• 2010-10-16

    QQ ئىشلىتىشتە بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

    QQ ئىشلىتىشتە بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

    كىلىش مەنبەسى:گۈلسىرى ئۇنۋىرسال تورى .


    مۇنبىرىمىزدە دائىم دىگۈدەك بەزى بىر دوستلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىپ كەلگەن دەرىجىسىمۇ شۇنداق يۇقىرى بولغان QQ نۇمۇرلىرى يۈتۈپ تۇرىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇنى ئۆزۈڭلاردىن كۆرۈڭلار ، چۈنكى ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ نۇمۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۆزى مەسئۇل بولۇپ كىلىدۇ ، شۇ سەۋەبلىك مەن قانداق قىلغاندا QQ نۇمۇرنى ئوغرىدىن ساقلىغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي !

    ئادەتتە نۇرغۇن دوستلار ئۆزىنىڭ يۈتكەن QQ نۇمۇرىنى ئەرىز قىلىدۇ ، ئەمىليەتتە بۇنىڭ سەۋەبى QQ نۇمۇرغا 木 马 يۇققانلىقتىن ئەمەس ، زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ھازىرگە قەدەر توردا نۇرغۇنلىغان QQ نۇمۇرنى ئوغۇرلاش يۇمتاللىرى مەيدانغا كەلمەكتە ، ھازىر ئەڭ مودا بولۇپ ئىشلىتىلىپ كىلىنىۋاتقان( QQ 密 码 猜 解 器) يۇمتالى ، بۇ يۇمتال ئارقىلىق ھەر قانداق بىر QQ نۇمۇرنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى بىلىۋالالىشى مۇمكىن ، بۇ يۇمتال سىزنىڭ QQ نۇمۇرىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئاپتۇماتىك ھالدا تىېپىپ چىقالايدۇ ، ئەلۋەتتە سىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىڭىزنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى قانچىكى يۇقىرى بولسا يۇقارقى يۇمتال ئارقىلىق سىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىڭىزنىڭ تىپىپ چىقىش شۇنچىكى قىيىن توختايدۇ ، ئەگەر سىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىڭىزنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى قانچىكى تۆۋەن بولسىمۇ يۇقارقى يۇمتال ئارقىلىق سىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىڭىزنىڭ تىپىپ چىقىش بىر قەدەر ئاسان توختايدۇ .
    شۇڭا بارلىق دوستلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتىۋار QQ نۇمۇرىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ، تۆۋەنكى ئادىرىسقا كىرىپ ئۆزىڭىز ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان مەخپى نۇمۇرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تەشكۈرۈپ كۆرۈڭ :
    http://safe.qq.com/strategy/pswsafe.shtml

    ئۇنداقتا مەلۇم بىر QQ نۇمۇرنىڭ مەخپى نۇمۇرنى قوغداش ماتىريالىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ ؟
    ئادەتتە كەسپى ئوغرىلار ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەن 3 قىتىملىق QQ نۇمۇرنىڭ مەخپى نۇمۇرنى بىلىۋالغاندىن كىيىن تىڭشۇنگە ئەرىز سۇنىدۇ ، كەسپى ئوغرىلارنىڭ تىڭشۇنگە ئەرىز سۇنۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش دەرىجىسى ئادەتتە ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تەجىربىسىگە تايىنىپ سىزنىڭ QQ نۇمۇرىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرنى قوغداش ماتىريالىڭىزنى بىلىۋىلىپ ئۆزگەرتىۋالىدۇ خالاس.

    QQ نۇمۇر ئوغۇرلىنىشىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى :
    1. ئىمكانقەدەر تىڭشۇن شىركىتى يىڭىدىن چىقارغان مۇكەممەل QQ نەشىرىنى ئىشلىتىڭ ، ئادىرىسى :
    http://im.qq.com
    2.ئۆزىنىڭ QQ نۇمۇرىغا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان مەخپى نۇمۇرنى قوغداش مۇلازىمىتىنى ئورنىتىڭ ھەمدە ئورناتقان ماتىريالنى ئىسىڭىزدە ئوبدان ساقلاڭ .
    3. QQ مەخپى نۇمۇرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى چوقۇم يۇقىرى قىلىڭ ، ئىمكانقەدەر ئىنگىلىز يىزىقى بىلەن ھەرىپلەر ئارىلاشقان بولسۇن ، 16-8 ھەرىپكىچە بولسا مۇۋاپىق .
    4.ئۆزىنىڭ QQ نۇمۇرىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرنى قوغداش مۇلازىمىتىگە ئورناتقان email پوچتا ئادىرسىنى چوقۇم ئىسىڭىزدە ساقلاڭ ، POP3 تۈرىدىكى email پوچتا ئادىرسىنى ئورناتماڭ ، چۈنكى POP3 تۈرىدىكى email پوچتا ئادىرسى مەخسۇس QQ نۇمۇر ئوغۇرلايدىغان ۋىروس.
    5.تورخانا ھەمدە ئامىۋى سورۇنلاردا QQ ئىچىش توغرا كەلسە (网 吧 模 式) ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئىچىڭ !
    6.كومپىيۇتۇرىڭىزدا ئەڭ ياخشىسى 防 杀 毒 يۇمتالى بولسۇن ، ئىمكانقەدەر 金 山 毒 霸2007 正 式 版 يۇمتالىنى ئىشلىتىڭ !
    7. تور ئادىرىسى بىخەتەر بولمىغان تور بەتلەردىن ھەگىز يۇمتال چۈشۈرمەڭ !
    8.QQ پوچتا ساندۇقىڭىزغا كەلگەن exe شەكلىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرمەڭ ، دەل ۋاقتىدا يۇيۋىتىڭ !

