• 9/2/2010

    رامزان قوشاقلىرى ۋە رامزان قوشاقلىرى توغرىسىدا - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/74195710.html

    رامزان قوشاقلىرى ۋە رامزان قوشاقلىرى توغرىسىدا

     

    رامزان كۈنلەردە خەلق ئارىسىدىكى خالىس نىيەتلىك مۇسۇلمانلار، مۆمىنلەرنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىغا پېتىپ قېلىپ، سوۋھور يېيىش ۋاقتىنى ئۆتكۇزۇپ قويماسلىقى ئۇچۇن قەرەللىك ۋاقىتتا كېچىدە كوچىمۇ كوچا، مەھلىمۇ مەھەلە يۇرۇپ ئاللاھ يولىدا قوشاق ئېيتىپ كىشىلەرنى ئۇيغاتقان.
      يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىلگىركىلەرنىڭ ھەق يولىدا قىلغان بۇخىل ئەمگىكى كېيىنكىلەر تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇپ، قوشاق تېكىستلىرىمۇ بېيىپ ھەم تولۇقلىنىپ ھازىرقى ھالەتگە يەتكەن.
    قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدە قۇمۇلنىڭ ھەرقايسى شەھەر، يېزا، قىشلاقلىرىدىن توپلاپ كەلگەن ئوردىغا قاراشلىق ئەل-نەغمىچىلەر بولغان، ئۇلار ھەر ھېيت-بايرام، سەيلە، توي-تۇكۇن، مەشرەپلەردە گاھ ئوردا ئىچىدە، گاھ ئوردا دەرۋازىسى ئۇستىدە نەغمە-ناۋا قىلىپ كەلگەن. رامزان ئېيى كەلگەندە بولسا بىر قىسىم كانايچى، سۇنايچى، ناغرىچىلار ئوردا راۋىقى ئۇستىگە چىقىپ سوۋھۇر ۋاقتىدا سازنىڭ رامزان قوشىقى ئېيتىپ، كىشىلەرنى سوۋھورلۇققا چاقىرغان. قۇمۇل ۋاڭلىرى بۇ نەغمىچىلەرگە ھەر يىلى رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئۇچ كۈنىنى قۇمۇل شەھەر ئىچىدە قازى، ئىمام، مۇتپى، تەيجىلەرنىڭ ئۆيى ئالدىدا رامزان ئېيتىپ، ئۇزلىرى ئۇچۇن زاكات يىغىۋېلىشقا رۇخسەت قىلغان. ئەينى زامان چوڭلىرىمۇ چامىسنىڭ يىتىشىچە بەزىلىرى چوڭى ئات، كالىدىن، كىچىكى قوي، ئۇچكىگىچە زاكات بەرگەن. ۋاڭ بۇلارنى سۇرۇشتۇرۇپ تۇرغان. ئەنە شۇندىن باشلاپ بۇ ئىش ئۇزۇلمەي داۋاملىشىپ بىر خىل ئادەت تۈسىنى ئالغان.
    كىيىنكى بۇ ئىش بارا-بارا ئاۋۇم خەلق ئىچىگە ئومۇملاشقان ۋە ئۆزىنىڭ ئەن-ئەنىۋى سۇپىتىنى ساقلىغان ئاساستا ھەر قايسى دەرۋرىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ ئۆزگىرىپ ماڭغان. ھازىرمۇ قومۇلدا ھەر رامزان ئېيىدا بىر نەچچە كىشى تەشكىللىنىپ داپ-غېجەك، ناغرا-سۇننايلارنى چېلىپ، مەھەلىمۇ مەھەللە يۇرۇپ، رامزان قوشاقلىرىنى ئېيتىپ، ئەجدادلىرىنىڭ بۇ ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
    تۆۋەندىكىسى رامزان قوشاقلىرى :

