپ تۇرغان كەپتەرنىڭ رەسىمىگە ئىرىشتىم شۇنىڭ بىلەن بۇ كەپتەرنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم. كومپىيوتىرىمنىڭ ئىچى بولسا ھەرخىل كەپتەرلەرنىڭ رەسىمى بىلەن تۇشۇپ كەتتى.

    بىلوگنىڭ لوگ رەسىمىنىمۇ جىق ئۆزگەرتىپ كەتتىم . بۇقېتىم لوگ رەسىمىگە ياقتۇرىدىغان كەپتەرنىڭ رەسىمىنى  كىرگۈزۈپ قويدۇم .

    ھەر بىرئادەمنىڭ كىيگەن كىيىمى ،تۇتقان ئۆيى ، كۈلگەن كۈلكىسى ، يىغىسى ئوخشاش بولمىغاندەك  ھەر قايسى ئادەمنىڭ توردۇنياسىدىكى قولانغان ئىسىمى،ئىشلەتكەن باش سۈرىتى، قۇرغان بىلوگى ئوخشاش بولمايدىكەن . مەنمۇ ھەم شۇ، دەسلەپ بىلوگىمنىڭ تور ئىسمى ۋە نامى تازا يېقىپ كەتمىگەن بولسىمۇ بىلوگقا قىزىقىپ ھەپلىشىپ باققان ،بارا-بارا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەممە نەرسە خۇددى شۇنداق بۇلىشى كېرەكتەك تەبىئي بىلىنىدىغان بۇلۇپ كەتتى . ھازىر دۇنيا بىلوگىمنىڭ كەپتەر بىلەن بىر مۇناسىۋىتى باردەك كەپتەرنى بىلوگىمنىڭ تۇغى قىلىۋالدىم . بىلوگىمنى كىيىنچە تەرەققى قىلدۇرۇش ، چوڭايتىش ئويىمۇ يوق ئەمەس ،ئەھۋالغا قاراپ  بېقىپ كىيىنچە مۇستەققىل بىر تور ئادرىسى ئېلىشنى خىيال قلۋاتىمەن ، شۇ چاغدا كەپتەر بىلوگى دەپ بىلوگ يېزىپ قېلىشىممۇ مۇمكىن .
    بىلوگىم بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان بىلوگلارنىڭ يېڭى ياسىغان تۇغنى بىلوگىغا قاداپ قۇيىشىنى سورايمەن .

    بىلوگ لوگ ئادرىسى http://filer.blogbus.com/4327504/4327504_1285919053.gif



    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • پايدىلىق بلوگى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!!!
    ئەزىز回复پايدىلىق بلوگى说:
    بىلوگىمنى ئۇلىنشقا قېتىۋېلىڭ ، مەن بىلوگىڭىزنى قېتىۋالدىم
    2010-10-25 19:24:29
  • باغۋەنلەر خاتىرسىنى ئۇلىنىشقا قۇشۇپ قۇيالاملا !؟ سىلە ئاللىقاچان ئۇلىنىش قىلىندىلا ...رەھمەت !
    ئادرىس : http://bagwan.blogbus.com/
    ئەزىز回复ئەلقۇت说:
    ياخشىمۇ سىز ، بىلوگىڭىزنى ئۇلىنىشقا قۇشىۋالدىم . قەدىمىڭىزگە مەرھابا .
    2010-10-13 21:43:23