    مەخپى نۇمۇرنى بىخەتەر كىرگۈزۈشتىن ئاددى ئۇسۇل :
    ئەگەر سىزنىڭ QQ مەخپى نۇمۇرىڭىز (520me110) بولسا ، سىز بۇ مەخپى نۇمۇرنى تەرتىپ بويىچە باسماڭ بۇنداق باسسىڭىز ئەگەر كومپىيۇتۇردا 木 马 بولۇپ قالسا سىزنىڭ باسقان مەخپى نۇمۇرىڭىز 木 马 ئىگىسىنىڭ email پوچتا ئادىرسىغا يوللۇنۇپ كىتىدۇ ، شۇڭا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلدا بىسىڭ : ئالدى بىلەن 520110 نۇمۇرىنى بىسىپ ئاندىن يەنە مائۇس بەلگىسىنى 520 بىلەن 110 ئوتتۇرىغا ئەكىلىپ me نى تولدۇرسىڭىز يەنىلا ئوخشاش 520me110 شەكلىدە بولىدۇ ، لىكىن 木 马 بولغان شارائىتتا 木 马 ئىگىسىگە 520110me شەكلىدە بولۇپ كۆرىنىدۇ ، بۇنداق ئۇسۇلدا سىز بىخەتەر QQ ئاچالايسىز .

    يەنە بىر ئۇسۇل : سىز ئۆزىڭىزگە ناتۇنۇش شۇنداقلا بىخەتەر ئەمەس دەپ ئويلايدىغان كومپىيۇتۇردا QQ ئىچىش زۆرۈر بولغاندا ئالدى بىلەن http://safe.qq.com/tso ئادىرىسىغا كىرىپ كومپىيۇتۇردا 木 马 بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ !

    ئەلۋەتتە نۇرغۇن دوستلارنىڭ QQ نۇمۇرى يۈتتىما ئۇنى يەنە قايتۇرۇپ ئەكەلمەك ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ :
    سىزنىڭ QQ نۇمۇرىڭىزنى ئوغۇرلىغان كىشى ئۇ كەسىپنىڭ ئەھلى شۇنداقلا كەسپى مەخسۇس تەربىيلەنگەن كىشى بولسا ، ئۇنداقتا قارشى تەرەپ سىزنىڭ QQ نۇمۇرىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرنى قوغداش ماتىريالىنى ئۆزگەرتىۋالغان شارائىت ئاستىدا سىز ئۈمىدىڭىزنى ئۈزسىڭىزلام بولىدۇ ، چۈنكى :ئۇ بىر قىسىم سىزنىڭ QQ نۇمۇرىڭىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەن تارىخى مەخپى نۇمۇرىڭىزنى بىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەخپى نۇمۇرنى قوغداش ماتىريالىنىمۇ بىلىدۇ يەنە مەخپى نۇمۇرنى قوغداش ماتىريالىدىكى emai ئادىرسىنىمۇ بىلىدۇ ، ئىشقىلىپ مەخپى نۇمۇر ئوغۇرلايدىغان بارلىق ھۆنەرلىگە ئۇ ماھىر ، ئەلۋەتتە ئوغۇرلاپ كەلگەن QQ نۇمۇرنى خەققە تارىتقۇزۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىشقىمۇ ناھايىتى ماھىر ، ئەگەردە سىز بىر ئاماللارنى قىلىپ QQ نۇمۇرىڭىزنى قايتۇرۇپمۇ ئەكىلەلىسىڭىز يەنىلام قارشى تەرەپ سىزنىڭ QQ نۇمۇرىڭىزنى تىڭشۇنگە ئەرىز سۇنۇپ ئەكىتەلىشى تۇرغانلا گەپ چۈنكى : ئۇ بارلىق ماتىرياللارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ .
    شۇڭا بارلىق QQ ئىشلىتىدىغان دوستلارنىڭ ئامال بار مەخپى نۇمۇرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىشىنى ھەمدە QQ نۇمۇرنىڭ مەخپى نۇمۇرنى قوغداش ماتىريالىنى ئىسىدە چىڭ ساقلىشىنى ھەمدە ۋاقتىدا QQ نۇمۇرىغا ئۆزىنىڭ كىملىك نۇمۇرى بىلەن ئىسمىنى بىكىتىۋىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
    دوسلار يىڭى نومۇر ئالغاندا نومرىڭىزنى 保护قىلۋىلىڭ مۇنداق بولغاندا بىخەتەر بولىدۇ


    收藏到:Del.icio.us