• بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟

    ۋاقىت:2010-05-12 | تۈرى:ئىسلامى ماقالىلەر--

          ئاھ بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟
         
    قولىڭىزدىكى بۇكىچىك كىتاپچىغا «ئاھ! بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟!»  دىگەن بۇ تىيمىنى قويۇشتىن ئىلگىرى , « ئاھ مەنمۇ مۇسۇلمانمۇ؟دىگەن سۇئال نادامەتلىك پىغانىمنىڭ شاۋقۇنلۇق ئاۋازىغا ئايلانغان ھالدا كۆپۈنچە ئىختىيارسىز ئاغزىمدىن چىقىپ كىتەتتى . مەن دائىم ساھابە كىراملارنىڭ ھاياتىغا ئائىت  ماتىرياللارنى كۆرۈپ , ئۇلارنىڭ ئىسىل پەزىلەتلىرى ئەينىگىدە ئۆز ئەكسىمنى كۆرۈشكە ئىنتىلگەن چاغلىرىمدا , پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چۇلغىۋالىىدىغان ئەنە شۇ ھەسرەتلىك سۇئال كۆزلىرىمدىن مۇنچاق مۇنچاق نادامەت ياشلىرىنى تۆكەتتى . ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يەنە باشقا نۇرغۇنلىغان ھەدە سىڭىىل , قېرىنداشلىرىمنىڭ قەلىب روھلىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق نالە پىغانلارنىڭ ئىڭرىشىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم . شۇنىڭ بىلەن بۇ سۇئالنى ھەممىمىزگە تەڭ ئورتاقلاشتۇرۇپ , ئاشۇ مۇقەددەس ئەينەكلەردە ھەممىمىزنىڭ ئۆز ئەكسىىمزنى بىرلىكتە كۆرۈپ بېقىشىمىز ئۈچۈن « ئاھ! مەنمۇ مۇسۇلمانمۇ؟!» دېگەن پىغانىمنى « ئاھ! بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟!» دېگەن سۇئالغا ئۆزگەرتتىم .

      "
    ھالالغا ھىساپ بار ھارامغا جازا"

    (
    ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىدىن)   

       
    چۆل باياۋاننىڭ سوغوق , جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن بىر كېچىسى  ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك رەھبىرى بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم  بىر قانچىلىغان ھەمراھلىرى بىلەن بىر ئەنسارىنىڭ بېىغىغا قەدەم  تەشرىپ قىلدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامنىڭ تەلىپىگە بىنائەن باغۋەن تېخى يېڭىلا ئۈزگەن خورمىلىرىنى داستىخانغا كەلتۈردى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامنىڭ بۇ تەلىپى گۇيا نامراتلىق ۋە سەۋرىچانلىقنىڭ جاپالىق يوللىرىدا كېتىۋېتىپ , يوللۇق لەززەت ۋە جائىز نىئىمەتلەرنى تەلەپ قىلىشنىڭ جىنايەت ئەمەسلىكىنى ئاشكارا ئىلان قىلماقتا ئىدى .

       
    خورمىلار ناھايىتى شىرىن بولۇپ , ئۈستىگە سوغوق سۇ ئىچكەندە , قەلىب , روھلار لەززەت بىلەن كەيىپلىنىشكە باشلىدى . دەل شۇ لەززەتلىك مىنۇتلاردا ئالەملەرنىڭ بۈيۈك ئۈلگىسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چېھرىدە قانداقتۇر بىر ئەنسىزلىك ئالامەتلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى . بۇ ئالامەتلەرگە يەنە قانداق تەشۋىش ۋە قورقۇش تۇيغۇلىرىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىر نىمە دىگىلى بولمايتتى . ناۋادا لەززەتنىڭ تەسىرى لەززەتلىنىش بىلەنلا تاماملىنىپ كەتكەن بولسا , پەيغەرلەرنىڭ كاتتىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام بىلەن ئادەتتىكى بىر ئىنساننىڭ ئوتۇرۇسىدا نىمە پەرق قالسۇن دەيسىز؟

