• ئىسلام مەدەنىيىتى

    ۋاقىت:2010-04-21 | تۈرى:ئىسلامى ماقالىلەر--

    ئىسلام مەدەنىيىتى
    ئاپتۇرى: يۈسۈپ قەرزاۋى
    ئالەم بىر قانچىلىغان ئورۇنلاردا، خىلمۇخىل زامانلاردا بىر قانچە مەدەنىيەتلەرنى بېشىدىن كەچۈردى. بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بەزىسى بىر مەزگىل گۈللىنىپ گۇمران بولدى. بەزىسى بىر ئىككى ئەسىر دەۋر سۈردى، يەنە بەزىللىرى بىر قانچە ئەسىر دەۋر سۈردى.
    بىراق ئالەم بۈگۈنكىدەك مەدەنىيەتنى كۆرۈپ باقمىدى. بۇ مەدەنىيەتنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، يەر شارىنىڭ شەرقى-غەربى، شەھەر ۋە يېزا قىشلاقلارغا قەدەر تەسىر كۆرسەتتى.
    شۇنداقلا بۇ مەدەنىيەت ئىنسانىيەتكە كەڭتاشا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئامىللىرىنى ھازىرلاپ بەردى. ھاياتنىڭ بۇ خىل شەكىلدە گۈللىنىشى ئىنسانىيەتنىڭ چۈشىگىمۇ كىرىپ باقمىغان ئىدى.
    مۇشۇنداق ئىمكانىيەت ۋە يۇقىرى ئىقتىدار بولسىمۇ، بۇ مەدەنىيەت ئاللاھنىڭ ئىنساندا ياراتقان تەبئىتىگە رىئايە قىلمدى. ئىنسانىيەتنىڭ شەخسى خۇسۇسىيەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلالمىدى. ئىنساننىڭ كەلگۈسى ۋە ئاقىۋېتىگە پىسەنىت قىلىپ قويمىدى. مەدەنىيەت بايرىقى ۋە تەرەققىياتى ئىنسانغا نىسبەتەن خەتەرلىك بىر نەرسىگە ئايلاندى.
    ئاللاھتىن بىھاجەت بولۇش، ئاللاھنى ھاكىمىيەت ئورنىدىن يىراقلاشتۇرۇش، -خۇددى بۇ ئالەمنى يارتىپ قويغاندەك- خالىغانچە ئىش ئېلىپ بېرش بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىديىسىدۇر. شۇنداقلا بۇ مەدەنىيەت ماددى ئەشيالارنىڭ قەدىر قىممىتىنى كۆتۈردى، مەنىۋى بولغان نەرسىنىڭ قەدىر قىممىتىنى چۈشۈرۋەتتى. كۆپ تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە شەھۋەت، ھاۋايى - ھەۋەس تۈرلىرىنى كۆپەيتىشنى تەرەققىيات دەپ سانىدى. شۇ سەۋەپتىن بۇ مەدەنىيەتنىڭ گەرچە جىسمى چوڭ بولسىمۇ روھى قورۇلدى. ئوتىنىڭ تەسىرى بولسىمۇ نۇرى ئۆچتى. شۇ سەۋەپتىن بۇ مەدەنىيەت دىنسىز دۇنيا، ئىمانسىز ئىلم -پەن، روھسىز ھەيكەل بولۇپ قالدى.
    بۇ مەدەنىيەتكىمۇ ئىلگىرىكى مەدەنىيەتكە يەتكەن بالا قازانىڭ يېتىپ قېلىش خەۋپى ئىلىم -پەن، مۇتەپەككۈر، ئەدەبىيات، سىياسەت ئىگلىرىدىن ئىخلاسمەن بولغانلارنى ئەنسىرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرقىنى چېلىشقا باشلىدى.
    بىز مۇسۇلمانلارمۇ بۇ مەدەنىيەتنىڭ ۋەيران بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيمىز، چۈنكى بۇ مەدەنىيەتتە ئىنسانىيەت پايدىلىنالايدىغان ياخشىلىق تەرەپلىرى بار. شۇنداقلا بارلىق ئىنسانلارغا خەتەر بولىدىغان يامانلىق تەرەپلىرىمۇ بار. بىز ئۇنىڭ ياخشىلىق تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ، يامانلىق تەرەپلىرىدىن ساقلىنىپ قالساق بولىدۇ.
