•  

    بۇ فىرانسىيەلىكنىڭ ئىسمى شارىل دې-گول بۇلۇپ ،شۇچاغدا فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىدى.ئۇ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گىرمانىيەگە تەسلىم بۇلۇش نىيتىگە كەلگەنلىكىنى ،شۇنداقلا بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايقىغاندىن كىيىن شۇنداق قىلغانىدى.دې-گول لوندونغا يىتىپ بېرىپ ئەتىسىلا چېرچىلنىڭ ياردىمى بىلەن رادىئو نۇتىقى ئىلان قىلىپ شۇنى جاكارلىدى:‹فىرانسىيە تۈگەشمىدى،ھامان بىر بىز مەغلۇبىيەتتىن غەلبىگە يۈزلىنىمىز! مەيلى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ،فىرانسىيەنىڭ قارشىلىق يالقۇنلىرى ھەرگىز ئۆچمەسلىكى كېرەك ھەمدە ھەرگىز ئۆچمەيدۇ...›كىشىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇسۆزلەر رادىئو نۇتىقى ئارقىلىق فىرانسىيەگە يىتىپ بارغاندا خەلىق ئاممىسى شادلىق ۋە ھاياجانغا چۆمۈشتى .پارىژدا بىر توپ ئوقۇغۇچىلار ئىككى تال بېلىق تۇتىدىغان قارماق دەستىسىنى كۆتۈرۈپ زەپەر دەرۋازىسىغا يىغىلىشىپ دې-گولنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .چۈنكى فىرانسوز تىلىدا ‹ئىككى تال قارماق دەستىسى ›دىگەن سۆز ‹دې-گول›دىگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش كىلىدۇ.تەسلىم بۇلۇشنىلا ئويلىغان فىرانسىيە ھۆكۈمىتى دې-گولغا ئىچى ئىچىدىن ئۆچمەنلىك قىلىپ ئۇنى ئۈلۈم جازاسىغاھۈكۈم قىلدى .

    دې-گول ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ‹ھۆر فىرانسىيە ›ھەركىتىنى تەشكىللەشكە كىرىشتى .1940-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە ‹ھۆر فىرانسىيە›نىڭ ئارمىيەسى 35مىڭ ئادەمگە يەتتى .ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 1000ئادەم ئۇچقۇچى ئىدى. 1941-يىلى 9-ئايدا سوۋىت ھۆكىمىتى دې-گولنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ‹ھۆر فىرانسىيە كىشلىرىنىڭ داھىسى ›دەپ ئېتراپ قىلدى .فىرانسىيە ئۇچقۇچىلىرى سابىق سوۋىت ئىتىپاقىدا بىر ھاۋائىسكادىرونى بۇلۇپ تەشكىللىنىپ گىرمانىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى .ئۇلارنىڭ ئۇرۇش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا كىيىن بىر پولىك قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ تەشكىللەندى،دې-گول يەنە تۆت دېۋىزىيە چىقىرىپ ئىتپاقداش ئارمىيەسىنىڭ ئىتالىيەدىكى ئۇرىشىغا قاتناشتۇردى .
    1944

  • كېلىن تاللاش خۇسۇسىداkilin tallax

    ئۆكتەم مۇھەممەد (ئۆزبېكىستان) oktam muhammad .uzbikistan

    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئۈممىتىم، نىكاھلىنىڭ. چۈنكى بىر كۈننىڭ نىكاھى، بىر يىللىق
    نەپلى ئىبادەتتىن خەيرىلىكتۇر! سىلەردىن بىرىڭلار ئۆيلەنسە شەيتان شېرىكلىرىگە شۇنداق دەپ ۋارقىرايدۇ: ‹بۇ ئادەم دىننىڭ
    ئىككىدىن بىر بۆلۈكىنى ئادا قىلدى، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش تەس› ئۆيلەنسەڭلار ئۆزۈڭلەرگە ئاتىلىق، ئۆيلەنگەن قىزغا بولسا ئانىلىق
    شەرىپىنى بەخىش ئەتكەن بولىسىلەر».
    پەيغەمبىرىمىز يەنە: «نىكاھتا ئايالنىڭ تۆت تەرىپى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ: مال ـ مۈلكى، خۇشپىچىم ـ گۈزەللىكى ۋە دىنىي
    ئېتىقادى. سىلەر ئەلۋەتتە ئېتقادلىق ئايالنى تاللاڭلار. شۇندىلا ئائىلە بەرىكەت تاپقۇسى» دېگەن. شۇنىڭدەك باشقا بىر
    ھەدىستە: «ئاياللارنى پەقەت چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈنلا نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار، چىرايى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى يامانلاشتۇرۇپ قويۇشى
    مۇمكىن. ئۇلارغا مال ـ دۇنياسى ئۈچۈنمۇ ئۆيلەنمەڭلار، مال ـ دۇنيا ئۇلارنى يولدىن ئازدۇرۇشى مۇمكىن. ئاياللارغا ئېتىقادى ۋە
    ئەدەب ـ ئەخلاق، قائىدە ـ يوسۇن بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆيلىنىڭلار. شۈبھىسىزكى، كۆڭلىكى يىرتىق، كۆڭلى سۇنۇق بولسىمۇ
    ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، قائىدە ـ يوسۇن ۋە شەرم ـ ھايالىق ئايالغا ئۆيلىنىش ناھايىتى قىممەتلىكتۇر» دېيىلگەن. كۆپچىلىك
    ئالىملار، ئۆيلىنىش ئىشىدا يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىشنى، بولغۇسى كېلىننى ئادىللىق بىلەن (غەرەزسىز ھالدا) تاللاشنى تەۋسىيە
    قىلىشىدۇ

     


  • خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    پەيغەمبەر ئوغلى ھەسەن ئالتە ياشار، 
    مەككىدىن-مەدىنىگە سەككىز باسار، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    ئاسماندىن لەيلەپ چۇسكەن مەللە پوتا، 
    ئۇيۇڭدە بىر ئوغلۇڭ بار خىزرى ئاتا. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزا

  • تەبىئەتتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ قۇياش نۇرى ، ھاۋا ، سۇ .
     سۆزلىشىشتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ ئۆزلىرى ، رەھمەت ، كەچۈرۈڭ  .
      جاھاندارچىلىقتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ كىچىك پېئىللىق ، ئەدەپ ، ئاپىرىن ئېيتىش .  
        يېتى...