       
    ئەمما بۇ يەردىكى تەسىرات, روھلارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرنى لەرزىگە سېلىپ

    تۇرمۇش , ئاچلىق ۋە ئۇنىڭ ھوزۇر ھالاۋەتلىرىدىن تېخىمۇ بىر قەدەم ھالقىپ چىقىش ئۈچۈن ئىنتىلمەكتە ئىدى . بۇ ھالقىش ئالدىدا تۇرغىنى زادى قانداق ئالەم ؟ ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس سەپەر يۆنىلىشى زادى قاياققا يۈزلەنگەن ؟

         
    ساھابىلەر اﷲ ئۇلاردىن رازى بولسۇن ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن نەزەرلىرىنى سۆيۈملۈك يېتەكلىگۈچىسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تىكىشكەن ئىدى .

    قىيامەت كۈنى كەلگەندە , پەيغەمبەر ئەلەيھسسەلامنىڭ تاغ , تاشلارنىمۇئېرىتىپ سۇ قىلىۋىتەلەيدىغان جاراڭلىق ئاۋازى ياڭراۋاتاتتى .

    قىيامەت كۈنى كەلگەندە بۇ نىئمەتلەرگە جاۋاپ بېرىش    يەرتەۋرىگەنگە ئوخشاش قاتتىق تويىلىدۇ

    سۇبھاناللاھ!!  سۇبھاناللاھ !!  بۇ بىرەر شائىرنىڭ ياكى بىرەر پەيلاسۇپ , ئاستورنومنىڭ سۆزى ئەمەس , بەلكى كائىناتنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھەقىقىتى بولغان مۇقەددەس ۋەھى غۇنچىلىرى بىلەن بىزەلگەن , دانىش ئۇستاز ئۇستازنىڭ سۆزى ئىدى . بۇ سۆزنىڭ ئۆتكۈر تەسىرىدە ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ , ھەممە ئەزاسىنى بىردىنلا سوغوق تىترەك باسقان  ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدىكى , ئەمدى تېخى يېرىمىنى چىشلىگەن خورما ئىختىيارسىز يەرگە چۈشۈپ كەتتى . بۇ سۆزنىڭ ئۆتكۈر تەسىر كۈچى ئەمدىلا تەم ,لەززەتتىن ھۇزۇرلىنىشقا باشلىغان ساھابىلەرغا    ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىۋاتاتتى .

           
    ـ مۇشۇ نىئىمەت ئۈچۈنمۇ, ئى اﷲ نىڭ رەسۇلى؟

           
    ـ ھەئە , مۇشۇ نىئىمەت ئۈچۈن .

       
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئاۋازىدا ھەققانىيەتنىڭ ئـۆچمەس ساداسى قەتئىلىك بىلەن ياڭرىماقتا ئىدى.

         
    ـ ھەئە ,ھەئە ,.. پەقەت ئۈچلا نەرسە ئۈچۈن ھىساپ بېرىشتىن ساقلىنىپ فالىمىز . ئەۋرەتلىرىمىزنى ياپالىغۇدەك بىر قۇر كىيىم , ئاچلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ , ھاياتىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىغۇدەك ئوزۇقلۇق , باش تىقالىغۇدەك كىچىككىنە بىر ئۆي .

    كۆرۈنۈشتە تولىمۇ ئاددى تۇيىلىدىغان بۇ ۋەقە راستىنلا شۇنداق ئاددىمىدۇ ؟ تۇرمۇشنىڭ بۇ تۈگىمەس پۈتمەس ئىھتىياجلىرى بىلەن گۈزەل ئارمانلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ پەرق راستىنلا شۇنچىلىك ئاددىمىدۇ؟ نىئىمەتنى قەدىرلەشنىڭ بۇ خىل تۇيغۇسى , بۇ مىسلىسىز تەقۋالىق , اﷲ نى ھەر دائىم كۆز ئالدىدا كۆرۈپ تۇرۇشتەك بۇ گۈزەل مەنزىرە ! مانا بۇلار ھەقىقى ئىبادەت , اﷲ غا بولغان ھەقىقى سۆيگۈ بولماي نىمە ؟