    بۇنداق بىر مۇھىتنىڭ بارلىققا كىلىشى، مۇسۇلمانلار ئالەمگە تەقدىم قىلىدىغان ئىسلام مەدەنىيىتى ئارقىلىقلا رىئاللىققا ئايلىنىدۇ. ئىسلام مەدەنىيىتى ئورتاھاللىق، تەڭپۇڭلىق ۋە مۇكەممەللىك بىلەن ئالاھىدە بولغان خۇدا كوي، ئىنسانپەرۋەر ۋە ئەخلاق مەدەنىيتىدۇر.
    بۇ مەدەنىيەت ئىنساننىڭ زېمىننى گۈللەندۈرۈشى، ئاللاھنىڭ يەر شارىدىكى خەلىپىسى بولۇشى ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن، مەنپەئەتلىك ئىلىم -پەن، سادىق ئىمان، ياخشى ئىش - ھەرىكەت، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق قولايلىق پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
    بىز ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى ئۆرۈپ تاشلاشنى خالىمايمىز. چۈنكى بۇ ھەممىمىزنىڭ بېشىغا ئۆرۈلىدۇ. بىز ئۇ مەدەنىيەتنى ھىمايە قىلىپ قىېلىشنى ۋە ئۇ مەدەنىيەتكە- ئىنسانىيەتكە تەھدىت سېلىۋاتقان غەرق قىلغۇچى زور دولقۇنلاردىن- ساقلىنىش يەلكىنىنى تەقدىم قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز.
    بىز مۇسۇلمانلار بۇنىڭ بىردىن -بىر چارىسىغا ئىگە، ئۇ بولسىمۇ ئىسلام دىنىدۇر.ئاللاھ پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنى شۇ دىن بىلەن ئەۋەتكەن، بارلىق كىتابلارنى شۇ دىن بىلەن چۈشۈرگەن ۋە بارلىق ئىنسانىيەتكە ھايات پىرىنىسپى قىلىپ شۇ دىننى تاللىغان. بىراق بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى بىردىن -بىر شەرت، دىنىمىزنى ياخشى چۈشىنەيلى، ئەمەل قىلايلى ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق نەمۇنە شەكلىدە تەقدىم قىلايلى. شۇ ۋاقتىدا ئاللاھ ئىرادە قىلغاندەك :« شۇنىڭدەك( يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشلەرگە شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق» دېگەن ئۈممەت بولالايمىز. (سۈرە -بەقەرە- 143 -ئايەت) .
    "قۇرۇلما " دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا "رىسالە" دېگەن ئىسلام ئاتالغۇسىنى ئىستېمال قىلدۇق.
    بىز بۇ ماقالىمىزدە، ماددا بىلەن روھنى بىرلەشتۈرىدىغان، دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى تۇتاشتۇرىدىغان، خۇداگۇيلۇق بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىكنى بىرلەشتۈرىدىغان، ئەقىل بىلەن قەلىبنى ماسلاشتۇرىدىغان، شەخسى ئەركىنلىك بىلەن جەمئىيەت مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان بۇ رىسالىگە( مەدەنىيەت قۇرۇلمىسگە) ئىنسانىيەتنىڭ - بولۇپمۇ ماددى تەرەپتىن يۇقىرى نەتىجە قازانغان غەرب ئەللىرىنىڭ- جىددى موھتاج ئىكەنلىكىنى بايان قىلدۇق.
