-
ئوت يۈرەك ياشلار
ۋاقىت:2010-06-07 | تۈرى:يازمىلىرىم ---
ئوت يۈرەك ياشلار ،
كىلىشكەن ، قاڭشارلىق ، ئوتلۇق كۆزلەر -ئارزۇ ئارمانلارغا باي ئۇيغۇر يىگىتلىرى ، قىزلىرى .
قاينام -تاشقىنلىق مەنزىرە ، قىزغىنلىق ئىللق كەيپىيات .شوخ قىزغىن ياشلار ....
كۈلگە تەببەسسۇمغا تولغان چىرايلار گىتتار تارىلىرى بۇ ناخشىغا چىكىلگەندە قايغۇلۇق چىرايلارغا ئالماشتى ، گۆزلەرگە يىغا ، كۆڭۈلگە بىئاراملىق ئايرىلىش ھىسلىرى پەيدا بولغانىدى .
بىر تىزىق مارجان ، بىر دەستە گۈلدەك ،
ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاقداش بۇلۇپ ،
ئەمدى بىز بۈگۈن .........
توغرا دەيسەن دوستۇم ، يىغىلىش تاسادىبىي ، ئايرىلىش مۇقەررەر ، بۇ مۇشۇنداق قانۇنىيەت ، ئۆزگەرمەيدىغان بىر ھەقىقەت . چۈنكى مەن كىم بىلەن بىر سىنىپتا ئۇقۇش ،كىم بىلەن بىر ياتاقتا يېتىش كىم بىلەن تۇنۇشۇش كىم بىلەن سىردىشىشنى ئۆزۈم خالاپ ئورۇنلاشتۇرىۋالمىغان دە . يۇرتىمىزنىڭ ھەر يەرلىرىدىن كىلىپ مۇشۇ شەھەرلەردە تۇنۇشتۇق بىلىم ئالدۇق ، مىنىڭچە بۇنىڭ ھەممىسى تاسادىبىيلىقى ، ئالتە يىل بىر شەھەردىكى چەكلىك بىر دائىرىدە كۈندە ئۇچرىشىپ يۈردۇق .
تۇنۇشتۇق ، دوست بولدۇق ، ئۆچلەشتۇق ، تىللاشتۇق ھەتتا مۇشلاشتۇق ، يەنە دوست بولدۇق ...چۈنكى تەغدىرىمىز يەنىلا مۇشۇ يەرلەردە كۈندە ئۇچرىشىپ يۈرۈشنى بەلگىلەپ قويغانىدى ...
ياخشى يامان دىيىشكەن بولساقمۇ ، يەنىلا ساۋاغداش بىز ، مۇئەللىمنىڭ دىگىنى توغرا ئىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك ، بۇمۇ بىر ياشاشنىڭ يولى .
بۈگۈن ئاخشام ساۋاغداشلار بىلەن قولمۇ -قول تۇتۇشىپ تۇرۇپتىمەن ، ئەي ساۋاغدىشىم ! كىچىكلىك قىلىپ رەنجىتكەن بولسام كەچۈرگىن ...
ئۇيغۇر يىگىتلىرى ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرىدە ئۆتكەن ھاياتى ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ھايات ، بۇ يەرلەردىكى ھايات ئۇلارغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەتتى..ئەي ياشلار مۇشۇ ئوقۇش ھاياتىڭلارنى قەدىرلەڭلار .
ياخشى باشلانغان باشلىنىش ياخشى ئاخىرلىشىدۇ .随机文章:
تاماق يىيىش 2010-06-08بىر ناخشا 2010-06-02كىتاپلارنى سېتىپ ، ئۇقۇش پۈتۈرۈش 2010-05-29بىر خىيال 2010-05-15تور ئېچىلدى Xinjiang Internet opened 2010-05-14
收藏到:Del.icio.us