-
بىر ناخشا
ۋاقىت:2010-06-02 | تۈرى:يازمىلىرىم ---
كىچىلەرى يۇلتۇز سانايمەن ،
يۇلتۇزلاردىن سىنى سورايمەن .
بولغان بولساڭ يېنىمدا جانان ،
ئاي يۈزۈڭگە تويماي قارايمەنتەلمۈرىمەن يولىڭغا ھەر ۋاق
بولساڭ ئەگەر كەلگىن سەن نىگار
مەجنۇن بۇلۇپ يۈرىمەن ھەر چاغ
كەلسەڭ ئەگەر كەتمىگىن زىنھاركىچىلەرى يۇلتۇز سانايمەن ،
يۇلتۇزلاردىن سىنى سورايمەن .
يۈزلىرىمگە تەككەن شامالدىن
خۇش ھىدىڭ دەپ تويماي پۇرايمەن .بۇ ناخشىنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم ، ناخشا تىكىستى مۇزىكىسى بەكلا ئىسىل ئىشلىنىپتۇ .ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرى ، ئۇيغۇر شېئرىيىتىدىن شۇنى بايقاپ قالىمەن ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنىڭ تىلى ئاجايىپ ئىسسىل ، ئاجايىپ سېھىر كۈچكە ئىگە .شوخ ۋە قىزغىن ياشلارنىڭ مۇھاببەتلىك قەلبىدىن چىققان بۇ كۈيلەر ، ئۇلارنىڭ ئازاپلىرى ۋە خوشالىقلىرى ئىپادىلەنگەن سۆزلەر ئاخىرىدا بىر گۈزەل شېئرغا ، بىر يېقىملىق كۈيگە ئايلىنىدۇ . ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرىنى ئوقىسام بەزى سۆزلەرنىڭ شۇنچە پاساھاتلىك ئىشلىتىلگىنىگە ئەقلىم ھەيران قالىدۇ .
随机文章:
بىر مۇنازىرىنى كۆرۈپ 2010-05-29بىر خىيال 2010-05-15تور ئېچىلدى Xinjiang Internet opened 2010-05-14بەڭباش خىياللار 2010-05-11ئاشخانىدىكى بىر كۈرۈنۈش 2010-05-08
收藏到:Del.icio.us