dunyablog.com
  • 2010年06月13日

    ياخشى ئادەم good person - [ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/65921517.html

    ھىچكىم ئۇنى بىر  ياخشى ئادەم  دىمەيدۇ ، باشقىلار ئۇنى كۆرسىلا خۇددى يامان بىر نەرسىنى كۆرگەندەك دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ .
    ئىدارىنىڭ چوڭ بىر رەھبىرى ، ئىخسىاددي مەسلىگە چېتىلىپ قېلىپ تۆت يىل كىسىلىپ كەتتى ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى پاش قىلدىمىكىن دەپ ئۇنىڭدىن گۇمانلاندى ، دىگەندەك  دەل ئۇنىڭ قىلغانلىقى ئىسپاتلاندى .
    ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تېخى ئىدارىنىڭ مالىيەسىگە مەسئۇل ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ ئىشداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ناچار ئىدى چۈنكى ئۇ خىزمەتتە ناھايىتى ئاكتىپ بىر ئادەم .
    ئۇ خىزمەتتە ياخشى خىزمەتداش ئەمەس ، ئائىلىدە بولسا ياخشى ئەر ، ياخشى ئاتا ئەمەس .ئۇنىڭ ئايالى ئىشچى ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن مەجبۇرى دىگۈدەك ئاجىرىشىپ كەتتى ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ بالىسىمۇ ئۇنى قەتئي ياقتۇرمايمىش ، خۇددى ناتۇنۇش كىشىلەردەك مۇئامىلە قىلارمىش .
    بىر ئادەم ياشاپ مۇشۇنداق بىر باسقۇچقا كىلىپ قالسا ، ئۇنىڭ ياشىغىنىنىڭ  نىمە ئەھمىيىتى ؟ بۇنداق ياشىغاننىڭ  نىمىگە پايدىسى ؟بۇنداق ھاياتنى بىز مەغلۇبىيەتلىك ھايات دىسەك تامامەن توغرا .
    لىكىن ھەر قانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپىنى كۆرۈش كېرەك دە 
    ھىچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان بۇلىشى مۇمكىن ئۇ ئىلگىرى بىر ئەسكەر ئىدى يەنە كىلىپ    ۋېتنام ئۇرىشىغا قاتناشقان. ئۇ بىر لىيەنجاڭ ئىدى، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا   ئۇنىڭ لىيەنىدىكى  30 ئادەمدىن ئاران 3ئادەم ھايات قالغان ئىدى .ئۇ ھەر ئايلىق مائاشىنى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان سەبداشلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئەۋەتىپ بېرەتتى . ئۇرۇشتىن كىيىن ئۇ قاندىن قورقىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى شۇنداق بولىسمۇ ھەر يىلى قان تەغدىم قىلاتتى .ئۇ يەنە بۇ شەھەر بويىنچە ئەڭ دەسلەپ ئۆلگەندىن كىيىن ئۆز ئەزالىرىنى جەمىيەتكەن تەغدىم قىلغان كىشى ئىدى .
    ئەمەلىيەتتە ئۇ قەتىئي ئۆز مەنپەتىنى ئويلىمايدىغان بىر ئادەم . ھەر كۈنى بۇ دۇنيانىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ تۇرۇش ، بۇ ئالامنىڭ رەڭگارەڭ مەنزىرلىرىدىن بەھىر ئېلىپ تۇرۇش بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۈرۈش  ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى ئىدى چۈنكى ئۇنىڭ سەبداشلىرى ئۇنداق قىلالمايتى ئۇلارنى بۇ تۇپراق ئۆز قوينىغا ئالغان ئىدى .
    ھازىر يەنىلا ھىچكىم ئۇنى ياخشى ئادەم دىمەيدۇ ، ئەمما زادى كىم ياخشى ئادەم ھىساپلىنىدۇ ؟؟؟

    青年文摘)ژورنىلىىنىڭ 2007يىلىق 5-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى . ئاپتۇرى لىيۇۋ شا


    收藏到:Del.icio.us