    مۇسۇلمانلاردا بۇ خىل تۇيغۇ ھەقىقى روھ بىلەن مەۋجۇت بولغان چاغلاردا , ئۇلار قاياققا بۇرۇلسا , شۇ يەردىكى تاغ , تاشلارمۇ زۇمرەتكە ئايلانغان ئىدى. مانا ئەمدى بۇ خىل تۇيغۇ يوقۇلىۋىدى , باشقىلار ئەمەس ,دەل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى اﷲ نىڭ نىئمەتلىرىنى خۇددى ئاڭسىز جانۋارلاردەك پەرۋاسىز يەنچىپ چەيلەشكە باشلماقتا. ھەممىگە ئىېرىشكەندىن كىيىنمۇ پۇتىغا تىكەن كىرگەنچىلىك يوقۇتۇشقا ئۇچرىسا , نۇمۇسلۇق ناشۈكۈرلىقىلىرىدىن خىجىل بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن , ھەتتا ئەزىز شىكايەتلرگە تولغان دەپتەرلەرنى, ئاتا قىلىشقا دېڭىز كەبى , بەخىش ئىتىشكە قوياش كەبى ئاشۇ كەرەملىك بۈيۈك اﷲ نىڭ ئالدىغا تاشلانماقتا . مۇشۇ مىنۇتلاردا ئاشۇ ناشۈكۈر ئىنسانلارنىڭ ئۆز جىسمىدا ۋە ئەتراپىدا كەڭ يېيىلىپ ياتفان , اﷲ ئاتا قىلغان ھەر بىر نىئىمەتنىڭ قانچىلىغان ئالتۇن تاغلىرىدىنمۇ ۋەزنلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتسىكەن , ئويلاپ باقسىكەن كاشكى؟!

    ____________________
         
    مەدائىننىڭ مۆتىۋەر كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى شەھەرگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئۆز ۋالىيسىنى قارشى ئىېلىش ئۈچۈن بۇ گۈزەل مەيدانغا توپلانغان ئىدى . ئۇلار ئەسلىدە ھۆرمەت , چوڭقۇر ئەقىدە ۋە ساداقەتمەنلىكلىرى بىلەن خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋالىيلىققا تەيىنلىگەنلىك پەرمانىنى ئىېلىپ , شەھەرگە كىرىش ئالدىدا تۇرغان ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتاتتى .

         
    ھوقۇق ۋە شان شەرەپ بىلەن تولۇق قۇراللانغان ھۇزەيپە رەزىيۈللاھۇ ئەنھۇ ئەگەر خالىسا , ھازىرقى دەۋىردىكى ئەمەلدارلار ھاسىل قىلىپ كىلىۋاتقان مال بايلىق , زىبۇ- زىننەت , ئەيشى- ئىشرەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلاردىن تەلەپ قىلالايتتى . ئەمما ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەرمانىنى ئوقۇپ بەرگەندىن كىيىن «نىمىنى خالىسىڭىز ۋە نىمىنى بۇيرىسىڭىز جېنىمىز بىلەن ھازىرقىلىشقا تەييارمىز » دەپ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان پۇقرالارغا قاراپ : «ماڭا قۇسىغىم تويغىدەكلا تاماق, ئۇلاغلىرىم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمىغىدەكلا يەم خەشەك ھازىرلاپ بەرسەڭلار كۇپايە» دىدى.