    توغرا، غەرب ئەللىرى ماددى تەرەققىياتتا يۇقىرى پەللىگە يەتتى. بۈگۈنكى دۇنيادا: تېخنىكا ئىنقىلابى، ئېلىكتىرۇن ئىنقىلابى، ئالەم بوشلۇقى ئىنقىلابى، ئۇچۇر ئىنقىلابى ۋە ئالاقىلىشىش ئىنقىلابىدىن ئىبارەت تونۇشلۇق بولغان ئىنقىلابلارنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى. ھەتتائاي شارىغىمۇ قەدەم باسالىغان غەرب ئەللىرى، ئۆزىگە يەر شارى ئۈستىدە خاتىرجەملىك ۋە بەخت سائادەتنى قولغا كەلتۈرەلمىدى.
     ئىنسانلار خاتىرجەملىك ۋە بەخت سائادەتنى ئىسلام رىسالىسىدىن باشقا يەردە تاپالمايدۇ. ئىسلام مەدەنىيەت رىسالىسى ئىنسانغا ئىمان ئاتا قىلىدۇ، ئىلىم پەندىن مەھرۇم قىلمايدۇ، ئاخىرەت بىلەن باغلايدۇ، دۇنيادىن مەھرۇم قويمايدۇ. ئاسمان بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ، يەر شارىدىن مەھرۇم قويمايدۇ.
    بۇ مەدەنىيەتنى ئۇ رىسالىگە ھەقىقى ئېسىلىپ ماڭىدىغان، ئىلىم، ئەمەل، پىكر، دەستۇر، ئەخلاق ۋە ئىستىل جەھەتتە مۇكەممەل تەتبىق قىلىدىغان ئۈممەت تەقدىم قىلسا، بۇ رىسالە ئۈنۈم بېرىدۇ، ئۇلۇغۋار غايىلىرى رىئاللىققا ئايلىنىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بۇ ئىسلام مەدەنىيەت رىسالىسىگە بولغان ئېھتىياجى باشقا ئەللەرگە قارىغاندا بەك جىددىراق، باشقىلاردىن ھەقلىقراق. بۇ رىسالە ئىسلام ئۈممىتىنى ئىنسانىيەتكە گۇۋاھچىلىق ئورنىدا بولالايدىغان ۋە ئۇلارغا ئۇستازلىق ماقامىدا تۇرالايدىغان ئىززەتلىك ۋە شەرەپلىك ئۈممەت قىلىپ چىقالايدۇ. ئىسلام مەدەنىيەت رىسالىسنىڭ ئۆزىلا ئۈممەت قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ۋە دۇنيادا ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلىش ئۈچۈن ئويغۇتۇش ھەركىتى ئېلىپ بېرىشقا قادىردۇر.
    شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئۈممىتى، كۆشمەك(يېڭىلىق يارتىشتىن مەھرۇم پاسسىپ) يۆنىلىشى، ئۆزىنى يوقىتىش يۆنىلىشى ۋە جېدەللىشىش يۆنىلىشىگە ئوخشاش ئىسلامغا نىسبەت بېرىلىدىغان بىر قانچە يۆنىلىشلەر ئارسىدىن توغرا يۆنىلىشنى تاللىشى لازىم.
    ئەمما ئۈممەت قوللۇنۇپ مېڭىشقا تېگىشلىك بولغان يۆنىلىشنى" مەدەنىيەت يۆنىلىشى" دەپ ئاتىدۇق. بۇ يۆنىلىش ئىسلام دىنىنى ئومۇميۈزلۈك، تەڭپۇڭلۇق، مۇكەممەللىك، چوڭقۇرلۇق خۇسۇسىيەتلىرى ۋە قىممەتلىرى بىلەن ئالاھىدە بولغان خەلقئارالىق مەدەنىيەت رىسالىسى سۈپتىدە تەقدىم قىلالايدۇ. بۇ يۆنىلىش ئىسلامى تەڭپۇڭلۇق شۇئارىغا دەۋەت قىلىپ ماڭىدۇ.
    مەن ئاللاھ تائالادىن ئۈممىتىمىزنىڭ بۇ يېڭى ئەسىردە خەلقئارالىق رىسالىسىنى تولۇق ئىجرا قىلىشقا ياردەم بېرشىنى ۋە ئىسلام دىنىنى دۇنيا ئۈچۈن رەھمەت، تېڭىرقاپ يول تاپالمايۋاتقانلار ئۈچۈن ھىدايەت سۈپتىدە تەقدىم قىلىشقا مۇۋەپپەقىيەت بېرشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
    دوكتۇر: يۈسۈپ قەرزاۋى


    收藏到:Del.icio.us




بلوگ ئۇسلۇبىنى ئەزىز تەمىنلىگەن،  مىھرى - مۇھەببەت ئىنسانغا قانات {}+_+

 ئۇسلۇب گۈزەللەشتۈرگۈچى : ئەزىز

QQ:1261135053