    ئەۋەل باشلاپ خۇدانى ياد ئەتىمىز، 
    پەيغەمبەرلەر روھىنى شاد ئەتىمىز؛ 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    رامزان ئېيتىپ ئۇتكەن ئۆمەر، ئەلى، 
    ئۇلاردىن قالغان ئىكەن نۇشالىرى، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياتقان بايلار، 
    روسىنىڭ زاكاتىغا پاتقان بايلار. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    پەيغەمبەر ئوغلى ھەسەن ئالتە ياشار، 
    مەككىدىن-مەدىنىگە سەككىز باسار، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    ئاسماندىن لەيلەپ چۇسكەن مەللە پوتا، 
    ئۇيۇڭدە بىر ئوغلۇڭ بار خىزرى ئاتا. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    روزىنى ئون بەش تۇتۇپ كەلدۇق سىزگە، 
    روسىنىڭ زاكىتىنى بېرىڭ بىزگە. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    روزى تۇت-ناماز ئۆتە جانىڭ ئۇچۇن، 
    خەيرى قىل، زاكاتنى بەر مالىڭ ئۇچۇن؛ 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    قى-قى-قى قىزىل خخورازئەركەك-چىشى، 
    سوغۇن بىلەن نان بېرىدۇ مەزلۇم كىشى، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    روزىنىڭ ئونى كۈنى قادىر كۈنى، 
    بۇلتۇرقى مۇسۇلمانلار بۇ يىل قېنى، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    بۇ روزا ئۆتسە يەنە روزا كېلۇر، 
    كىم ئۆلۈپ، كىم تىرىلۇر ئاللاھ بىلۇر. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    ئىشىكىڭنىڭ باشىدا ئاي كۆرىنۇر، 
    ھەممە ئۇيدىن مۇشۇ ئۇي باي كۆرۇنۇر، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    روزىدا ئۆلتۇرگىنىڭ كۆك ئالا قوي، 
    گۆشىنى ئۇزۇڭ يېسەڭ تۇشنى قوي، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    سېغىزخان سايرىشىدۇ ساي باشىدا، 
    ئۆلتۈرگەن مالىڭ قېنى ئاي باشىدا. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    ئاق ئۇيۇڭ-ئاپاق ئۇيۇڭ ئوردا بولۇپ، 
    ئۇيۇڭدە بىر ئوغلۇڭبار موللاھ بولۇر. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    ئۆيلىرىنىڭ ئارىسى قوينىڭ ئىزى، 
    پات چىقىپ نان بەرسىلەر باينىڭ قىزى. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    قوزۇقنى ئۇ يەرگە قاق، بۇ يەرگە قاق، 
    خالتاڭدا ئۇن قالمىسا سۇپرەڭنى قاق؛ 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    بۇ روزا ئوتتۇز كۈن مىھمانىدۇر، 
    روزىنى تۇتمىغانلار ھايۋانىدۇر، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    ئاق يىلان، ئاپاق يىلان ئىز مالىسنا، 
    مۇسۇلمان بەندىسى بولساڭ ئۇيخانسىنا. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    ھەريەردە شۇنچە ئېيتساق كەچ بولىدۇ، 
    بەرگىنىڭ بەرمىگىنىڭ ھەش بولىدۇ. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    بۇ ئوتۇن ئاپاق ئوتۇن، قاقشال ئوتۇن، 
    رامىزانچىغا نان بەرمىگەن يامان خوتۇن، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    بۇ ئالەم بە جايى كەپتەر خانىدۇر، 
    بىرى ئۇچسا، بىرى كېلىپ قونادۇر، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    موماي قوپتى كۇندۇكتىن ئۇن ئالغىلى، 
    كۇندۇك ئۇرۇلدى موماينى باسقىلى، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    بوۋاي قوپتى قوتاندىن قوي تۇتقىلى، 
    قوغى ئۇرۇلدى بوۋاينى باسقىلى، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    ئىشىكىڭ بەشىدىكى قوي بەشىمۇ، 
    بىر پارچە زاغرا نان ئاتاڭنىڭ بەشىمۇ، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    ئۇيۇڭنىڭ ئىچى تېشى-خاندو پۇرچاق، 
    ئۆيۈڭدە بىر ئوغلۇڭبار ھام قاپاق، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    ئۇيۇڭنىڭ ئىچى تېشى يانتاق ئوتۇن، 
    ئۇيۇڭدىن بىر چىقمىدىڭ مايماق خوتۇن، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    پەيغەمبەر مىندى ئاق بوز ئاتنىڭ يالىغا، 
    سالدى قامچا كىردى جەڭنىڭ يولىغا، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    ئۇيىڭنىڭ ئىچى تېشى پۇرچاقلىق، 
    خۇدايىم پەرزەنت بەرگەي مونچاقلىق، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    ئۆيىڭىزنىڭ جۆرىسى قوينىڭ ئىزى، 
    قوي كۆزى ياغلىق بېرەر باينىڭ قىزى. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    پەيغەمبەر ئوغلى ھەسەن، ياقۇپ ئىكەن، 
    خۇدانىڭ كالامىنى ئوقۇپ ئىكەن، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    رامزان ئېيتىپ كەلدۇق ئىشىكىڭگە، 
    خۇدايىم ئوغۇل بەرسۇن بۇشۇكۇڭە،. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللا رامزان، 
    خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    بېلىجان ئوينىشىدۇ كۇلچىكىدە، 
    قۇشناچىم ئون بېرىدۇ چۇچەكىدە، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    ئاسماندىن لەيلەپ چۈشكەن مەللە پوتا، 
    يۇڭدە نەزىر قىلساڭ خىزىر ئاتا. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    رامزان ئېيتىپ-ئېيتىپ ھارمايمىز، 
    ئالتە نان بەرمىگىچە يانمايمىز، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان؟


    (1991): قۇمۇل نەزمىلىرى. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى
    مەنبە: رەشىد بىلوگى