       
    بىر ۋالىينىڭ ئۆز پۇخرالىرىدىن تەلەپ قىلىۋاتقىنى ئارانلا مۇشۇنچىلىك نەرسە ئىدى. ھۆكۈمرانلىقنىڭ تەۋرەنمەس پۇلات تۈۋرۈكلىرى ماناشۇنداق دەرۋىشلىكنىڭ ئاياق ئاستىدا پاچاقالنىۋاتاتتى . شاھلىقنىڭ كاتتا شان شەۋكەتلىرى مانا شۇنداق                سەبىر ۋە قانائەتنىڭ خىلۋەتلىرىدە ئىز كىرەكسىز يوقالماقتا ئىدى. مال دۆلەت شان شەرەپلەرنىڭ ۋال-ۋۇل چاقناشلىرى مانا شۇنداق ئاخىرەتكە بولغان ئىمان نۇرى ئالدىدا ئۆچۈپ قېلىۋاتاتتى .

         
    ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاكىمىيەت ,زىمىن , بايلىق , تۇرمۇش ۋە خىلمۇ- خىل خاھىشلار ... دىگەندەك نەرسىلەردىن ناھايىتى بەك يىراق روھى دۇنياسى ئىچىدە , ئاخىرەتتىكى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ھىساپ ئىېلىنىدىغان , ھەر نىئىمەت لەززەتلەر ئۈچۈن تىگىشلىك مەسئىۇلىيەتلەرنى ئادا قىلالمىغانلار مەڭگۈلۈك بەخىتسىزلىككە دۇچار قىلىنىدىغان ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق سوت كۈنىنى تەپككۈر بىلەن غەرىق ئىدى. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جىسىم ,روھىنى لەززەتپەرەسلىك ئىللەتلىرى بىلەن بۇلغۇنۇشقا يول قويمىغان دەل مانا مۇشۇ تەپەككۈرنىڭ نەتىجىسى بولۇپ , ئۇ دۆلەت ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاينام تاشقىنلىرى  ئىچىدىمۇ, خۇددى دەرۋىشلەردەك كۈن ئۆتكەزدى . ئۇنىڭ بىر نەچچە قۇر كىيىم ۋە بىر نەچچە پارچە نېنىدىن باشقا ھىچ نەرسىسى يوق ئىدى . دۇنيا ئۇنىڭغا قانچە يېقىنلاشقانسىرى ئۇ شۇنچە يىراققا قاچاتتى . شۇڭلاشقا ئالتۇن كۆمۈشلەرنىڭ يېڭىلمەس جەلىپكارلىقىلىرىمۇ ئۇنىڭ كۆزىنى بىرەر قېتىممۇ ئۆزىگە قارىتالمىدى .

       
    ئۇنىڭ مەدائىندىكى ھوقۇقىدىن قول ئۆزۈپ قايتىپ كېاىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەزكۇر باي باياشاتلىق ئىمتاھان مەيدانىدىن ئۇنىڭ نىمىلەرنى يۈدۈپ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆزۈتۈش ئۈچۈن كېلىدىغان يولدا مۆكۈنۈپ ئولتۇرغان ئىدى . ئۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك دەرۋىشلەرچە ئاددى ساددىلىقنى , يەنىلا ئاشۇ كەمتەرلىكى ۋە پىداكارلىقىنى , ھەمدە ئىلگىرى ئىېلىپ كەتكەن نەرسىلەردىنمۇ ئاز يۈك تاق بىلەن قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ , ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر سۆيۈنۈش ۋە ھۆرمەتنىڭ قايناق ھىسىياتىدا مۆكۈنگەن ئورنىدىن يۈگۈرگىنچە ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى باغرىغا بېسىپ :« سەن مىنىڭ ھەقىقى قېرىندىشىمسەن ! سەن مىنىڭ ھەقىقى قېرىنىدشىمسەن!»  دىيىشكە باشلىدى.

