-
غەنى باتۇر: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قەھرىمانى.
غەنى غوپۇر: ماتېماتىك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
غەنىزات غەيۇرانى: لۇغەتشۇناس، شائىر، ئار تىل-يېزىق كومىتېتىدىن.
غەيرەتجان ئوسمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
ھاجىئەكبەر ئەيسا: بايلىق خىمىيىسى مۇتەخەسسىسى، تەتقىقاتچى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن.
ھىسامىدىن قۇربان: زامانىمىزدىكى نەسىردىن ئەپەندى.
ھوشۇر ئەلى: رەسسام، خەتتات، بىرىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى.
ھوشۇر ئىسلام: پروفېسسور، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
ھۈسەنجان جامى: ئاتاقلىق تەمبۇرچى، مۇزىكا ئىجادچىسى.
ھۈسەنجان تۇنىياز: ئۆسۈملۈك ئاسراش كەسپى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئىبراھىم مۇتىئى: زامانىمىز ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ باشلامچىسى، تەتقىقاتچى.
ئىدرىس ئابدۇروسۇل: ئارخېئولوگ، تەتقىقاتچى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالىغۇچى.
ئىليار شەيخىدىن: ئۆپكە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئىمىن تۇرسۇن: ئۆرپ-ئادەت تەتقىقاتچىسى، شائىر، تىلشۇناس.
ئىمىننىياز ئىسمائىل: كومپوزىتور، تۇرپان ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن.
ئىسراپىل يۈسۈپ: ئارخېئولوگ، قەدىمقى ئەسەرلەر ۋە تارىم مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى. -
2010-07-01
ئاتاقلىق يازغۇچى زوردىن سابىر خاتىرە سارىيىWell-known author zordun sabir - [ئۇيغۇر ئەرباپلىرى--]
ئاتاقلىق يازغۇچى ، ئانا يۇرت ئوغلى زوردون سابىرنىڭ خاتىرە سارىيى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرىدا قۇرۇلدى
ئاتاقلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر ئەپەندىگە بېغىشلانغان فىلىم ، ئادرىسى بۇ بەتتە .
http://www.elqut.cn/e/action/ShowInfo.php?... -
2010-04-29
abdukadir damollam ئابدۇقادىر داموللام - [ئۇيغۇر ئەرباپلىرى--]
ئابدۇقادىر داموللام ئوتتۇرا ئاسىياغا ، جۈملىدىن غەربى ئاسىياغا تۇنۇلغان كاتتا ئالىم ، ئۇستا ناتىق ، ماھىر مۇنازىرچى ، مىللەت پەرۋەر مائارىپچى ، تالانتلىق شائىر ۋە پاراسەتلىك ئۇستاز . شۇنداقلا يۈكسەك غورۇرغا ئىگە ، ئازئۇچرايدىغان ئىنسان بۇلۇپ ،xx ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر جەمىئىيىتىدە ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە تۈرۈتكە بولغان. ئابدۇقادىر داموللام 1862-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد يىزىسىدا ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك بىر ۋەتەنپەرۋەر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . مەشھەد - قارا خانىيلار خاقانلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ سىياسى ۋە ھەربىي تالانتى بىلەن دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان مەشھۇر خاقان - سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلىنغان مەشھۇر جاي . تارىختا كىشىلەر سۇلتان ساتۇق بۇغرا خان ۋە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قەبرىگاھ يېنىغا مەسجىد ، مەدرىس ، خانقا لارنى بىنا قىلغان . ئابدۇقادىر داموللام باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مانا مۇشۇ مەشھەد تىكى << ھەزرىتى سۇلتانىيە مەدرىسى >> دە ئالغان .
-
شىنجاڭ ئۇنىۋېر سىتىېتنىڭ مول مېۋىلىك پروفېسسورى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر مەدەنيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۇسۇش خاراكتېرلىق ئىلمى مۇۋەپپەقىيەت ھەم بەدىئى ئىجادىيەت ساھەسىدىكى چېلقارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۇھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم ، تالانتلىق ئەدىب ،تۇھپىكار مائارىپچى ،
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۇنى ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ،ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەتئىمىن ، ئانىسىنىڭ ئىسمى ھەمراخانىم ئىدى ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېگانە پەرزەنتى بۇلغان ئابدۇشۇكۇرگە ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە ( شۇكىرىللا ) دەپ ئات قۇيۇلغان ،
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادا تەرەپ بوۋىسى ئىبراھىم ھاجىم 1910-يىللىرى ئائىلىسى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۇل بۇيدىكى قاراقول شەھىرگە چىقىپ دادىسى مەمتىمىن ھاجىمدىن قالغان خۇرۇم كارخانىسىنى باشقۇرغان ، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادىسى مۇھەممەتئىمىن ( ئۇكتەبىر ئىنقىلابى ) نىڭ ئالدى-كەينىدە قاراقول ، تاشكەنتلەر دە ئۇقۇغان ،ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئانىسى ھەمراخانىم ئاتۇش تۇركۇللۇك خۇجا قاسىم دېگەن باينىڭ يەتتىنجى پەرزەنتى ، شۇنداقلا بىردىن بىر قىزى ئىدى ، خۇجا قاسىمباي ئائىلىسى ئەينى يىللىرى ئەنجان