         
    بۇ نىمە دىگەن ئاددى, قىسقا جۈملە ھە؟! لېكىن ئۇ دەۋىرلەردە ئىېغىزدىن چىقىدىغان ھەر قانداق بىر سۆز ئۆز جىسمىدىكى ھەقىقى مەنە , روھىدىن ئايرىلمىغان ئىدى. ھەر بىر سۆز ئۆزىنىڭ ھەقىقى مەنىسى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلەتتى . بولۇپمۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش ھەقىقەتپەرۋەر ئەركەكنىڭ بىرسىنى ( قېرىندىشىم ) دىيىشى , شۇ قەدەر چوڭقۇر ۋە شۇ قەدەر كەڭ مەنىگە تولغان بولاتتىكى , ھازىرقى دەۋىردە يازسا نەچچىلىگەن كىتاپ پۈتۈپ چىقىدىغان ماختاش , مەدھىيەلەر ۋە تۈمەنمىڭلىغان ۋەدە , قەسەملەرمۇ ئاشۇ بىر ئېغىز سۆزگە تەڭشەلمەيتى

     
    مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتتىن تازىمۇ گۇللىنۇپ , خەلىپىلىكنىڭ چىگرىسى شەرىقتە ھىندى دەرياسىدىن غەرىپتە ئاتلانتىك ئوكيانغا , شىمالدا شىمالدا ئوتتۇرا ئاسيانىڭ كۆكلەم تاغ , جىلغىلىرىدىن جەنۇپتا  سەھرايى كەبىر چۆللىكىگىچە تۇتاشقان ھەمدە مۇسۇلمانلار فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىغىچە ئىچكىرلەپ , كىرىپ بولغان , پۇتۇن دۇنيا خەلقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ بۇيۇك كۈچكە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى ئېتراپ قىلىشقان , ھەتتا ياۋرۇپادا ئىسلام مەدىنىيىتىنى ۋە ئەرەپ تىلىنى قوللۇنۇشمودىغا ئايلانغان ئاشۇنداق باياشات بىر دەۋرىنىڭ ئۇلۇغ خەلىپىسى ئۆمەر بىن ئابدۇل ئەزىز ئۆز ئادىتى بويۇنچە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن قىزلىرىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئۆيگە كىتىپ باراتتى . تېخى ھازىرلا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ھېرىپ , چارچىغان قەلىب , مىڭىسى ئۆز ئەۋلاتلىرىغا بولغان سېغىنىش ۋە مىھرىبانلىقنىڭ ئىلىكىدە پەرزەنتلىرىنى ئوبلاشقا مەجبۇر ئىدى .

    ئەمما قاراڭ , ئۇنىڭ ئەمدىلا تېخى دەۋلەت خەزىينىسىدىن ھىساپسىز دىينار ـ دەرھەملەرنى يوقسۇزلارغا تارقاتقان قولى سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرى تەرەپكە ماڭغاندا شۇنداق قۇرۇقلا تۈرغىنىنى . خۇددى كۇن بويى ھېرىپ ـ چارچاپ , ئۆيگە قۇرۇق قول قايتىۋاتقان دەرۋىشلەردەك . كىشىلەر زاكات بىرىش ئۈچۈن ئالىدىغان ئادەم تاپالماي شەھەر ئاتلاشقا مەجبۇر بولىدىغان ئاشۇنداق باياشات بىر دەۋرىدە , ئۇنىڭ ئويىدە قەھەتچىلىك دىگىلى بولمىسىمۇ يېرىم ئاچلىق ھالىتى بەنىلا داۋاملىشاتتى . دادىنىڭ ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلىغان قىزلار قارشى ئېلىش ئۈچۈن يۈگۈرۇشكىنىچە دەرۋازا ئالدىغا چىقىتى . ئۇلارنىڭ يېرىم ئاچلىقتىن سارغايغان چىرايى دادىغا نىسبەتەن ئانچە يېڭىلىق بولمىغىنى بىلەن , بۇقېتتىم قىزلىرىنىڭ ئېغىزلىرىنى ئالقانلىرىدا توسىشۋالغانلىقى خەلىپە ئۆمەر ئابدۇل ئەزىزنى تەئەججۇبلەندۈرمەي قالمىدى .


    收藏到:Del.icio.us




بلوگ ئۇسلۇبىنى ئەزىز تەمىنلىگەن،  مىھرى - مۇھەببەت ئىنسانغا قانات {}+_+

 ئۇسلۇب گۈزەللەشتۈرگۈچى : ئەزىز

QQ:1261135053